رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى
ئەركمان تەرجىمىسى ("دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار"دىن)
قەدىمقى رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئەجلىنىڭ ساھىبلىرى ئەمەس. بەزىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا بەك ئەسكىلىك قىلىۋەتكەنلىكىدىن قەستلىنىپ جەسەتلىرى پارچىلىۋېتىلگەن، بەزىلىرى قىساسخورلارنىڭ قەستىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياكى يەنە بەزىلىرى ئۆز زېمىنلىرىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان. پەقەت تىبېرىئۇسلا «ئۆزگىچە بىر ئىمپېراتور» بولۇپ، ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىش يولىنى تاللىۋالغان.
تىبېرىئۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى 42-يىلى تۇغۇلغان، ئاۋگۇستۇس ( ئوكتاۋىئان ) نىڭ بېقىۋالغان ئوغلى.مىلادى 14-يىلىدىن 37-يىلىغىچە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن رېيىن، دوناي دەريالىرى ۋادىلىرىدا نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-يىلى ئاۋگۇستوسنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ جۇلىيە ( ئاۋگۇستۇسنىڭ قىزى، ئاگرىپپانىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ) بىلەن توي قىلغان. مىلادى 4-يىلى، يەنى مۇشۇ زاماندىن 2006 يىل بۇرۇن ئاۋگۇستوس ئۇنى تەخت ۋارىسى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 56 يېشىدا تەختكە چىققان. دەسلەپتە سىناتقا مۆتىدىل مۇئامىلىدە بولغان، ئەمما رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بۇ دۆلەت ئاپپاراتىغا ئىشەنمىگەن. ئۆز يېقىنلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى» نىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقى سېجانۇسنىڭ ھېچنېمىدىن ھېيىقماي زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويۇپ قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان. مىلادى 26-يىلى كامپانىيە ئەتراپىدىكى كاپرى ئارىلىغا ئۆزىنى ئۆزى سۈرگۈن قىلىپ كىشىلەرگە ئارىلاشماي ياشىغان. سېجانۇسنىڭ ئاسىيلىق قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قاتتىق جازالىغان ھەمدە يېڭىدىن تەيىنلىگەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقى ماكرونىڭ قەستىدە ئۆلگەن.
ئۇنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى مۇنداق بولغان : مىلادى 26-يىلى، يەنى تەختكە ئولتۇرۇپ 12 يىل ئۆتكەندە تەنھا ئۆزى يالغۇز رىم شەھىرىدىن چىقىپ سۈرگۈن قىلىنىدىغانلار مەنزىلى كامپانىيەگە كېتىپ 11 يىلغىچە شۇ يەردە تۇرغان. بۇ ھەقتە كىشىلەر نۇرغۇن قىياسلارنى قىلىشىدۇ، بەزىلەر ئۇنى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ئاۋگۇستۇسنىڭ ئۇنى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلىشى ئۇنى روھىي گۇمراھلىققا ئېلىپ بارغان، دېيىشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى 11 يىلىنى كامپانىيەدىكى بۇ سۈرگۈن مەنزىلىدە ئۆتكۈزگەن.
ئەمما، خەقلەرنىڭ قىياسى پىتنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىلادى 55-يىلىدىن 120-يىلىغىچە ياشىغان قەدىمقى رىم تارىخچىسى، ئەدىب، سىياسىيئون تانسىتۇس بەزى تارىخىي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، بۇ ھەرھالدا ئىلمىي مەنبە بولۇشى مۇمكىن. تانسىتۇس مىلادى 14-يىلىدىن 68-يىلىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ئەسىرى «يىللار تارىخى» دا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن. تانسىتۇسنىڭ قارىشىچە، تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق باركەن : بىرى، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى سېجانۇسنىڭ ئۇنى قەستلەش ھىيلە-مىكىرلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ مەلۇماتنى بەرگەن تانسىتۇس يەنە مۇنداق بىر پاكىتنى، يەنى سېجانۇس جازالىنىپ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىنمۇ تىبېرىئۇس داۋاملىق 6 يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى داۋام قىلغان. بۇنى تانسىتۇس تىبېرىئۇس ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئىشرەتخورلۇقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىسى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» نىڭ ياردىمى ئارقىلىق سۈرگۈندىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋەرگەن، دەپ ئىزاھلايدۇ. ئەمما تارىخچىنىڭ بۇ قارىشىغا يەنە بىر تارىخچى، رىم ئىمپېراتورى ھاردىئاننىڭ خۇسۇسىي كاتىبى سۇتونىئۇس قوشۇلمايدۇ. مىلادى 69-يىلى تۇغۇلۇپ 140-يىلى ئۆلگەن بۇ كاتىبنىڭ يازغانلىرىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. سۇتونىئۇس ھاردىئاننىڭ خۇسۇسىي كاتىبى بولۇش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىمپېرىيەنىڭ ئارخىب ئامبىرىدىكى يازما ھۆججەت-ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلانغان. مىلادى 121-يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپلا مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەزكىرە خارراكتېرلىك ئەسىرى «رىم پادشاھلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» («12 نەپەر قەيسەرنىڭ تەرجىمىھالى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا رىمنىڭ قەيسەردىن تارتىپ دومىتىئانغىچە بولغان 12 نەپەر رىم ئىمپېراتورىنىڭ تەرجىمىھالىنى تەپسىلىي يېزىپ چىققان. دەل مۇشۇ ئەسىرىدە ئۇ تانسىتۇسنىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلىدىغان قاراشنى، يەنى تىبېرىئۇسنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەچكە زىيادە ھەسرەت-پىغانلارغا پېتىپ زاھىدلىق يولىنى تاللىۋالغان، دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تانسىتۇس ئىلگىرى سۈرگەن يەنە بىر قاراشتا، تىبېرىئۇس قېرىغىنىدا ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن بەك ئۆكۈنۈپ شۇنداق تەنھا ياشاشنى تاللىۋالغان، دېيىلىدۇ. تانسىتۇسنىڭ يېزىشىچە، تىبېرىئۇس ناھايىتى ئورۇق، ئېگىز ئادەم بولغان، مۈرىسى پەسكە سىيرىلىپ چۈشكەن، چېچى شالاڭلاپ نەچچە تال تۈكىلا قالغان، يۈزىنى قورۇقلار بىر ئالغان، شۇڭا ئۇ سېجانۇسنى جازالاپ بولغاندىن كېيىنمۇ باشقىلارغا كۆرۈنۈشنى خاھلىماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەنھا ياشاپ ئۆزىنىڭ «سەت» تۇرقىنى باشقىلارغا كۆرسەتمىگەن، دېيىلگەن.
يەنە بەزى مىش-مىشلەرنىڭ يۇقىرىقىلاردىن تۈپتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى خېلىلا كېيىنكى تەتقىقاتچى تارىخچىلار نەقل قىلىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، تىبېرىئۇسنىڭ ئانىسى ھوقۇقپەرەستلىكىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پەردە ئارقىسىدا قول شىلتىشكە ئامراق ئىكەن، ئەمما ئانىسىنىڭ بۇ خۇمارىغا ئوغلى كۆنمەيدىكەن، خۇددى «بىر كىگىزدە 10 شەيىخ ئىبادەت قىلىدۇ، ئەمما بىر ئىقلىمغا ئىككى پادشاھ سىغمايدۇ» دېگەن ئىبارىگە رېئايە قىلغان تىبېرىئۇس ئاخىر بۇنىڭغا تاقەت-چىدام خالتىسىنى ئاچالماي ھەم ئانىسىغا قول سالالماي پېشىنى قېقىپ قېيداپ كەتكەنىكەن. قىسقىسى، قەدىمقىلارنىڭ تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇنىڭ تەن كەمتۈكلىكى ۋە ئەخلاق جەھەتكە تاقىلىدىغان سىرلىق بايانلارنى قالدۇرۇشقان. ھالبۇكى، يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى بولسا قەدىمقىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەخلاق ۋە ئېتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى قەدىمقى زامان كىشىلىرى ئەخلاق ۋە ئېتىكا قارىشىنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىيەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتى، دەپ يىغىنچاقلاشقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى كۋالوف «مىلادى 26-يىلى، تىبېرىئۇس ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك ناباب قىلىقلىرىدىن بەزگەنلىكتىن ۋە سېجانۇسنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىدىن جاق تويغانلىقتىن زاھىدلىق يولىغا ماڭغان» دەپ يەكۈن چىقارغان. يەنە بىر تارىخچى ئېدۋارد . ت. سالمون «تىبېرىئۇسنىڭ بۇ يولنى تاللىشىدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن : بىرى، ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسىغا تەجرىبە توپلىتىش، يەنە بىرى ئاگرىپىننانىڭ سۈيقەستىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان» دەپ ئۆز تەتقىقاتىدىن يەكۈن چىقارغان.
ئومۇمەن، بارلىق قاراش-قىياسلار تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىش سەۋەبلىرىگە توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەيلى كىشىلەرنىڭ سۈيقەستىدىن قورقۇشتىن بولسۇن، مەيلى فزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلۈكتىن بولسۇن، ھەممىسى قىياستىن باشقا نەرسە ئەمەس. نۆۋەتتە جۇڭگو-چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تارىخشۇناسلار بۇ سىزرنى يېشىشكە كۈچىمەكتە. تىبېرىئۇس ئۈچۈن ئېيتقاندا، تىرىكلىكىدە ئارمانسىز ياشىغان بولسىلا، ئۆلگەندىمۇ تېگىشلىك نېسىۋىدە ئۆلۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە.