كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 3

پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال دىپلوماتىيە مىنىستىرى خىنە رەببانى كەھار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسمى
ئەلائى
تىللا
76
تۆھپە
35
UID
439
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:03:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال دىپلوماتىيە مىنىستىرى خىنە رەببانى كەھار




توختى مەھمۇت ئەلائى تەييارلىغان





پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارىنىڭ خىنە رەببانى كەھارنى پاكىستان فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىنە رەببانى كەھار پاكىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ قالدى.



بېنازىر بۇتتونىڭ سادىق ئىخلاسمىنى



خىنە رەببانى كەھار (ئوردۇچە: حنا ربانى کھر) 1977-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىخىي مەشھۇر شەھەر مۇلتاندىكى داڭدار بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىرقى باش مىنىستىر جىلانى بىلەن يۇرتداش. ئۇنىڭ دادىسى غۇلام نۇر رەببانى كەھار ۋە تاغىسى غۇلام مۇستافا كەھار پاكىستان سىياسىي مۇنبىرىدىكى پېشقەدەم سىياسىيونلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاممىسىمۇ مۇلتاندىكى مەشھۇر ئايال كارخانىچى ئىدى. كەھار جەمەتى نۇرغۇن يەر- زېمىن ۋە بېلىقچىلىق مەيدانىغا، ئەنبەھ ۋە شېكەر قۇمۇچى ئېكىنزارلىقلىرىغا ئىگە، شۇ جايدا زور سىياسىي تەسىرى بولغان جەمەت ھېسابلىناتتى. خىنە رەببانى كەھار 1999-يىلى لاھور پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، 2011-يىلى ئامېرىكا ماسساچۇسىتىس ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېھمانخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

خىنە رەببانى كەھار كىچىكىدىن تارتىپ پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بېنازىر بۇتتونىڭ سادىق ئىخلاسمىنى بولۇپ، دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، چەت ئەلدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال سىياسىي ساھەگە ئىشتىراك قىلغان. پاكىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇشەررەف ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، خىنە رەببانى كەھار 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىقتىساد ۋە ئىستاتىستىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. خىنە رەببانى كەھار ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى بولغان مەزگىلدىكى ئىپادىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى باش مىنىستىر جىلانى تەرىپىدىن ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «دۇنيادىكى ياش بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.



كۆرۈنۈشى مۇلايىم، خاراكتېرى قەيسەر مىللەتپەرۋەر



خىنە رەببانى كەھار ئات مىنىشكە، كىتاب ئوقۇشقا ۋە سەيلە-ساياھەت قىلىشقا ئامراق. ياش، جەزبىدار بۇ ئايال سىرتىدىن قارىماققا نازۇك ۋە مۇلايىمدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق خاراكتېرى ئىنتايىن قەيسەر بولۇپ، ئۇ خۇددى ئەرلەردەك بوم ئاۋازدا سۆزلەيدۇ، مەرھۇم ئايال باش مىنىستىر بېنازىر بۇتتونىڭ ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، خىنە رەببانى كەھار بېشىغا قېنىق رەڭلىك ياغلىق ئارتىپ، ئۇچىسىغا پاكىستانچە قېنىق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، سىرىتلارغا چىققاندا چوڭ قارا كۆزلۈك كۆزەينەك تاقاپ يۈرگەچكە، تولىمۇ سۈرلۈك كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزۈمچىل خاراكتېرى تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، بەزىدە ھەتتا پىرېزىدېنت بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىشقا كېلىشىپ قويغان پائالىيەتلەرگىمۇ تۇيۇقسىز بارماي قويۇپ، پىرېزىدېنتنىڭ يۈزىنى قىلمايدىغان ئىشلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

خىنە رەببانى كەھار ئۆزىنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېسابلايدۇ، ئۇ پاكىستاننى ئىسلاھ قىلىش غايەت زور بوشلۇققا ئىگە دەپ قارىغاچقا، تۈرلۈك خىرىسلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تېلېگىراف، بانكا قاتارلىق ساھەلەردىكى بەزى ئىسلاھاتلىرى ھازىرچە ئانچە قارشى ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇزاق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىسلاھاتنىڭ پاكىستانغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ.

گەرچە خىنە رەببانى كەھار مودا قىزلاردەك تاشقى قىياپەتكە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇپ كېلىشتەك سەرگۈزەشتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر چىرايلىق ئىسمىنى غەربلىكلەرنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىپ، ئەجنەبىيلەرگە ئىخلاس قىلىدىغان پاكىستانلىقلارغا بەكمۇ نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ، پاكىستان جەمئىيىتى ئاللىبۇرۇن غەربلىشىپ كەتتى، چۈنكى پاكىستاندىكى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن غەربلىكلەرنى پەرقلەندۈرمەك تولىمۇ تەس، دەيدۇ. بىراق، خىنە رەببانى كەھار پاكىستانلىقلار چوقۇم ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى، ئىگىلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى كېرەك، پاكىستاندىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلمايدىغان كىشىلەر، مەيلى پاكىستاندا ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، مەن ئۇنداقلارنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمەن، دەپ قارايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز چوققا بولغان چوگېر چوققىسىغا چىقىپ باققانلىقى ئۇنى ئەڭ شاتلاندۇرغان كەچۈرمىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەر، يەرلىك دېھقانلارنىڭ نامرات بولسىمۇ شۇ قەدەر سېخىي مېھماندوستلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، پاكىستان خەلقىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئانا مەدەنىيەتتىن پەخىرلىنىشى كېرەكلىكىنى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.



ياش ھەم جەزبىدار دىپلوماتىيە مىنىستىرى



كۆپلىگەن پاكىستانلىقلار خىنە رەببانى كەھارنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بەزىلەر مۇنداق دېدى: گەرچە خىنە رەببانى كەھارنىڭ ئالدىدىكى يول مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي كىلىماتىغا يېڭى ھاۋا ئېلىپ كەلگۈسى، چۈنكى دۆلىتىمىز ئاياللارنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشىغا مۇھتاج. يەنە بەزىلەر چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: خىنە رەببانى كەھار شۇنچىلىك جەزبىداركى، ئەگەر ئۇ ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگىغا كەشمىرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھىندىستان باش مىنىستىرى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ھىندىستاننىڭ يېرىمىنى پاكىستانغا بېرىۋېتىشى مۇمكىن.

ئەمما يەنە بىر قىسىم جامائەتچىلىك خىنە رەببانى كەھارنىڭ تېخى بەك ياش بولۇپ، دىپلوماتىيە تەجرىبىسىنىڭ نىسبەتەن كەمچىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە ئاندىن توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. پاكىستاننىڭ ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان «مىللىيەت گېزىتى» «تۇنجى ئايال دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىلگىرىكىلەردىن قانچىلىك پەرقلىنىدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىنە رەببانى كەھار دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر قاتار كەسكىن خىرسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.  



ماقالىنى تەييارلاشتا پايدىلانغان مەنبەلەر:

‹1› خەنزۇچە «دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ 2011- يىل 26- ئىيۇل سانىنىڭ 10-بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماقالە؛

‹2› ئىنگلىزچە «ۋىكى قامۇسى» (wikipedia) تور بېتى، «ھىندى» (The Hindu) تور بېتى ۋە «Google» ئىزدەش تورىدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار (كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرى، سۈرەت قاتارلىقلار).  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-11 13:08  


untitled.bmp

Rank: 6Rank: 6

تىللا
488
تۆھپە
322
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 14:00:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
65.jpg
66.jpg
77.jpg
88.jpg
89.jpg


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 22:48:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىستاننىڭ ئايال چولپانلىرىغىلا ئوخشايدىكەن  . ھىچكىمۇ ئۇنى سىياسى ئەربەب دىمىگۈدەك .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 23:39:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي ئاسىيا سىياسىي سەھنىسىنىڭ گۈلىدەك قىلىدۇ، شۇغىنىسى پاكىستاندەك سىياسىي رايى تۇراقسىز دۆلەتتە چۆجىنى كۈزدە سانىغان ياخشى!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:42, Processed in 0.063324 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش