‹‹ كارىز ›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقىتىلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ‹‹ كۆكلەم ›› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن ‹‹ كارىز ›› ناملىق 6 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 29-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .
مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپ ئەيسا ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى غوپۇر نۇرىدىن تولمبۆك قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمدە ھەر ساھە ، ھەر كەسىپتىكى مۇتەخەسسىس ، تەتقىقاتچىلار ، يازغۇچى-شائىرلار ، سەنئەتكارلار ، تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى .
پائالىيەتتە شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ، ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ، رېژىسسور ھامۇت ئەھمەد تەھۇر ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىنى تونۇشتۇردى ، ھەمدە ئۆزلىرىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى ، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، قومۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ئۈچۈن قان–تەر سىڭدۈرگەن ئەكبەر غۇلام ، خەمىت خەكىموف ، ئەخمەت ئىمىن ، لېتىپ توختى ، دولقۇن قادىر ، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ، دولقۇن ئابدۇللا ، ئىلھام ئابدۇكېرىم ، ئەنەيتۇللا قۇربان قاتارلىق مۇتەخەسسىس-ئالىملارغا ، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى . ‹‹كارىز›› ناملىق 6 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا پىلانلانغان بولۇپ ، 2009-يىلى 1-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىش ، كىرىشتۈرۈش ، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك خىزمەت باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتىدىن بېكىتىپ ئۆتكۈزۈشىگە سۇنۇلۇپ ، 5 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ يىل روياپقا چىققان . كارىز ـــ تىك قۇدۇق ، تەشمە ، ئوچۇق ئېرىق ۋە كارىز كۆلى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە يەر شەكلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىدىغان قەدىمكى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ ، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ ، يەر ئاستىدا بەش مىڭ كىلومېتىر تەشمە قېزىپ دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى بۇ مۆجىزىنى كەشىپ قىلغان . كارىز ھېچقانداق ئېنېرگىيە تەلەپ قىلماسلىق ، تۆت پەسىل توختىماي سۇ ئېقىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ . بىراق بۇ ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن . پارتىيە ، ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ، كارىزلارنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان . ئارقىدىن بۇ تەدبىرلەرنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-سانلىق يىغىنى ( 2006-يىلى 29-سېنتەبىر) ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارىزلارنى قوغداش نىزامى ›› نى ماقۇللاپ ، شۇ يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ، 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغان . دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى كارىزنى ‹‹ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ›› غا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قوللىغان .
مەۋلۇت ئىبىراھىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر
يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ئەكبەر غولام مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇماقتا شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ھامۇت ئەھمەد تەھۇر تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ ئوغلىغا تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ رەسىمىنى سوۋغا قىلدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى ، ئالىي ئېنژىنېر ، نوپۇزلۇق كارىز تەتقىقاتچىسى غوپۇر نۇرىدىن تولمبۆك سۆز قىلماقتا
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم سۆز قىلماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپ ئەيسا سۆز قىلماقتا
كارىزچى قاھار رىشىت بىلەن ھازىرقى زاماندا يېڭىدىن كارىز چاپقان ئابدۇرېھىم ئۇزۇنبۆك كارىز فىلىمىنىڭ ئوپېراتورلىرى بىلەن بىرگە
مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن ئابدۇقادىر سۆز قىلماقتا
مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، دوكتور دولقۇن قادىر سۆز قىلماقتا
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان كۆكلەم شىركىتىگە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرمەكتە
دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسسام ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك كۆكلەم شىركىتىگە سوۋغا تەغدىم قىلدى
مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم سۆز قىلماقتا
شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ھامۇت ئەھمەد تەھۇر بىلەن ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئەپەندى «كارىز» فىلىمىنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ، ئۆتكۈزۈۋېلىش توختامى تۈزدى |