تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3595|ئىنكاس: 9

‹‹ كارىز ›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

154

تېما

56

ئەگەشكۈچى

3169

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
653
مۇنبەر پۇلى
1994
ئىشەنىچ
653
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 16:17:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ كارىز ›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقىتىلدى


     ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ‹‹ كۆكلەم ›› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن ‹‹ كارىز ›› ناملىق 6 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 29-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .

   
  مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپ ئەيسا ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى غوپۇر نۇرىدىن تولمبۆك قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمدە ھەر ساھە ، ھەر كەسىپتىكى مۇتەخەسسىس ، تەتقىقاتچىلار ، يازغۇچى-شائىرلار ، سەنئەتكارلار ، تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى .



    پائالىيەتتە شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ، ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ، رېژىسسور ھامۇت ئەھمەد تەھۇر ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىنى تونۇشتۇردى ، ھەمدە ئۆزلىرىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى ، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، قومۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ئۈچۈن قان–تەر سىڭدۈرگەن ئەكبەر غۇلام ، خەمىت خەكىموف ، ئەخمەت ئىمىن ، لېتىپ توختى ، دولقۇن قادىر ، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ، دولقۇن ئابدۇللا ، ئىلھام ئابدۇكېرىم ، ئەنەيتۇللا قۇربان قاتارلىق مۇتەخەسسىس-ئالىملارغا ، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى .
    ‹‹كارىز›› ناملىق 6 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا پىلانلانغان بولۇپ ، 2009-يىلى 1-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىش ، كىرىشتۈرۈش ، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك خىزمەت باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتىدىن بېكىتىپ ئۆتكۈزۈشىگە سۇنۇلۇپ ، 5 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ يىل روياپقا چىققان .
    كارىز ـــ تىك قۇدۇق ، تەشمە ، ئوچۇق ئېرىق ۋە كارىز كۆلى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە يەر شەكلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىدىغان قەدىمكى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ ، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ ، يەر ئاستىدا بەش مىڭ كىلومېتىر تەشمە قېزىپ دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى بۇ مۆجىزىنى كەشىپ قىلغان .
   كارىز ھېچقانداق ئېنېرگىيە تەلەپ قىلماسلىق ، تۆت پەسىل توختىماي سۇ ئېقىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ . بىراق بۇ ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن . پارتىيە ، ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ، كارىزلارنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان . ئارقىدىن بۇ تەدبىرلەرنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-سانلىق يىغىنى ( 2006-يىلى 29-سېنتەبىر) ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارىزلارنى قوغداش نىزامى ›› نى ماقۇللاپ ، شۇ يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ، 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغان . دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى كارىزنى ‹‹ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ›› غا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قوللىغان .


مەۋلۇت ئىبىراھىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا









تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر
يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ئەكبەر غولام مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇماقتا
شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ھامۇت ئەھمەد تەھۇر تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ ئوغلىغا تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ رەسىمىنى سوۋغا قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ رايى سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى ، ئالىي ئېنژىنېر ، نوپۇزلۇق كارىز تەتقىقاتچىسى غوپۇر نۇرىدىن تولمبۆك سۆز قىلماقتا
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم سۆز قىلماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپ ئەيسا سۆز قىلماقتا
كارىزچى قاھار رىشىت بىلەن ھازىرقى زاماندا يېڭىدىن كارىز چاپقان ئابدۇرېھىم ئۇزۇنبۆك كارىز فىلىمىنىڭ ئوپېراتورلىرى بىلەن بىرگە
مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن ئابدۇقادىر سۆز قىلماقتا
مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، دوكتور دولقۇن قادىر سۆز قىلماقتا
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان كۆكلەم شىركىتىگە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرمەكتە
دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسسام ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك كۆكلەم شىركىتىگە سوۋغا تەغدىم قىلدى
مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم سۆز قىلماقتا
شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ھامۇت ئەھمەد تەھۇر بىلەن ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئەپەندى «كارىز» فىلىمىنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ، ئۆتكۈزۈۋېلىش توختامى تۈزدى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2814

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
792
مۇنبەر پۇلى
1940
ئىشەنىچ
792
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 08:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كارىزنىڭ مۇساپە جەھەتتىن خوراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە تۇغۇلغان ئىدى. فىلىم ئىشلىنىپ،ھۆججەت خاراكتېرلىق تارىخ ۋە مەۋجۇد مۆجىزە سۈپىتىدە  جاھانغا ئېلان قىلىنغانلىقى  خۇشخەۋەر بولدى.
ئەندىكى ئەندىشىمىز--كارىزنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەقەززاسىدا بولماقتا.

باھا سۆز

korlayexamaktap بەك ياخشى بۇپتۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:49
كۆرەشچان بۇ پەقەت مۇشۇنداق سورۇنلاردىلا بۇلىدىغان گەپ خالاس ئەمەلىيەتتە كارىزلار قۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 22:16

53

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1365

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
بەشبالىق@
تۆھپە
319
مۇنبەر پۇلى
829
ئىشەنىچ
319
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەن،كارىزدىن ئىبارەت سۇ ئىشائاتى قۇرۇلۇشى قايتىدىن گۈللەنگۈسى،دۇنياغا مەشھۇر قۇرۇلۇشىمىز قايتىدىن خەلقىمىز ئالدىدا نامايەن بولسا،بىز سۆيۈنمەي ،كىم سۆيۈنسۇن!

باھا سۆز

korlayexamaktap ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:50
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 15:04:56
مەن تۇرپانلىق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، تۈمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ ئۈمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

115

تېما

19

ئەگەشكۈچى

4624

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1480
مۇنبەر پۇلى
2212
ئىشەنىچ
1480
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 18:53:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان كۈرەرمىز؟

باھا سۆز

korlayexamaktap تىزەرەك يوللىسا بۇپتىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:51

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

671

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
51
مۇنبەر پۇلى
621
ئىشەنىچ
51
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 20:41:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارئىز  ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا بۇ مەدىنىيىتىمىزنى ئۇيغۇردىن باشقا ھەرقانداق بىر مىللىتنىڭ ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتىگە مەخسەتلىك ھالدا چىتىۋىلىشىغا قارشى تۇرىمەن

باھا سۆز

korlayexamaktap كارىزنىڭ بىر كۆرگىچىلىكى بار ، بارغاندا بىلىسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:52

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

473

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
236
مۇنبەر پۇلى
237
ئىشەنىچ
236
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 16:47:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىز ئويغۇر خەلىقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى بۇ ھەقىقەتەن ياخشىب ئىش بۇلۇپتۇ. تەقەزارمىز...

باھا سۆز

korlayexamaktap كارىز سۈيى 6 _ ئايدىمۇ ،مۇزدەكلا تۇرىدىكەن ئەمەسمۇ؟!  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:53

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

3243

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
1071
مۇنبەر پۇلى
2001
ئىشەنىچ
1071
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 19:35:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇسۇسۇسۇ ...... !!!!!!

باھا سۆز

korlayexamaktap كارىز سۈيىنى ئىچسە بۇلىدىكەن ئۇدىگەن سۇ!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:54
كىم  كىمگە كىمنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرۈدۇ؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

278

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
136
مۇنبەر پۇلى
142
ئىشەنىچ
136
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:16:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارئىز  ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن،

باھا سۆز

korlayexamaktap سىزگە ئەگەشتىم.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:54
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 16:59:54
كۈرۈش مۇمكىن بۇلارمۇ؟

باھا سۆز

korlayexamaktap نېمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ؟ تۇرپانغا بارغانلار كارىزنى كۆرمىسە ھىساپ ئەمەس  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:55
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 23:04, Processed in 0.114138 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش