كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

ئوكتاۋىئاننىڭ رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى سىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوكتاۋىئاننىڭ رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى  سىر

ئەركمان تەرجىمىسى("دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار)

   قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلىلىق سالاھىيىتىدىكى ئوكتاۋىئان ئاجايىب بىر شەخس، ئۇ ھەقىقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان، ھالبۇكى ئۇنىڭ مىجەزىدىكى تۇراقسىزلىق زامانىسىدىكى دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئىكەن، ئۇ بىردەم زالىملىقتا ئۇچىغا چىقسا، بىردەم رەھىمدىللىكتە، مېھرىبانلىقتا ئابىدە تىكلەيدىكەن. زادى قايسى خىلدىكى مىجەزدىكىسى ھەقىقىي ئوكتاۋىئان ؟

رىم ئىمپېراتورلۇقىنى ئوكتاۋىئان قۇرۇپ چىققان

   قەدىم زاماندىكى غەربنىڭ نۇرغۇن تارىخىي شەخسلىرى ئىچىدە، ئوكتاۋىئان ھەممىدىن بەكرەك جاھان ئەھلىگە تونۇشلۇق. مىلادىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى، ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلىلىق سالاھىيىتىدە قەيسەر ئۇنىڭغا قالدۇرغان سىياسىي دەسمايىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ رىم سىياسىي سەھنىسىدە باش كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ شانلىق ھەم سىرلىق سىياسىي ھاياتىنى باشلىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى ئوكتاۋىئان ئانتونىئۇس، لېپىدۇس بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا «كېيىنكى ئۈچلەر سىياسىي ئىتتىپاقى» نى تۈزۈش ئارقىلىق سىناتنىڭ سىياسىي كۈچ تەسىرىگە زەربە بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ كونا سەركەردىسى، رىم باش سەركەردىسى  لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. لىپېدۇس قەيسەر زامانىسىدىلا، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 49-يىلى رىمنىڭ باش سوتچىسى، 48-يىلى ئىسپانىيە باش ۋالىيسى، 46-يىلى كونسۇل، 45-يىلى قەيسەر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى بولغان كونا ئەزەمەت ئىدى. قەيسەر قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ئانتونىئۇسنىڭ «قەيسەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش ھەرىكىتى» گە ياردەم بېرىپ، بىر مەھەل رىمنى تېررورلۇق ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن. 43-يىلى ئوكتاۋىئان، ئانتونىئۇسلار بىلەن «كېيىنكى ئۈچلەر سىياسىي ئىتتىپاقى» نى تۈزۈپ رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. 42-يىلى فىلىپ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ ئافرىقا ئۆلكىسىنى باشقۇرغان. سىياسىي ئىتتىپاقدىشى ئوكتاۋىئان بىلەن چىقىشالمىغاچقا مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى ئوكتاۋىئان ئۇنى ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، پەقەت «باش كاھىن» لىق ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قالغان. كېيىن لاتىنىئۇم قىرغىقىدىكى كىچىك بىر شەھەرگە كېتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-يىلى ئۆلگەن. ئوكتاۋىئان سىياسىي ئىتتىپاقدىشى لېپىدۇسنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاكسىئۇم دېڭىز ئۇرۇشىدا ئانتونىئۇسنى مەغلۇب قىلىپ، رىمنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمران ئاۋۋال ئۆزىنى ئىمپېراتور، دەپ ئاتىدى، كېيىن يەنە كۆرۈنۈشتە ھوقۇقنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئەمەلىيەتتە ھەربىي، مۈلكىي ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى ھەمدە سىناتنى ئۆزىگە «ئاۋگۇستۇس» دەپ نام بېرىشكە قىستاپ بۇ نامغىمۇ ئېرىشتى، مانا مۇشۇنداق بىرقاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئوكتاۋىئان رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئىمپېرىيەنىڭ تۇنجى پادشاھى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئوكتاۋىئان مىجەز-خۇلقى تۇراقسىز بىر ئادەم ئىدى، بەزىدە ئىشنى ناھايىتى پۇختا قىلاتتى، ھەتتا بۇنداق چاغلاردا تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى، بەزىدە تولىمۇ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قوياتتى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

   تۇراقسىز مىجەزلىك ئوكتاۋىئان

   دەسلەپتە ئۇ كىشىلەرگە ناھايىتى ئەقىللىق، رەھىمسىز، زالىم سىياسىيئوندەك تەسىرات بەرگەن ئىدى. ئۇ ئانتونىئۇسقا سىياسىي رەقىبى سىسېرونىڭ كاللىسىنى ئېلىپ رىم نامايىش مەيدانىغا ئېسىپ قويۇش ھوقۇقى بەرگەن؛ ئۇ ھېچبىر ھېيىقماستىن رىمدىكى ھەرقايسى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى كاتتىلىرىنىڭ دائىرىسىگە بىر قولىدا بۇلۇت سۆرەپ كىرسە بىر قولىدا يامغۇر ياغدۇرۇپ دېگىدەك ھەيۋە بىلەن يۈرگەن، ئۇنىڭ بۇ تەڭداشسىز قورقماس مىجەزىدىن رىمدىكى ھەرقايسى گۇرۇھ كاتتىلىرى تەپ تارتىشقا باشلىغان؛ ئۇ دوستلۇق ۋە ئادالەتنى قەدىرلىمىگەن، ئۆزى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ئانتونىئۇس بىلەن كلېئوپاتراغا قىلچە رەھىم قىلمىغان. ئۇ ھوقۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان چاغدا ئۇنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى ئاشكارىلانغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ئوخشاشمىغان پىكىردىكىلەرگە قاتتىق زىيانكەشلىك قىلغان، تارىخ كىتابلىرىنى بېسىپ تارقىتىشنى قاتتىق چەكلىگەن. يەنە شۇنىمۇ قەيت قىلىش زۆرۈركى، مىش-مىش مەزمۇنلار سەل-پەل جىقراق ئارىلاشقان بەزى تارىخىي مەنبەلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئوكتاۋىئان پارىخورلۇقنى بەك رەھىمسىزلەرچە جازالىغان، شۇنداق مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ بىرىدە ئوكتاۋىئاننىڭ بىر كاتىپىنىڭ پارا قوبۇل قىلغانلىق سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغاندا ئوكتاۋىئان ئۇنىڭ ئىككى پاقالچىكىنى چېقىۋەتكەن؛ ئوكتاۋىئان پاھىشىبازلىقنىمۇ قاتتىق جازالىغان، رىملىق بىر ئەركىن زاتنىڭ بىر ئايال بىلەن پاھىشە قىلغانلىقى پىتنە سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن پۇر قىلىۋېتىلگەندە ئوكتاۋىئان ھېلىقى زاتنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇرلىغان. ئوكتاۋىئاننىڭ ئادەم چۈشىنىپ بولمايدىغان قىلىقلىرى بۇلا ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن رىملىقلار ئوكتاۋىئانغا دىمىقىنى قاقسىمۇ ئەمما يەنە نۇرغۇن رىم پۇقرالىرى ئوكتاۋىئان پەم-پاراسەتتە ۋايىغا يەتكەن، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭدەك جەلبكار ھۆكۈمران بولغان ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك ئۇ پۈتكۈل ئىمپېرىيە پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەتتا ئەتراپتىكى پادشاھلىقلار ئالدىدىمۇ يۈكسەك ئابروي قازاندى، ئوكتاۋىئاندەك تېنى ئاجىز، كېسەلمەن بىر ئادەمنىڭ بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ فېدراتسىيە ئىمپېراتولۇق قۇرالىشى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ جەلبكارلىقىدىن، دەپ قارىشىدۇ. دېمىسىمۇ ئوكتاۋىئان قۇرغان بۇ فېدراتسىيە ئىمپېراتورلۇقى 200 يىلغىچە دۇنيا تارىخىدا تەڭداشسىز كۈچ بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سەنئەتكارلار تالاي قىممەتلىك كۆك مىس ۋە گرانت تاشتا ئوكتاۋىئاننىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيىسىنى ئىزھار قىلىشقان؛ بەزى ھەيكەللەردە ئوكتاۋىئان جىىدىي قىياپەتلىك، مەغرۇر ياشنىڭ ئوبرازىدا تەسۋىرلەنگەن؛ يەنە بەزى ھەيكەللەردە ئۇ بىر تەقۋادار قىلىپ تەسۋىرلەنسە يەنە بەزىلىرىدە ئۇ بەھەيۋەت سەركەردە ئوبرازىدا تەسۋىرلەنگەن. سەنئەتكارلار نەزەرىدە ئوكتاۋىئان ھاكاۋۇر، رەھىمسىز، دۇنيانى بويسۇندۇرغان سىياسىيئون ئوبرازىدا ئەمەس بەلكى كەمتەر، مېھرىبان يولباشچى ئوبرازىدا مەشھۇر. ئوكتاۋىئاننىڭ بۇنداق جەلبكارلىقىنى ئۇنىڭ كېيىنكى 40 يىللىق ھاياتىدىكى تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

   ئوكتاۋىئاننىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئىقتىدارى

   ئوكتاۋىئان بىر ئۆمۈر كېسەللىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان. ئىچكى نىزالارنى تىنجىتىش ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق غەلىبىسى ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىدا قالغان چاغلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇنىڭ پۇلغا بولغان زىيادە خۇمارى بەزىدە ئۇچىغا چىقسا بەزىدە پۇلنى خالىغانچە ھەدىيە قىلىۋېتىشى ئۇچىغا چىققان، بۇ بىر خىل روھىي كېسەللىك سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان؛ ئۇنىڭ يەنە ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بولۇپ، بەزىدە بۇ كېسىلى قوزغىلىپ قالسا پۇت-قوللىرى ئىشلىمەي قالاتتى؛ ئۇ يەنە دوۋساققا تاش چۈشۈش كېسەللىكىگە گرىپتار بولۇپ قالغان؛ ئۇيقۇسىزلىق ئۇنى ھەممىدىن بەكرەك ئازابلىغان، ئۇنىڭ يەنە بەزگەك كېسىلىمۇ بولغان، مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتتە قالغان ئوكتاۋىئان نورمال ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر خىل روھ بىلەن تەن ئاجىزلىقىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، بۇ روھ ئۇنىڭغا قەيسەردىن مىراس قالغان ئىدى. شۇنداق ئېغىر بىمار بولۇشىغا قارىماي دائىم سىنات كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، تالاي يىغىلىشلارغا قاتناشقان، ئۆزى بىۋاسىتە نۇرغۇن دېلولارنى سوتلىغان، سانسىزلىغان ئۇزاقتىن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، شاۋقۇن-سۈرەنلىك زىياپەتلەردىن ھەرگىز بالدۇر قايتمىغان، كەلگۈسىدىكى سايلاملارنى پىلانلىغان، ئارمىيىنى كۈچەيتىشنى بىر مىنۇت ئەستىن چىقارمىغان، دۆلەت زېمىنلىرىنى ئارىلاپ يۈرگەن، مۇستەملىكە زېمىنلىرىدە پات-پات زىيارەتتە بولۇشنى قولدىن بەرمىگەن، مۈلكىي خىزمەتلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن، نەچچە يۈز مەيدان نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەر قېتىملىق نۇتۇق ئورېگىنالىنى ئالدىن تەييارلىغان ۋە ناھايىتى ئىخچام، مېغىزلىق سۆزلىگەن، نۇتۇق سكزلىگەندە پات-پات ئورېگىنالغا قاراپ تۇرغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك كەلتۈرۈپ قويۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغان قالايمىقان ئىبارە-جۈملىلەرنى ئىشلەتمىگەن. ئۇنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىدا نامايان قىلغان ئەستايىدىللىقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا ئاساس سالغان.

   ئوكتاۋىئاننىڭ مېھرىبانلىقى

   شۇ زاماندا قالدۇرۇلغان بەزى تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كەچكەن ئوكتاۋىئان خۇراپىيلىق يولىنى تۇتۇپ ھەرچاغ تيۇلېن (دېڭىزشىرى) تېرىسىنى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىۋالاتتى، پالغا ۋە چۈش تەبىرىگە بەك ئىشىنەتتى. پال ۋە چۈشتىن يامانلىق ئايان بولغان كۈنلىرى سىرتقا چىقمايتتى. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئوكتاۋىئان سوغۇققانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىدىيەگە ئىگە ئىدى. ئۇ دائىم ياشلارنى بالدۇرراق بىرەر ئىش-ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشقا ۋە كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ئۆگەنگەن كىتابىي بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا دالالەت قىلاتتى. ھەرۋاقت ئېغىربېسىق، تېجەشچان، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلاتتى، «جىددىي ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن قىلىش» دېگەن ئەقىلىيەنى ياخشى كۆرەتتى. سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەنقىدنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى، قايسىبىر پەيلاسوپنىڭ «دەرغەزەبكە كەلگەندە ئاۋۋال 24 ھەرپنى بىرمۇبىر يادقا ئوقۇۋېتىپ ئاندىن سۆزلە ياكى ئىش قىل» دېگەن ئەقىلىيەسىنى زادىلا ئېسىدىن چىقارمايتتى، مانا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ ھەرقانداق بىر ھۆكۈمراننىڭ ئەقلىدىن ئورۇن ئېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل ئىدى. شۇ زاماندا ئوكتاۋىئاننى بىلىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزەرىدە ئوكتاۋىئان ئەدلۇ-ئادالەتنىڭ، ساداقەتنىڭ، مەردۇ-مەردانىلىكنىڭ، كۆكسى-قارنى كەڭلىكنىڭ، ئاددىي-ساددىلىقنىڭ ۋە ئەپۇ-مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. سىياسەتبازلار، ئەدىبلەرنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ يازغان ماقالىلىرىگە ئۇ كۈلۈپلا قوياتتى ھەم ئەزەلدىن ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتمايتتى. ئۇ باشقىلارغا كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىككە تولغان مۇددىئالىرىنى دوستانىلىك بىلەن توسۇپ قېلىشتىن ئۆتە كۆڭۈللۈك ئىش بولمايدۇ، دەپ نەسىھەت قىلاتتى ھەم شۇنداق كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەرچە ئاداۋەتلەر بىلەن تولغان قۇتراتقۇلۇقلىرىنى قەتئىي باستۇرمايتتى. يەنە تېخى ئۇ باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاش ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە زورلىمايتتى ھەم ئۇلارغا ئۇنداق تەلەپمۇ قويمايتتى. ھەر قېتىملىق زىياپەتتە ئوكتاۋىئان ساھىبخاندىن ئىجازەت ئېلىپ بالدۇرلا قايتاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى زىياپەت ئەھلىنىڭ ئۆزىدىن قورۇنۇپ ئازادە بولالماسلىقىنى كۆرۈشنى خاھلىمىغانلىتىن ئىدى. سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داغدۇغا پەيدا قىلمايتتى، بەلكى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى سايلىغۇچىلارنىڭ پېشىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ دانا سىياسىتىنى چۈشەندۈرەتتى. ئاددىي-ساددىلىقىدىن رىم شەھىرىگە كىرگەندە زادىلا داۋراڭ سالمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ تەبىقىلەر ئايرىمىچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بەلگىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بەزى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى، ئۆزىمۇ ئاددىي رىملىقلاردەك كىيىنىپ يۈرۈۋېرەتتى، ئۇ ئەتىگىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتتا پۇقرالار بىلەن كۆرۈشۈشنى زادىلا قولدىن بەرمەيتتى، بۇنداق چاغلاردا كىچىك پېئىللارچە پۇقرالارنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالارغا سەمىمىيەتنىڭ، يېقىنچىلىقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.

   ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ قەستلەنگىنىدىن خەۋەر تاپقاندا، قارايۈز تۇزكورلارنىڭ قىلمىشىغا تولىمۇ غەزەبلەنگەن. ئۇ قەيسەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى، قەيسەرنىڭ رىمنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى قۇربانلىقلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە قىساسخورلۇقى كاللىسىغا تېپىپ، ئۇدۇل رىمغا يۈرۈش قىلغان، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە يوشۇرنۇۋېلىشنى، ئانتونىئۇسنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنى يوشۇرنۇۋېلىشقا، سىرتقا چىقماسلىققا دالالەت قىلغان ھەمدە ئوغلىنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىشىنى، سەۋرچان بولۇشىنى، دۈشمەن تەرەپ بىلەن تىركىشىپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئوكتاۋىئان ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى بۇيرۇق بىلىپ زادىلا يىرمايتتى، شۇڭا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، سۈيقەستچىلەرنى كۆزەتتى ھەم ئاخىر ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن زادىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلمىدى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئۆزىگە قارىشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغىمۇ تاقەت بىلەن قۇلاق سالدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىقلىرىنى قوبۇلمۇ قىلدى. ئۇ ھەرچاغ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، نەتىجىدە شۇ زامان سىياسەتبازلىرى چۈشىنەلمەيدىغان بىر ھۆكۈمران بولۇپ يېتىلدى. غەربلىكلەرنىڭ «ئۆزۈڭنىڭ ئىپادە قىلغانلىرى ھەقىقىي ئۆزۈڭدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارىسى بويىچە بولغاندا، ئوكتاۋىئاننىڭ مىجەزىدىكى تۇراقسىزلىقنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلىشى مۇمكىن.


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:09, Processed in 0.061069 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش