كۆرۈش: 118|ئىنكاس: 0

ئازغۇن بەندىلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسمى
ئايبەرچىن
تىللا
288
تۆھپە
171
UID
201
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:53:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئازغۇن بەندىلەر

( ئۆتكۈر ھاشىموف )

ئاتىلار ۋە بالىلار


    ئۇ ئاددىي ئادەم ئىدى، ھامماللىق قىلاتتى. تۆت قىز، ئۈچ ئوغۇلنى قاتارغا قوشتى. ئوغۇللىرىنى ئۆيلىدى، قىزلىرىنى ياتلىق قىلدى. ھەممىسىنى ئۆي-جايلىق قىلدى.
كۆز يۇمۇۋاتقىنىدا<< ھەممىڭلاردىن مىڭ - مىڭ رازىمەن>> دېدى. قاراشسا كېپەنلىكى يوق ئىكەن...


                                                      ئازغۇن بەندىلەر

    ئادەملەرگە ھەيرانمەن. ئاتا-ئانىلىرى تىرىكلىكىدە ئىككى ئېغىز تاتلىق سۆزنى بىكارغا ئېيتمايدۇ يۇ، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن مىڭ-مىڭلاپ پۇل سەرپلەپ، شۇ سۆزلەرنى قەبرە تېشىغا يازدۇرۇپ قويىدۇ.

                                                            مۇناپىق!
    ئانىسىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئادەم قوشنا موماينى ھۆرمەتلەيمەن، دېسە ئىشەنمەيمەن. ئۆز خەلقىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ھۆرمەتلىمىگەن ئادەم باشقا خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ھۆرمەتلەيمەن، دىسە ئىشەنمەيمەن.

                                                            چۈش!
    بېشىمغا تەشۋىش چۈشسە، بىر نەرسىدىن قاتتىق سىقىلسام، ئانام چۈشۈمگە كىرىدۇ. خوشال چاغلاردا بولسا، خالىساممۇ نە ئانامنى، نە ئاتامنى چۈشۈمدە كۆرەلمەيمەن...قىزىق...

                                                      ھالال ۋە ھارام
    بەزىلەر:<< ھالال ۋە ھارام >> دېگەندە يەپ-ئىچىش مۇمكىن بولىدىغان ۋە يەپ-ئىچىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەرنى چۈشىنىشىدۇ...يۈزەكى چۈشەنچە! ئەسلىدە بۇ << قىلىشقا بولىدىغان ۋە قىلىشقا بولمايدىغان>> ئىشلارنىمۇ بىلدۈرىدۇ. نان - ئەڭ تەۋەرۈك نېمەت، بۇنى بىلىسىز، بىراق ناپاك يول بىلەن تېپىلغان نانمۇ ھارام! <<نېنىڭنى ھالاللاپ يە>> دېگەن سۆز سەۋەبسىز ئېيتىلمىغان.

                                                        شام يانمىسا
    ئەر بىلەن ئايال مۇناسىۋىتىدە ئەيىبنى نوقۇل ئەردىن ئىزدەش ئىنسابتىن ئەمەس، شام يانمىسا پەرۋانە يېقىن كەلمەيدۇ.

                                                           ئالداش
    بىز ھەممىمىز يالغانچىلارمىز. قېنى، ئېيتىڭچۇ، قايسىبىرىڭىز ئەقەللىيسى بىرەر قېتىم گۆدەككە يالغان ئېيتمىغان دېيەلەيسىز؟ ھالبۇكى، گۆدەكنى ئالداش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:21, Processed in 0.054888 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش