كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 2

كلېئوپاتراغا دائىر دەتالاشلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:52:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركمان تەرجىمىسى (‹‹دۇنيا تارىخدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن)


   قەدىمقى مىسىرنىڭ ساھىبجامال ئايال پادشاھى كلېئوپاترا مىسىر تارىخىدا تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان شەخس. ئۇ قانداق ئۆلگەن؟ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟ ئۇ بىرنەچچە رىم ئىمپېراتورلىرىنى ئېتىكى ئاستىغا تىزلاندۇرغىدەك دەرىجىدە گۈزەلمۇ؟ بۇ ھەقتىكى تارىخىي بايان گەرچە بىر سىر بولسىمۇ ئەمما ئۇ خۇددى بىر بۈيۈك ھېكايىگە ئوخشايدۇ...


   كلېئوپاترا بىلەن قەيسەر


   رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يىراققا جازا يۈرۈشى قىلىش ئارمىيىسىنىڭ ئالىي سەركەردىسى بۈيۈك گېنېرال قەيسەرنىڭ نۇسرەت قۇتلۇقلاش زىياپىتىدە، قەيسەرنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ، ۋۇجۇدىنى غالىبىيەت شادلىقى چىرماپلا ئالغان ئىدى. ئۇ سەركەردىلىرى بىلەن خۇماردىن چىققىدەك قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشىۋاتقان چاغدا، بىر مەھرىمى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ :«بۈيۈك قەيسەر ئالىيلىرى، مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا مەخسۇسلىرىدىن بىر گىلەم ئەۋەتىپتۇ !» دەپ مەلۇم قىلدى. بۇ سوۋغاتقا قەيسەر بىردىنلا ھەيران قالدى-يۇ، دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىۋاتقان دەقىقىدە، لاتاپىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، نازۇ-كەرەشمىلىك جىلۋىسى يۈرەكلەرنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغان بىر ساھىبجامال ئوراغلىق گىلەمدىن چىقىپ قەيسەرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان جىلۋىسى بىلەن قەيسەرگە سالام بەردى. جەڭ مەيدانلىرىدا تاۋلانغان بۇ رىم قەھرىمانى بۇ ساھىبجامالنىڭ ئۇزلۇقىدىن تەمتىرەپ قالدى. ئەمما دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، پادشاھلارنى كۈتۈۋېلىش يوسۇنى بىلەن كلېئوپاترانى قارىشى ئالدى.
   گىلەمگە ئورىنىپ قەيسەرنىڭ بارگاھىغا كىرگەن بۇ ساھىبجامال دەل تېخى يېقىندىلا تەختىدىن مەھرۇم قالغان مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا VII ئىدى. ئۇنىڭ كېچىدە گىلەمگە ئورىنىپ قەيسەرنىڭ بارگاھىغا كىرىشتەك قاپ يۈرەكلىكى كېيىنچە ئۇنى ياخشى ئىلتىپاتلارغا ئېرىشتۈردى. قازا قىلغان پادشاھنىڭ چوڭ قىزى بولغان كلېئوپاترا ئۈچ يىل بۇرۇن شاھ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىنىسى پتولىمېي (تولىمىېي) XIII بىلەن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان ئىدى. خۇددى مەشرىق دانىشمەنلىرىنىڭ «ئون شەيىخ بىر كىگىزدە بىللە غىزالىنىدۇ، ئەمما ئىككى پادشاھ بىر ئىقلىمغا سىغمايدۇ» دېگىنىدەك، ئىگىچى-ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى تەختنى يېگانە ئىگىلەش زىددىيىتى ئۇلغىيىپ، پتولىمېي (تولىمىېي) XIII ئىگىچىسىنى (ئاچىسىنى) ئالېكساندىرىيە شەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن قىساس ئوتى كلېئوپاترانىڭ قەلبىدە يالقۇنجاپ ئارام بەرمىدى. ئۇ قەيسەرگە ئاشنا بولغاندىن كېيىن، قەيسەرنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 45-يىلى، كلېئوپاترا تەكلىپكە بىنائەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ شەرەپلىك مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولدى. 44-يىلى قەيسەر قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ ئىلاجسىز مىسىرغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما كلېئوپاتراغا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چوقۇم قۇدرەتلىك ئارقا تىرەك بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئايان ئىدى.
            

   كلېئوپاترا بىلەن ئانتونىئۇس


   بۇ يەردە ئانتونىئۇس ھەققىدە قىسقىچە توختالمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئانتونىئۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى 82-يىلى تۇغۇلۇپ 30-يىلى ئۆلگەن رىم باش قوماندانى، سىياسىيئونى، قەيسەرنىڭ سەركەردىسى. باشتىن-ئاخىر قەيسەرنىڭ جازا يۈرۈشلىرىدە قەيسەر بىلەن بىللە بولغان. 43-يىلى ئوكتاۋىئان، لېپىدلار بىلەن بىرلىشىپ كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، ئوكتاۋىئان بىلەن تىركىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى خوتۇنى ئوكتاۋىيەنى (ئوكتاۋىئاننىڭ ئاچىسى) تاشلاپ كلېئوپاترانى ئەمرىگە ئالغان. بۇ چاغدا ئۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتىكى بىر قىسىم زېمىنلىرىنى كلېئوپاترا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئوكتاۋىئان بىلەن سىناتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 32-يىلى سىنات ئۇنى «ۋەتەن دۈشمىنى» دەپ جاكارلىغان. 30-يىل 9-ئايدا، كلېئوپاترا بىلەن بىللە فلوتنى باشلاپ يۇناننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا ئوكتاۋىئان بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇب بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈۋالغان. ئانتونىئۇس، كلېئوپاترا ۋە ئوكتاۋىئان ھەققىدىكى بۇ تەپسىلات مۇنداق ھېكايەت قىللىنىدۇ :
   قەيسەر قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانتونىئۇس رىمنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئۇ شەرقتىكى مۇستەملىكە زېمىنلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش سەپىرىدە، كىچىك ئاسىيادىكى تارسوس شەھىرىگە كەلگەندە، ئايال پادشاھ كلېئوپاترا بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ مەخسۇسلىرىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ يېڭى ئېسىلزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن كلېئوپاترا ئالاھىدە ياسىنىپ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كلېئوپاترا رىمدىكى چېغىدا ئانتونىئۇس كلېئوپاتراغا قانات سۆرەپ باققاندا، كلېئوپاترا ئاللىقاچان ئىندەككە كېلىپ بولغان ئىدى. بۇ چاغدا ئانتونىئۇس داۋاملىق شەرققە بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ئايال پادشاھنىڭ ساياھەت كېمىسى بىلەن ئالېكساندىرىيە شەھىرىگە كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئانتونىئۇس مىسىر ئوردىسىدا كلېئوپاترا بىلەن بەش يىل ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتۈدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەزگىلدە ئانتونىئۇس رىمغا بىر قېتىم قايتىپ، خەقلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ئوكتاۋىئاننىڭ ئىگىچىسى ئوكتاۋىيە بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي باھانە تېپىپ يەنە شەرق سەپىرىگە ئاتلىنىپ خوتۇنىنى تاشلاپ كلېئوپاترا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئوكتاۋىئان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئانتونىئۇسقا قارىشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا، ئانتونىئۇس ئۆزىنىڭ پىيادە قىسىملىرىغا شەھەردىن چىقىپ تېزلىكتە ئېگىزلىكنى ئىگىلەش بۇيرۇقى بېرىدۇ، شۇ چاغدا ئۇ ئۆز فلوتىنىڭ ئوكتاۋىئان بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن مىسىرلىقلار ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئوكتاۋىئاننىڭ كېمە ئەترىتىنى قارىشى ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانتونىئۇس ئۈمىدسىزلىنىپ :«تۈگەشتىم، تۇزكور مىسىرلىقلار مېنى تۈگەشتۈردى، كلېئوپاترامۇ دۈشمىنىمگە تەسلىم بولدى» دەپ پۇچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئانتونىئۇسنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىمۇ ئوكتاۋىئانغا تەسلىم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئانتونىئۇس ئالېكساندىرىيە شەھىرىگە چېكىنىدۇ، ئۇ «كلېئوپاترا ماڭا ساتقىنلىق قىلدى!» دېگىنىچە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ مۇزدەك ۋالىلداپ تۇرغان شەمشىرى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
                     

   كلېئوپاترا بىلەن ئوكتاۋىئان


   بۇ يەردە ئوكتاۋىئان ھەققىدە قىسقىچە توختالمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئەسلى ئىسمى گايىئۇس ئوكتاۋىئان بولۇپ، رىم ئىمپېراتورلىقى تارىخىدا ئاۋگۇستوس نامىدا مەشھۇر. قەيسەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قەيسەرنىڭ نەۋرە جىيەنى، ئەمەلىيەتتە قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 63-يىلى تۇغۇلۇپ مىلادى 14-يىلى ئۆلگەن. قەيسەر مىلادىدىن بۇرۇن 44-يىلى قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىسمىنى گايىئۇس جۇلىئۇس كائېسار ئوكتاۋىئانۇس، دەپ ئۆزگەرتكەن. قەيسەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئانتونىئۇس بىلەن قارشىلاشقان، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ، قەيسەر ئۈچۈن بىرلىكتە ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى ئانتونىئۇس، لېپىدىئۇسلار بىلەن بىرلىكتە ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرغان. فىلىپپى جېڭىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 42-يىلى) برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن پومپېئىسنىمۇ مەغلۇب قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا لېپىدىئۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان (مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى)، ئىمپېرىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئىلكىگە ئېلىپ، ئىمپېراتورلىقىنىڭ شەرقىي يېرىمىنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان ئانتونىئۇس بىلەن تىركەشكەن. ئۇ ئانتونىئۇسنىڭ مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا VII بىلەن توي قىلغانلىقى ھەمدە ئىمپېرىيەنىڭ شەرقتىكى مۇستەملىكە زېمىنلىرىنى كلېئوپاترا VIIۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىناتلار بىلەن بىرلىشىپ ئانتونىئۇسقا جازا يۈرۈشى قوزغىغان. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاكسىئوم جېڭىدە غالىب كەلگەندىن كېيىن مىسىر پايتەختىگە كىرىپ پتولېمىي سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان (30-يىلى). ئۇ رىمغا نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ ئىچكىي ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن غالىبقا ئايلانغان. قەيسەرنىڭ ساۋىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ھاكىممۇتلەق، دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئىمپېراتورلۇقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى قوشۇمچە ئۆتەپ ( ئارخون، ترىبون دېگەن ئەمەل ناملىرىدىكى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلىق ھوقۇقى، دىنىي داھىيلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان) ھەقىقىي ھاكىممۇتلەققە ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى سىنات ئۇنىڭغا «ئاۋگۇست» (لاتىنچە سۆز بولۇپ، «مۇقەددەس»، «ئەڭ ھۆرمەتلىك» مەنىلىرىدە) نامىنى بەرگەن. كېيىنكى تارىخلادا ئۇ مۇشۇ نامدا ئاتالغان. شەكىل جەھەتتە ئۇ ئىمپېرىيەنى با مەسلىھەت بىلەن باشقۇرغاندەك قىلغان بىلەن بارلىق پەرمان چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان. ئۇ سىنات ئەزالىرىنىڭ سانىنى 600 نەپەر قىلىپ بېكىتىپ، ئۆزىنى سىناتنىڭ باش ئەزاسى قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسى «دۆلەت ئاتىسى سىياسىيسى» ياكى «پرىنتسېپاسۇس تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. سىنات ئەزاسىنىڭ 1 مىليون سېستېرتىئۇسلۇق (رىمنىڭ شۇ چاغدىكى پۇلى) مال-مۈلكى بولۇشى، رېتسارنىڭ 400 مىڭ سېستېرتىئۇسلۇق مال-مۈلكى بولۇشىنى، ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ شۇلار ئىچىدىن تاللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مۇستەملىكىسىنى كېڭەيتكەن. ھىماتچى قوشۇن قۇرۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ يۈرىكى بولغان رىم شەھىرى ۋە ئىتالىيەدە تۇرغۇزغان. تەدرىجىي يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن قۇللۇق تۈزۈمنى قايتا تەكىتلەپ، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى قاتتىق باستۇرۇپ،قۇللارنى ئازاد قىلىشنى چەكلەپ، قۇلدارلارنىڭمەنپەئەت-ئىمتىيازلىرىنى قوغدىغان. كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسپانىيەنى مۇنقەرز قىلىپ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشنى تاماملىغان. شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە كېڭەيگەن، يېڭىدىن نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى تەسىس قىلغان.مىلادى 9-يىلى گېرمان يەرلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تېئوتوبۇرگېر ئورمانلىقىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. شەھەر قۇرۇلۇشىغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ، رىم شەھىرىنى رەتلەپ گۈللەندۈرگەن؛ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇكاپاتلاپ تۇرغان، ئەدىب-شائىرلارنى توپلاپ، «ئىمپېرىيە تىنچلىقى» ۋە «ئىمپېراتورنىڭ تۆھپىسى» مەدھىيە ئوقۇتقان؛ ئۇ تەختتىكى چاغ «رىم ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-يىلى ئۇ «ئىمپېرىيە ئاتىسى» دەپ ئاتىلىپ تېخىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە باشلاپ، «بۇ دۇنيادىكى خۇدا» سۈپىتىدە چوقۇنۇلغان. مىلادى 14-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى نولادا ئۆلگەن. «ئاۋگۇست» كېيىنكى چاغلاردا رىم ئىمپېراتورلىرى ۋە غەرب پادشاھلىرى ئادەتلەنگەن پەخرىي نامغا ئايلانغان.
   ئەسلىي گېپىمىزگە كەلسەك، ئوكتاۋىئاندەك مۇشۇنداق بىر ئىمپېراتورغا دۇچ كەلگەن كلېئوپاترا VII ئاكسىئوم جېڭىدە ئامان قېلىپ مىسىرغا قايتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھالاكەتلىك كۈنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملەپ، تۈرلۈك زەھەرلىك دورىلارنى ئىزدەپ، ئازابلانماي ئۆلۈش ئۇسۇلىنى تاللاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇسلاردا زەھەرلىك دورىلارنى سىناق قىلغان، بۇ سىناقلىرىدا ئۇ ئكلگۈچىنىڭ بەك ئازابلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، پەقەت زەھەرلىك يىلانغا چاقتۇرۇلغانلارنىڭلار ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئازابلىق ئىڭراشلاردىن خالىي بولۇپ تىنچ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. دەل مۇشۇ چاغدا كلېئوپاترا   VII ئوكتاۋىئان ھوزۇرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئانتونىئۇسنى ئۆلتۈرمەسلىكنى ھەم ئۆز پەرزەنتىنىڭ مىسىر تەختىگە ۋارسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ ئۆتۈنگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە ئوكتاۋىئان ۋەدە بەرمىگەن ھەم كلېئوپاترا VIIنىڭ مەنپەئەتىگە كېپىللىك قىلىشنى ئانتونىئۇسنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈش شەرتىگە باغلىۋالغان. كلېئوپاترا VII قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، مەھرەملىرىگە ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى ھەشەمەتلىك مەقبەرە ياساتقان ھەم ساناقسىز ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنى مەقبەرە ئىچىگە يوشۇرغۇزغان.
   ئوكتاۋىئانمۇ ئەمەلىيەتتە كلېئوپاترا VII نىڭ ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان گۈزەل ھۆسىن-لاتاپىتىگە ۋە تەڭداشسىز بايلىقىغا مەھلىيا ئىدى، شۇڭا ئۇ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، كلېئوپاترا VII نىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلاۋاتقان چاغدا، ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش نىيىتىدىن تەلتۆكۈس ۋاز كەچكەن ئىدى.
   كلېئوپاترا VII ئانتونىئۇس ئۈچۈن ناھايىتى داغدۇغىلىق دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دەپن مۇراسىمىدىن كېيىن كلېئوپاترا VII ساقسىز بولۇپ قېلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تىنچلا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جەڭ ئولجىسى سۈپىتىدە رىم شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، رىملىقلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ ئۆتكۈزىدىغان نامايىشىدا سازايى قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئوكتاۋىئاندىن ئانتونىئۇسنىڭ نەزىرىنى بېرىۋېلىشنى ئۆتۈندى ھەمدە ۋەسىيەت يېزىپ قالدۇردى. ئۇ يۇيۇنۇپ-تارىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر ۋاقلىق ناھايىتى مول كەچلىك زىياپەت تەييارلىتىپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ ئالتۇن كارىۋىتىدا جىممىدە ياتتى، ئۇ شۇ ياتقىنىچە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇنىڭ كېنىزىكى ئىراسمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئوكتاۋىئان ئايال پادشاھنىڭ مەقبەرىسىگە بارغان چاغدا، ئايال پادشاھنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى كۆردى. ۋەسىيەتنامىدە كلېئوپاترا VII ئوكتاۋىئاندىن ئۆزىنىڭ جەسىتىنى ئانتونىئۇس بىلەن بىر قەبرىدىكى ھۇجرىغا قويۇشنى ئۆتۈنگەن ئىدى. ۋەسىيەتنامىدىكى بۇ ئۆتۈنۈشلەر شۇنچىلىك تەسىرلىك يېزىلغان ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-11 13:36  


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:37:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس، بۇ ھەقتىكى فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە بىر تەرجىيمىسىدە ئادەم ئىسىملىرى بەكلا خاتا!
ئاددىيسى ئوكتاۋىئان خەنزۇچە ئاھاڭ تەەرجىمىسى بويىچە «ۋۇداۋېي» دەپ ئېلىنىپ ئاۋاز بېرىلگەن!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 4

تىللا
249
تۆھپە
95
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 17:12:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كلېئوپاترا ھەم گۈزەل ھەم ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 07:02, Processed in 0.056941 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش