كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 2

كلېئوپاترا VIIئۆلۈمىنىڭ سىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:50:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كلېئوپاترا VIIئۆلۈمىنىڭ سىرى

ئەركمان تەرجىمىسى ("دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار"دىن)

   كلېئوپاترا VII ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. شۇ دەۋر دۇنياسىدىكى تەڭداشسىز گۈزەلنىڭ ئۆلۈمى كېيىنكىلەرنىڭ تالاي پاراڭلىرىغا تۇترۇق بولۇپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى كېيىنكى تارىخچىلارغا يېشىلمىگەن سىرلارنى قالدۇردى.

   ئايال پادشاھ قايسى ئۇسۇلدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى؟ بۇنىڭغا قىزىققۇچى تارىخشۇناسلار، تازغۇچىلارتالاي ئەسىرلەر مابەينىدە ناھايىتى نۇرغۇن تەپسىلىي تەتقىقاتلارنى ئىجرا قىلدى. بەزىلەر كلېئوپاترا ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن بىر دېھقاننى مەي باغلاپ پىشقان بىر سېۋەت ئەنجۈر ئارىسىغا كىچىككىنە بىر زەھەرلىك يىلان يوشۇرۇپ ئالدىن تەييارلىتىۋالغان ھەشەمەتلىك مەقبەرىدىكى ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇغان، كلېئوپاترا ئاشۇ زەھەرلىك يىلانغا بېلىكىنى چاقتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىنچ ئۇيقۇغا كېتىپ جان ئۈزگەن، دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ئايال پادشاھ خېلى بۇرۇنلا ھۇجرىسىدىكى گۈل لوڭقىسىدا بىر زەھەرلىك يىلان باققان، دەل شۇ يىلانغا بېلىكىنى چاقتۇرغان، دېيىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايال پادشاھنى ئۆلتۈرگىنى زەھەرلىك يىلان بولماستىن بەلكى ئىچى كاۋاك مىقنى بېشىغا مىقلىتىپ ئۆلۈۋالغان، دېگۈچىلەرمۇ بار، ئەمما يۇقىرىقى  قاراشلارغا نۇرغۇن ئالىملار قوشۇلمايدۇ، چۈنكى ئارخېئولوگلار بايقىغان ئايال پادشاھ جەسىتىنىڭ تېنىدە ھېچقانداق جاراھەت ئىزى ۋە مەقبەرىدە يىلان بايقالمىغان. ئەمما بۇنداق قارشتىكىلەرگە قارىشى چىقىدىغانلار ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشتىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، مەقبەرىنىڭ دېڭىزغا قارىتىپ ئېچىپ قويۇلغان دېرىزىسىدىن زەھەرلىك يىلان چىقىپ كەتكەن، دېگەن قىياسنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە، ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكى ئايال پادشاھنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل دوختۇر جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «ئايال پادشاھ قەسىتىنىڭ بېلىكىنىڭ ئىككى يېرىدە كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان تارتۇق بار» دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايال پادشاھنى زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىپ ئۆلگەن، دېگەن قاراشقا ئوكتاۋىئاننىڭمۇ ئىشەنگەنلىكى ھەققىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى تارىخشۇناسلار تېپىشقان، بۇ يەردە تارىخشۇناسلار ئوكتاۋىئاننىڭ نۇسرەت مۇراسىمىدا، بىر يىلان بىلىكىگە چىرمىشىۋالغان كلېئوپاترانىڭ ئويما ھەيكىلى مۇراسىم سۇپىسىغا قويۇلغانلىقى توغرىلىق تارىخىي خاتىرىلەرنى ئىسپات قىلىشىدۇ.

   ئومۇمەن، تارىخچىلار ھازىرغىچە كلېئوپاترانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك دەتالاشلارنى قىلىشىدۇ، دەتالاش تېخىچە داۋاملاشماقتا. بۇ سىرنى ئۈچۈن مۇشۇ كۈنلەردىمۇ تالاي ئارخېئولوگلار، تارىخچىلار تەتقىقاتىنى داۋام ئەتمەكتە.

          كلېئوپاترا VII نىڭ گۈزەل رۇخسارى ھەققىدىكى دەتالاش

   ھوللىيۋود فىلىملىرىدە، نۇرغۇن غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII تەڭداشسىز ساھىبجامال، شۇ زاماندىكى دۇنيا گۈزىلى، ئېسىلزادىلەر لەتاپىتىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كېلىنىۋاتقىنىغا 2000 يىل بولاي دېدى. ئەمما ئەنگلىيە دۆلەتلىك مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII نىڭ ھەيكىلى ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئايالنىڭ چىرايى قىلىپ ئويۇلغان. دېمەك، ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII نىڭ رۇخسارى زادى قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل؟

   مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسردە، مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا VII ئۆز ۋەتىنىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ لەتىپىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھاياتى ھەتتا ھوللىيۋود فىلىملىرىگە تېما بولۇپ بەرگەن. ھوللىيۋودنىڭ «مىسىرنىڭ ساھىبجامال ئايال پادشاھى» دېگەن فىلىملىرىدە، ئېلزابېت تايلور، سوفىيا روللاندتەك مەشھۇر گۈزەل ئارتىستلار كلېئوپاترا نىڭ رولىنى ئېلىپ كەلدى. فىلىمدىكى مىسىر ئايال پادشاھى ھەقىقەتەنمۇ  مىسلىسىز گۈزەل ئىدى. بۇ گۈزەل ئايال پادشاھ پاجىئەلىك ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن بۇرۇن دۇنيانى بويسۇندۇرغان ئەرلەرنى ئېتىكى ئالدىدا تىزلاندۇرغان، بولۇپمۇ ئىمپېراتور قەيسەر بىلەن ئانتونىئۇس ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تىز پۈككەن. ئەپسۇس، بەزى كىشىلەر فىلىمدە مىسلىسىز گۈزەل تەسۋىرلەنگەن بۇ دۇنيا گۈزىلىنى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى قوپال، كۆرۈمسىز، بويى 1 مېتىر 50 سانتىمېتىرغىمۇ توشمايدىغان، بەدىنىدىكى ھارام گۆشلىرى بۆرتۈپ-بۆرتۈپ چىققان، پەردازلىنىشنى بىلمەيدىغان، بوينىدا سويمىچىلىك كېلىدىغان پوقىقى بار، چىشلىرى ئېگىز-پەس ھەم شالاڭ بىر شاكات ئىدى، دېيىشمەكتە.

   ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ قارىشى

   ئەنگلىيە دۆلەت مۇزېيى تۇنجى قېتىم  ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلغاندا، ئۇنىڭ 11 ھەيكىلىنى كۆرگەزمىگە قويغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە، تېرىسى مۇدۇر-چوقۇر قىلىپ ئادەتتىكى بىر دېھقان ئايالنىڭ چېھرىدەك ناھايىتى قوپال ياسالغان.

   بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مەسئۇل بولغان ئەنگلىيەلىك خادىم بۇ ھەقتە توختالغاندا «توقۇلغان ھېكايىنىڭ دېتاللىرى ھامان ئويدۇرۇلغان بولىدۇ»، دەيدۇ.

   مۇزېي كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا، كلېئوپاترا قانداقتۇ ئادەمنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان جەزبىدار گۈزەل ئەمەس، بىر قاارىماققا ئايال ئالىمغا ئوخشايدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كلېئوپاترانىڭ ئانا تىلى گرېك تىلى بولۇپ، ئۇ يەنە لاتىن، ئىبراي، ئارامى ۋە مىسىر تىللىرىنىمۇ بىلىدىكەن.

   مىسىر ئايال پادشاھىنىڭ چىرايى ناھايىتى سەت ئىدى، دېگەن قاراشنىڭ ساھىبلىرى «كلېئوپاترا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدىكى لەتىپە-ھېكايىلەر تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما ھەقىقىي كلېئوپاترانى ئۆزى بولسا پاكار، سېمىز، توڭكاي چىش، قۇشبۇرۇن ئايال ئىدى» دېيىشىدۇ. ئەمما بۇ قاراشقا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ھېچ ئويلانمايلا «ناۋادا كلېئوپاترا شۇنداق سەت ئايال بولسا، زامانىسىنىڭ جاھاننى لەرزىگە سالغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى ئىمپېراتورىنى ئىشق بابىدا ئېتىكى ئاستىغا تىزلاندۇرالىغان؟» دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايدۇ. ئەنگلىيىلەلىكلەرنىڭ بۇ قارىشىنى مىسىرلىقلار قەتئىي رەت قىلماقتا ھەم ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ گۈزەل ئايال ئىلاھىنى قوغداش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. مىسىرلىقلار «ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كلېئوپاترانى قەستەن چۆكۈرۈۋاتىدۇ» دەپ قاراپ ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قارىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى ھەتتا نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئەنگلىيە خانىشى دەيئاننانىڭ مىسىرلىق يىگىت بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، دەيئاننا بىلەن مىسىرلىق يىگىتنى ئەنگلىيەلىكلەر قەستلەپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار ئەنگلىيەلىك بۇ گۈزەلنىڭ بىر مىسىرلىققا ئاشىقى بىقارار بولۇپ قېلىشىغا چىدىيالمايدۇ، دېيىشىدۇ.

  مىسىرلىقلارنىڭ قارىشى

   مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى برۇنى فەيزۇللاھ «كلېئوپاترانىڭ ھۆسن-جەمالىنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ لەتاپەت جەزبىسى بەرق ئۇرۇپ تۇرىدىغان ئەۋرىشىم تەنلىرى، گۈزەل چېھرى قەدىمدىن ھازىرغا قادەر ھېچقانداق بىر ئايال پادشاھتا بولۇپ باقمىغان... » دەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ قارىشى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئېچىشقان يېرىگە تەگمەي قالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئايال پادشاھى جاھان ئەھلىگە مەلۇملۇق. مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دوكتور زەكى ھەۋۋاس مۇنداق دەيدۇ «ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ جۆيلۈشلىرى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ، ئۇلار مىسىرغا كېلىپ رۇكسو ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك، بۇ ئىبادەتخانىدا زامانىسىدىكى مىسىر ۋە چەت ئەل سەنئەتكارلىرىنىڭ كلېئوپاترانى پروتوتىپ قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن قاپارتما نەقش ئەسەرلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانماقتا. ناۋادا كلېئوپاترا ئەنگلىيەلىكلەر ئېيتقاندەك كۆرۈمسىز بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئەگىپ يۈرگەن گۈزەل قىزلار ساماندەك يۈرگەن رىم ئالەمگىرلىرى ھېچنېمىگە قارىماي ئىشق بابىدا مىسىر ئايال پادشاھىنىڭ ئېتىكىگە تىزلانمىغان بولاتتى» دەيدۇ.

   مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترانىڭ مىسلىسىز دۇنيا گۈزىلى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغۇچىلاردىن باشقا يەنە بەزى مىسىر ئالىملىرى كلېئوپاترانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى، دېيىشىدۇ. مىسىر خالۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جىھاد زەكى ئەپەندى «كلېئوپاترانى رىم ئىمپېراتورلىرى بىلەن بولغان سۆيگۈ ۋەسۋەسىسىدەك گۈزەل دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كامالەتكە يەتكەن ئىدى، ئۇ ساھىبجامال ھىيلىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق رىم ئىمپېراتورلىرىغا تاقابىل تۇرغان» دەيدۇ. مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە  شەھىرىدىكى يۇنان-رىم مۇزېيىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەھمەد ئەپەندى «كلېئوپاترا 17 يېشىدىلا ئاتىسىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆتكۈزۈۋالغان، ئۇنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىشى ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەتكە تولغان ئىقتىدارى ۋە بىلىم بىلەن تولغان مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولغان، ئۇنىڭ زامانىسىنىڭ ئالەمگىرلىرى ـــ رىم ئىمپېراتورلىرى بىلەن بىللە ئۆتەلىشىدىكى قورال دەل ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جەزبىدار لەتاپىتى ۋە مىسلىسىز گۈزەللىكىدۇر» دەيدۇ.

   مىسىرلىقلار «يەكشەنبىلىك تايمىس» گېزىتىنىڭ بىمەنە خەۋەرلىرىگە قەتئىي قارىشى تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭغا مىسىرلىقلارلا ئەمەس، ھەتتا كلېئوپاترا تاش ھەيكىلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن ئەنگلىيە تەرەپنىڭ مەسئۇلى سۇزان ۋوركلا خانىممۇ «كلېئوپاترانىڭ گۈزەل ھۆسنىگە قىل سىغمايدۇ ھەم بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، ‹يەكشەنبىلىك تايمىس› گېزىتىنىڭ مۇكەممەل بولمىغان كلېئوپاترانىڭ تاش ھەيكىلىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلغان ئەسىرى ساختىلقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى گېزىت تىراژىنى كۆپەيتىشتۇر» دەيدۇ. كلېئوپاترانى مىسىرلىقلارلا قەدىرلەپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. فرانسىيە پەيلاسوپى پاسكال ئۆزىنىڭ «ئىدىيە بىشارەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «ناۋادا كلېئوپاترانىڭ بۇرنى سەل قىسقىراق بولغان بولسا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولار ئىدى» دەپ يازىدۇ. ھېنرىخ ھېينى بىلەن شېكىسپىرمۇ كلېئوپاترا ھەققىدە نادىر داستان ۋە درامىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەھالەنكى، ئامېرىكانىڭ مەشھۇر كىنو چولپىنى ئېلزابىت تايلور فىلىمدە پۈتكۈل ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بۇ گۈزەل ئايال پادشاھنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.

   «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئايال» دېگەن بىر كىتابتا كلېئوپاترا «ئۇنىڭ جەزبىلىك ئەۋرىشىم تېنى ياشلىقنىڭ ئوخچۇغان بۇلاقلىرىنى نامايىش قىلسا، ئاھۇنىڭكىدەك قارا كۆزلىرى جاننى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇن بۇرنى ئۇنى ئېسىلزادىلەرنىڭ ئېسىلى قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرسا، قۇندۇزدەك قارا ساچلىرى قاش تېشىدەك يۇمران تېنىگە ھەسىلەپ لەتاپەت ئاتا قىلىدۇ، گىلاستەك لەۋلىرى ۋە دۇنيانى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدىغان تەبەسسۇمىغا دۇنيانىڭ سىرى يوشۇرۇنغان. ئۇنىڭدا مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكى ئۆز ئەكسىنى مۇجەسسەملىگەن» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

   كلېئوپاترانىڭ رۇخسارى ھەققىدىكى  يۇقىرىقىدەك دەتالاشلارنىڭ ئاساسى يوق، دېەىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ دەتالاشلاردا تەرەپلەرنىڭ خۇسۇسىي ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، چۈنكى 2000 يىللار بۇرۇنقى كلېئوپاترانىڭ رۇخسارىنىڭ زادى قانداقلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس، بۇ مەڭگۈلۈك بىر سىر بولۇپ قالىۋېرىدۇ، خالاس.


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 14:53:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما خەت نۇسخىسنى ئوقۇغىلى بولمىدىيا؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
488
تۆھپە
322
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 15:15:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
101.jpg
100.jpg
مەشھۇر گۈزەل ئېلىزابىت تايلور كلېئوپاترانىڭ رولىنى ئالغان ئىدى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:59, Processed in 0.061421 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش