كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 1

‹‹تىتانىك›› ھەققىدە: روماندىكى بېشارەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:45:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركمان تەرجىمىسى («دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار» ناملىق كىتابتىن)


   ئارىدىن يۈز يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ « تىتانىك » ناملىق پاراخود دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك تەقدىر ھەققىدىكى ھېكايە سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا، بۇ ھەقتىكى دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ھوللىيۋود فىلىمى تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئەمما بۇ پاجىئە ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسوننىڭ بىشارىتىمۇ ياكى بىر تەساددىپىيلىقمۇ؟
       «تىتان» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود
   ھوللىيۋود دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود «تىتانىك» نىڭ چۆكۈپ كېتىش پاجىئەسىنى ئاپەت خاراكتېرلىك مۇھەببەت  فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان ئىدى. بۇ پاجىئە ھەققىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنى پاجىئە يۈز بېرىشتىن 14 يىل بۇرۇن شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن بىشارەت بېرىلگەن ئىدى.
  ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسون  1898-يىلى نەشر قىلىنغان« بىھۇدە ئاۋارىچىلىق » ناملىق رومانىدا كىشىلەر تەرىپىدىن« مەڭگۈ چۆكمەس پاراخوت » دەپ تەرپلەنگەن ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم غايەت چوڭ بىر پاراخوتنى تەسۋىرلىگەن. روماندىكى «تىتان» ناملىق بۇ پاراخوت تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدە دېڭىزغا چۈشۈرۈلۈپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارىشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكىغا يولغا چىققان. روماندا بۇ پاراخود ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخود قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، پاراخود ئەينى چاغدىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە دۇنيادا بارلىكى بارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەن بېزەلگەن، روماندا بۇ پاراخودنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يۇقىرى تەبەقە ئاقسوڭەكلىرى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئوكيان سەپىرىدە پاراخودتتىكى ھەشەمەتلەردىن بەھر-ھوزۇر ئېلىپ ماڭغان. ھالبۇكى بۇ پاراخود ئۆزىنىڭ تۇنجى قاتنىشىدا مۇزتاغقا دۇچ كېلىپ پاجىئەلىك ھالدا چۆكۈپ كەتكەن، نۇرغۇن يولۇچى بۇ پاجىئەدە ئۆلگەن.
   رېئاللىققا ئايلانغان بىشارەت
   روماندىكى بۇ پاجىئەنىڭ 14 يىلدىن كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن. 1912-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، شۇ چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك سانالغان «تىتانىك» ناملىق پاراخود شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى.
   پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەزىلەر مورگان روبسوننىڭ 14 يىل بۇرۇن نەشر قىلىنغان رومانىنى ئەسكە ئېلىشتى. ئۇلار روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ھەيران قېلىشتى. رېئاللىقتىكى «تىتانىك» بىلەن روماندىكى «تىتان» نام جەھەتتىن ئازراقلا پەرق قىلغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولۇپ چىقتى: ھەر ئىككى پاراخوت تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەندە چۆكۈپ كەتكەن، سەۋەبى ئوخشاشلا مۇز تاغقا سوقۇلغان، چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان بولغان. ھەر ئىككى پاراخود ئوخشاشلا 4-ئاينىڭ بېشىدا دېڭىزغا سېلىنغان، سەپەر لىنىيەسى ئوخشاشلا ئەنگلىيە-ئامېرىكا بولغان. روماندىكى «تىتان» دا يولۇچى 3000 ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، رېئاللىقتىكى «تىتانىك» تىكى يولۇچىمۇ نەچچىلا ئادەم كەم 3000 ئىدى. «تىتان» نىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئېغىرلىقى 70 مىڭ توننا بولغان بولسا، «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلىقى 66 مىڭ توننا ئىدى. «تىتان» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 244 مېتىر قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسا، «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا 244 مېتىردىن نەچچە 10 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولغان. ھەر ئىككى پاراخودنىڭ رولى ئۈچ بولغان، مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن چاغدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 11 مىڭ 500 مېتىر بولغان. يەنە بىر ئوخشاشلىق شۇ بولغانكى، ھەر ئىككى پاراخودتتىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئېغىر بولۇش سەۋەبى پاراخودتىكى قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى بولغان.
   كىشىلەر «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» دە «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلغاندىن كېيىن، بۇنى مورگان روبسوننىڭ رومانىدىكى ۋەقەلىكلەرنى ئەسلەشكەن ۋە يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، روماندا تەسۋىرلەنگەن بارلىق تەپسىلاتلارنىڭمۇ رېئاللىقتىكى پاراخودتتا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاشقان. دېمەك، روماندىكى ھېكايىنى 14 يىل كېيىن يۈز بەرگەن «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەجەبا بۇ بىر تەسادىپىيلىقمىدۇ ؟ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 23:24:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تىتانىك» ناملىق پاراخود فىلىمى بەكمۇ تەسىرلىك كىنو. ھەقىقى سۆيگۈ- مۇھەببەتنى فىلىمدىكى ئىككى ئاشىقتىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:48, Processed in 0.054209 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش