تۆمۈر تۇمشۇق(ئۆزبېكستان)
(ئۆتكۈر ھاشىموف)
بالا چاغلىرىم...كۈز ئىدى. باراڭ ئاستىدىكى سۇپىدا دەرس تەييارلاۋاتىمەن. ھاممام بىر بۇلۇڭدا مۈگدەپ ئولتۇرىدۇ...قاندەك قىزارغان تەك يوپۇرماقلىرى ئاستا چايقىلىدۇ. ئۈرۈك غازاڭلىرى ئۈنسىز لەيلەپ تۆكۈلىدۇ. باغ تەرەپتىن ھامان بىر خىل سادا كېلىدۇ<< توك - توك-توك، توك - توك-توك>>. ئادەمنىڭ چىشىغا تېگىدۇ. پىكرىڭنى چاچىدۇ... ئاخىرى چىدىمىدىم، ھاممامدىن سورىدىم:
-نېمە ئۇ، ھامما؟
ھاممام چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى:
-نېمىنى سورايسەن، بالام؟
-ئاۋۇ توكۇلداۋاتقاننىچۇ، نېمە ئۆزى؟
ھاممام بىر پەس قۇلاق سېلىپ تۇردى. كېيىن ئاغزىدىكى ناسنى تۈكۈرۈپ ھىجايدى:
-تۆمۈر تۇمشۇققۇ ئۇ.
-نېمىشقا ھەدەپ توكۇلدىتىۋېرىدۇ؟ جېنىمغا تەگدىغۇ ئۆزى!
-ئۇنداق دېمە، بالام،-دېدى ھاممام خۇرسىنىپ،-خۇدايىم ئۇنى شۇنداق ياراتقان، دەرەخلەرنىڭ قۇرتىنى يەپ تازىلايدۇ...-ئۇ ئۇزاق جىمىپ قالغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،-ئەگەر،ئاللاھ ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىكى قۇرتلارنى تازىلايدىغان شۇنداق جانىۋارنى ياراتسا، ھەممە جەننەتكە كىرمەسمىدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ayberchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-11 12:03