كۆرۈش: 228|ئىنكاس: 4

ئېسىڭىزدە بولسۇن ....[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
303
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:50:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئېسىڭىزدە بولسۇن ....


1.ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك سەمىمىي ۋە راستچىل ئەمەس ،شۇڭا باشقىلارغا بارلىقىڭىز بىلەن ئىشىنىپ كەتمەڭ ؛
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ ، شۇڭا ئەمدى ئەخمەقلەرچە باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ .
3. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك ۋاپاسىزمۇ ئەمەس ، شۇڭا ساقلاپ قېلىشقا تىگىشلىك مۇھەببەتنى باغرى تاشلىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەڭ .
4. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا قىممەتلىك كۆز يېشىڭىزنى ئاسانلىقچە تۆكىۋەتمەڭ .
5. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تىلەش بىلەن ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا باشقىلاردىن تىلەش ئارقىلىق غورۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىپ ياشاۋەرمەڭ ؛
6. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، كىشى كۆڭلى يېرىم بولغاندا چوقۇم ياش تۆكۈشى زۆرۈر ئەمەس ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزگە پىخسىغلىق قىلماڭ ؛
7. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،كىشى ئاقكۆڭۈل بولسىلا ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ ، شۇڭا ئاسانلىقچە دىلى يۇمشاقلىق قىلماڭ ؛
8. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز باشقىلارغا ئاتا قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغاچقا ئاتا قىلسىڭىز بولىدىغان ئىش يوق ، شۇڭا باشقىلارغا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ ؛
9. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ھېسىياتىڭىزنى چىرايىڭىزدا ئىپادىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، شۇڭا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سىرتقا ئىپادىلىمەڭ ؛
10. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرىشى ناتايىن ، شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنلەرگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ ؛
11. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكى ناتايىن ، شۇڭا ئۇلارغا  زەھەرخەندىلىك بىلەن ئازار بەرمەڭ ؛
12. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشى ناتايىن ، شۇڭا جاھىللىق بىلەن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيمەن دېمەڭ ؛
13. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىز نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزىڭىزنى يارامسىز ھېس قىلماڭ ، چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىشى ناتايىن .
14. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تۇرمۇشتا پەقەت سىز بىر ئادەملا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتمايسىز ، يەنە نۇرغۇن ئادەملەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، شۇڭا بەزى ئىشلارغا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەك ، بەلكىم ئەتراپىڭىزدا قىيىنچىلىقى سىزدىن ئېغىر كىشىلەر يەنىلا تىرىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ؛
15. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان پەقەت بىر ئۆزىڭىزلا دەپ قارىماڭ ، باشقىلارنى مەندىن ۋاز كەچتى دەپ ئويلىماڭ ، بەلكىم يەنە نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ئۈنسىز ياخشى كۆرىدۇ ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار بولۇڭ ...

Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
10
UID
456
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:19:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەركەن ، تىمىڭىزغا رەھمەت !


Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
15
UID
851
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:26:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىپسىز!


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 00:17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن، كۆپ ئوزۇق ئالدىم. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر


Rank: 1

ئىسمى
ياقۇپجان ياسىن
تىللا
45
تۆھپە
17
UID
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 22:29:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشىكەن جۇمۇ تېما ئىگىسىگە رەخمەت .


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 00:32:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان؟ تۇرسۇنجاننىڭ بۇ تېمىسىغا رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:07, Processed in 0.059288 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش