كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 1

چايان (مىكرو ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 05:49:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


— چايان زەھىرى ساتىمەن ، چايان زەھىرى ! رىماتىزمنىڭ ئەڭ شىپالىق دورىسى ! ساقايمىغان رىماتىزمنى ئۈچ كۈندىلا ساقايتىۋېتىدۇ !
   ‹‹ئانامنىڭ رىماتىزم كېسىلىگە شىپا بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس ›› دېگەن خىيال كاللامدىن ‹‹لىپپىدە›› ئۆتتى-دە ، يولۇمدىن توختاپ كوچا دوقمۇشىدىلا يايما يېيىپ ۋارقىراپ خېرىدار توۋلاۋاتقان سەييارە تىۋىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم . تىۋىپنىڭ ئەتراپىنى سەككىز-ئوندەك ئادەم ئورىۋالغان بولۇپ ، تىۋىپتىن ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى سورىشاتتى . تىۋىپ ئۇلارنىڭ گېپىگە زېرىكمەي لايىقىدا جاۋاب بېرىۋاتاتتى .
   ئۇنىڭدىن چايان زەھىرىنىڭ قانداق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سورىدىم .
   — ھە، مۇنداق … ئاۋۋال پۇتنى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن پاقالچاققا تەكشى سۈركەيمىز، — ئۇ كىچىكرەك بىر ئەينەك داستا لۆمۈرلىشىپ تۇرغان چايانلارنى كۆرسەتتى،  — ياكى تىرىك چاياننى پاقالچاققا قويۇپ قويساقمۇ بولىدۇ . چايان رېماتىزم بولغان ئادەمنى چاقمايدۇ . بىرلا ماڭغۇزۇپ قويسىڭىز قىرىق يىللىق رىماتىزمغا شىپا قىلىدۇ . ئەزبىرايى راست …
   ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى .
   — چايان زەھىرى رېئاكسىيە قىلسىچۇ ؟ ئالىمادىس چايان چېقىۋېلىپ بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا…
   — ئا … قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز ئۇكا، — ئۇ بەخىرامان جاۋاب بەردى، — ئەگەر مال ساختا چىقىپ قالسا ياكى بىز دېگەندەك ئۈنۈم بەرمىسە بىرگە يۈزنى تۆلەپ بېرىمىز !

   — ؟!

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 15:29:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىزغا تەشەككۈر تۇمان! مىكرو ھېكايە ژانىرى ئارقىلىق جەمىئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ قانداقلىقىنى تۇلۇق چۈشۈنەلەيمىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:45, Processed in 0.054523 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش