ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
يېزا بازىرىدىكى تۇرەك كاناي ئايالىغا ئېچىپ بەرگەن سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدىن تاماكا ئالىمەن دەپ، چۈشتىن كېيىنكى يوقلىمىغا بەش مىنۇتچە كېچىكىپ قېلىپ ، قورۇنۇپقىنە يىغىن زالىغا كىردىم . ئىسمىم باشتىراق بولغاچقىمىكىن ، ئاللىقاچان ئۆتۈپ كېتىپتۇ . تەلىيىمگە يېزا باشلىقلىرىنىڭ بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . بىر قېتىملىق دەشنامدىن قۇتۇلغىنىمغا ‹‹شۈكرى!›› دەپ يەڭگىل تىندىم . كاتىپ تۇرەك كاناي ھە دەپ چىرقىراق ئاۋازىدا سەت كاركىراپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى . ئۇ يوقلىمىنى تۈگىتىپ بولۇپ ۋەزمىن ئاھاڭدا سۆزلەشكە باشلىدى:
— يولداشلار، چۈشتىن كېيىن ئېتىز بېشىدا تولۇق تۇرۇپ كۈزلۈك يىغىمغا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىڭلار . يېزا رەھبەرلىرى ھەممە كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ ، ئېتىزلىققا بارمىغان ، ئىش ئورنىدا مۇقىم تۇرمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ .
كۆپچىلىك يوقلىمىدىن تارقاشتى . ئۇ يوقلىما دەپتەرنى قولتۇقىغا قىسقىنىچە ئادەمسىز زالنىڭ رەئىس مۇنبىرىدە غادىيىپ ئۆرە تۇراتتى . ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم-دە، بىر تال تاماكا تۇتتۇم . ئۇ مەنسىتمىگەندەك قولىنى ئۇزاتتى .
— تۇرەككا، سىلىنىڭ دۇكاننىڭ تاماكىسىزە ، ھەقىقەتەن ئېسىل جۇما!
— ھە، بۇ تاماكىنى بىزنىڭ دۇكاندىن ئالغانمىتىڭىز؟ — ئۇ چىرايىغاسۇس كۈلكە يۈگۈرتتى، — راست دەيسىز ، بىزنىڭ خوتۇن ئادەتتە دۇكانغا قەتئىي ناچار مال كىرگۈزمەيدۇ، — ئۇ تاماكىنى قېنىپ بىر شورىۋالغاندىن كېيىن ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى، — يوقلىمىدىن خاتىرجەم بولۇڭ ، سىزنى بار قىلىپ قويدۇم . چۈشتىن كېيىن كەنتكە بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، باشلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھىيەگە يىغىنغا بارىدۇ…