ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
مۇدىر مەكتەپ ھويلىسىغا ئالاھىدە ھۆسن قوشۇپ تۇرغان بىر تۈپ ئالما دەرىخىنىڭ پەسكە ساڭگىلاپ تۇرغان بىر تال شېخىنى چىڭ تۇتقىنىچە مۇھىم بىر ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ جىمجىت تۇراتتى . شۇ تاپتا ئون سەككىز ياشلىق قىزنىڭ مەڭزىدەك قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار قويۇق شاخلار ئارىسىدىن ئۇنى مارىلىماقتا ئىدى .
— مۇدىر، مىجەزلىرى يوقمۇ نېمە؟ — مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالاھىدىننىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالىدىن ئۇ چۆچۈپ كەتتى-دە، دەرھال چىرايىغا ئىللىق تۈس بەردى:
— ھە، ياق…ياق… — ماۋۇ ئالما دەرىخى كۆزۈمگە بۆلەكچىلا كۆرۈنۈپ… — مۇدىر ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئىشخانىسىغا ماڭدى . شۇ تاپتا ئۇ ھېلىقى مۇھىم ئىشنى تېخىچە قارار قىلىپ بولالماي جىلە بولۇپ تۇراتتى.
ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا مۇدىر مەكتەپ ھويلىسىغا چىقتى . چىقتىيۇ ، يۈرىكى ‹‹چىممىدە!›› قىلىپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ بايا قىلغان مۇنداقلا بىر ئېغىز گېپىنىڭ مەكتەپكە مۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى . ھېلىقى بىر تۈپ ئالما دەرىخى ئاللىقاچان كېسىلىپ يەرگە يىقىتىلغان ، سالاھىدىن شۇ تاپتابىر قانچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىلەن ھەدەپ ئالما كۆتىكىنى كولاۋاتاتتى…