تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى.
بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى:
— ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
ئارىدىن ئون-ئون بەش مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە شۇ كىتاب، يەنە شۇ شېئىر:
— ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
قىزچاقنىڭ كۆزلىرى يەنىلا كىتابتىكى ئەشۇ قۇرلارغا تىكىلگەنىدى. يەتتە ياشلىق ئىنىسى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بولۇپ، قىزچاق ئاستا ئىنىسىدىن سورىدى:
— ۋېيكا، دېرىزىدىن قارىغىنە، سەن نېمىنى كۆردۈڭ، بىلەمسەن؟
بىر يولۇچى ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدى:
— قىزچاق، ئورنۇڭلارنى ئۆتۈنۈپ بەرسەڭلارچۇ! ئىنىڭىزمۇ خېلى چوڭ ئىكەن، بىردەم ئۆرە تۇرغانغا ھېچنەرسە بولۇپ قالماس.
قىزچاق ھېچنېمىنى ‹‹ئاڭلىمىدى››، ئۇ يەنە شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى:
— ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
ۋېيكا خىجىل بولۇپ، ھەدىسىنى نوقۇغانىدى، ھەدىسى ئۇنى جىمىلىدى:
— ئولتۇرىۋەر! خەقنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!
— بىلەمسەن ھەدە...
— ئېغىزىڭنى يۇم!
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغانىدى. ئاپىسى ۋېيكانى تاماققا چاقىرغانىدى، ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمغاندەك، دېرىزە سىرتىغا قاراپ تۇرىۋەردى.
— ۋېيكا! سېنى قانچە قېتىم چاقىردىم؟
ۋېيكا چوڭقۇر خىيال ئىچىدە كۆزلىرىنى دېرىزە سىرتىغا تىككەنىدى.
— ۋېيكا!
— ئاغزىڭنى يۇم، ئاپا!
— ۋېيكا! سەن نېمىشقا ماڭا مۇنداق گەپ قىلىسەن؟
دادىسى قايتىپ كەلدى. ئاپىسى ئوغلىنىڭ بايىقى قىلىقلىرى توغرىسىدا خېلى قاينىدى:
— مۇنداق قوپال گەپ قىلىشنى ئۇ كىمدىنمۇ ئۆگىنىۋالغاندۇ؟
— سىرتتىن ئۆگىنىۋالغاندۇ، — دېدى دادىسى ھەممىنى بىلىدىغاندەك، — ھەممىنى سىرتتىن ئۆگىنىۋالغان گەپ. بىز ئەمدى ۋېيكانىڭ سىرتتا قالايمىقان يۈرۈشىگە، ھەتتا قورۇدىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىغىمۇ يول قويماسلىقىمىز كېرەك!
ئۇلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ، پارىڭىنى ئاخىرلاشتۇردى.
---------- شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە)
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004–يىلى 9–ئايدا نەشر قىلغان ‹‹دۇنيا ئەدەبىيات–سەنئەت جەۋھەرلىرى . مىكرو ھېكايىلەر›› ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى.