كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 0

ھەر مىللەت ماقال – تەمسىللىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
303
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:46:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىرغىز خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىن

* قىتىغۇرنىڭ ئىچى قىرىق قەۋەت.
* يەر تومۇرىدىن ئەل تومۇرى كۆپ .
* قىز قىز بولسۇن ،
قىش قىش بولسۇن .
* ئارغىماق بوينىنى ئوق تېشەر،
ئەر بوينىنى يوق كېسەر.
* ھەرىكىتى كۆپ ، بەرىكىتى يوق .
* كۆلەڭگىگە قاراپ كۆڭلەك پىچما .
* ئۆلگەننىڭ جازاسى — كۆمگەن .
* كىرەي دېسەڭ يەر قاتتىق ،
قىياي دېسەڭ جان تاتلىق .
* كۆرمىگەن يېرىڭ — گۆرىستان .
* كېلىن يامان ئەمەس ، كەلگەن يېرى يامان .
* نەۋرىسى يوقنىڭ چەۋرىسى يوق .
* قازىنى بۆلەكنىڭ غېمى بۆلەك .
* ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار ،
بالىلىقىڭ تېخى بار .
* ئېقىللىق مىڭ بالادىن قۇتۇلىدۇ ،
ئېقىلسىز بىر بالاغا تۇتىلىدۇ .
                  
قازاق خەلق ماقال – تەمسىللىرى

* پىل كۆتۈرەلمىگەننى تىل كۆتۈرىدۇ .
* قوتۇر قولدىن يۇقىدۇ ،
بالا تىلدىن يۇقىدۇ .
* ھەسەل تامغان تىلدىن زەھەرمۇ تامىدۇ .
* تىل تاش يارىدۇ ،
تاش يارمىسا ، باش يارىدۇ .
* كۆپ سۆز — كۈمۈش ،
ئاز سۆز — ئالتۇن .
* سۇنى چىم توختىتىدۇ ،
سۆزنى چىن توختىتىدۇ .
* بەزىلەرنىڭ سۆزى چىرايلىق ،
  بەزىلەرنىڭ كۆزى چىرايلىق .
* سۆزمەننىڭ سۆزى مەرگەن ،
  چېۋەرنىڭ كۆزى مەرگەن .
* كۆپ سۆزلىگەن يا يولدىشىدىن ،
  يا قۇردىشىدىن ئايرىلىدۇ .
* سۆز ئاتىسى — قۇلاق ،
  سۇ ئاتىسى — بۇلاق ،
  يول ئاتىسى — تۇياق .
* يىلاننىڭ تىلى ئاچا ،
يىلان مىجەز كىشىنىڭ دىلى ئاچا.

خەنزۇ خەلق ماقال – تەمسىللىلىرىدىن

* ئاق ھاراق ئادەمنىڭ چىرايىنى قىزارتىدۇ ،
سېرىق ئالتۇن دۇنيانىڭ دىلىنى قارايتىدۇ .
* تاماق ئېتەلمەيدىغان قازانغا قارايدۇ ،
  تاماق ئېتەلەيدىغان ئوچاققا قارايدۇ .
* دەز كەتمىگەن تۇخۇمغا چىۋىن قونمايدۇ .
  دەريا بويىدا ماڭغاننىڭ كەشى قۇرۇمايدۇ.   
* خەقنىڭ تامىقىنى يېگەننىڭ ئاغزى يۇمشاق ،
خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالغاننىڭ قولى يۇمشاق .
* ئېقىللىقتىن ئېقىل خاتالىقى ئۆتەر .
* ئالدىدا دۇمباق ئۇرساڭمۇ مەيلى،
  كەينىدە داپ چالما .
* ئىتىنى ئۇرساڭ ئىگىسىگە قارا .
مۇش ئاتساڭ تېپىكتىن ساقلان .
* ئۇرغىنى — خىللىغىنى ،
  تىللىغىنى — چىللىغىنى.
* بىر ئەجەلدىن قالغاننىڭ بەختى ئالدىدا .
* قەرزگە كۆپ ئالغاندىن نەق پۇلغا ئاز ئالغان ئەۋزەل
* كۆپ سۆزدىن كۆپچىلىك بىزار .
* بىر دوستۇڭ كۆپەيسە ، بىر يولۇڭ ئېچىلۇر ،
بىر دۈشمىنىڭ كۆپەيسە، بىر يولۇڭ ئېتىلۇر .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:51, Processed in 0.055433 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش