كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 6

پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئاتالغۇلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسمى
شەمسىدىن
تىللا
97
تۆھپە
34
UID
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:34:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ش ئۇ ئا ر پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە دائىر ئاتالغۇلار


    يېقىندا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىدا يىغىن چاقىرىپ، ش ئۇ ئا ر پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە دائىر ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتتۇق. بارلىق شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ بۇ ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگىنى بويىچە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق ئىلگىرى نامۇۋاپىق بېكىتىلىپ قالغان ‹‹ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ›› ( 安居工程 ) ، ‹‹ ئىشلىتىلىش كۆلىمى ›› ( 使用面积 ) ئاتالغۇلىرى ‹‹ ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ›› ، ‹‹ نەق كۆلەم ›› دەپ قايتىدىن بېكىتىلدى.
ش ئۇ ئا ر پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئاتالغۇلار
固定资产投资تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى
单位生产总值بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى
经济结构调整力度 ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقى
社会主义新农村建设سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى
工业反哺农业سانائەت يېزا ئىگىلىكنى يۆلەش
“多予、少取、放活”«كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇش»
自给有余ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىش
主攻单产 بىرلىك مەھسۇلاتقا كۈچەش
优化村庄布局كەنتلەرنى ياخشى جايلاشتۇرۇش
后备产业大军زاپاس كەسپىي قوشۇن
开发式扶贫方针 تەرەققىيات يولى بىلەن يۆلەش فاڭجېنى
有色矿产资源رەڭلىك قېزىلما بايلىق
石油天然气化工基地نېفىت، تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى بازىسى
煤电煤化工基地كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى
战略资源接替基地ئىستراتېگىيىلىك بايلىق ئىزباسار بازىسى
“大力支持上游、积极介入中游、加快发展下游” 的原则 «بىرلەمچى مەھسۇلاتنى كۈچلۈك قوللاش، ئارا مەھسۇلاتقا تۇتۇش قىلىش، ئىككىلەمچى مەھسۇلاتنى تېز راۋاجلاندۇرۇش» پرىنسىپى
产业(集)群 كەسىپلەر توپى
"煤—电—高载能产业"«كۆمۈر - ئېلېكتر - يۇقىرى ئېنىرگىيە كەسپى»
产业聚集区كەسىپ توپلاشقان رايون
就业容量ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى
现代服务体系 زامانىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى
需求潜力يوشۇرۇن ئېھتىياج
“统筹规划、合理布局、量力而行、适度超前” 的原则 «بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش،مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىش» پرىنسىپى
瓶颈制约بوغما ھالەتلىك چەكلىمە
节水增效سۇنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش
航空运输体系ئاۋىياتسىيە ترانسپورت سىستېمىسى
油气管道建设نېفىت - گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى
互联互通 ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش
条块分割 سىستېما - بۆلەك ئايرىمىسى
乌昌经济一体化 ئۈرۈمچى - سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش
产学研结合ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش
“两免一补” «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم»
适龄青少年ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر
内地新疆高中班ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى
区内初中班ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى
全民健身计划纲要«ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پىلانى پروگراممىسى»
“村村通工程”«ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»
“走出去工程”«(سىرتقا) چىقىرىش قۇرۇلۇشى»
“请进来”«(سىرتتىن) كىرگۈزۈش»
军政团结 ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى
政教分离 ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش
人民当家作主خەلق خوجايىن بولۇش
“长期共存、互相监督、肝胆相照、荣辱与共” 的方针 «ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار-يوقىنى تەڭ كۆرۈش» فاڭجېنى
政务、厂务、村务公开مەمۇرىيەت، زاۋۇت، كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش
“知荣辱、讲正气、树新风、促和谐” 的风尚 «شەرەپ-نومۇس، توغرا كەيپىيات، يېڭى ئىستىل، ئىناقلىق» ئادىتى
拒腐防变چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
江泽民文选جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما
“四化”方针«تۆتلەشتۈرۈش» فاڭجېنى
德才兼备ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك
政治敏锐性سىياسىي سەزگۈرلۈك
政治鉴别力سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى
下派任职 ئەمەل بىلەن تۆۋەنگە ئەۋەتىش
上挂锻炼 ئەمەل بىلەن يۇقىرىدا چېنىقتۇرۇش
交流轮岗 ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش
“精简上层、充实基层” 的原则«يۇقىرىنى ئىخچاملاش، تۆۋەننى تولۇقلاش» پرىنسىپى
回乡知识青年يۇرتىغا قايتقان زىيالىي ياشلار
致富能手 بېيىشتا يول تاپقانلار
异地挂职 ئەمەل بىلەن باشقا جايغا ئەۋەتىش
脱产培训 ئىشتىن ئايرىپ تەربىيىلەش
“三老”人员 «ئۈچ پېشقەدەم»لەر
事业心كەسىپچانلىق
反腐倡廉教育 چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسى
中央驻疆单位مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى
“东突”势力 «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى
“三股势力” «ئۈچ خىل كۈچ»
ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە دائىر ئاتالغۇلار
安居工程 ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى
安居工程住房ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۆيى
安乐窝راھەت ماكان
凹阳台ئىچ بالكون
半地下室 يېرىم گەمە
壁橱تام ئىشكاپ
壁龛ئويۇق
避难层پاناھ قەۋەت
标准层ئۆلچەملىك قەۋەت
层高قەۋەت ئېگىزلىكى
拆建比چېقىش-سېلىش نىسبىتى
拆迁چېقىش-كۆچۈرۈش
拆迁房屋承租人چېقىلىدىغان ئۆينى ئىجارە ئالغۇچى
拆迁纠纷裁决چېقىش-كۆچۈرۈش ماجىراسى كېسىمى
拆迁许可证 چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى
产权调换مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش
成套房屋的套内建筑面积يۈرۈشلۈك ئۆينىڭ ئىچكى قۇرۇلۇش كۆلىمى
成套住宅يۈرۈشلۈك تۇرالغۇ
成套住宅建筑面积يۈرۈشلۈك ئۆي قۇرۇلۇش كۆلىمى
初始登记دەسلەپكى تىزىملاش
厨房ئاشخانا
存量房ساقلانما ئۆي
大修工程 چوڭ رېمونت قۇرۇلۇشى
单元式房屋بۆلەكلىك بىنا
单元式高层住宅كۆپ ئىشىكلىك ئېگىز بىنا
单元式住宅 كۆپ ئىشىكلىك تۇرالغۇ
道路红线يول قىزىل سىزىقى
道路用地يول يېرى
低层住宅پەس بىنا
底阳台ئاست بالكون
地下室گەمە
吊柜 ئاسما ئىشكاپ
多层住宅ئارا بىنا
翻修工程يېڭىلاش قۇرۇلۇشى
房产折旧ئۆي-جاينىڭ ئۇپرىشى
房地产交易手续费ئۆي-زېمىن سودىسى رەسمىيەت ھەققى
房地产契税 ئۆي-زېمىن يەر خېتى بېجى
房改房ئىسلاھات ئۆي
房改房维修基金ئىسلاھات ئۆي رېمونت فوندى
房屋部分产权 ئۆينىڭ قىسمەن مۈلۈك ھوقۇقى
房屋层数ئۆينىڭ قەۋەت سانى
房屋拆迁补偿 ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى
房屋的产权面积ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كۆلىمى
房屋的共有建筑面积 ئۆينىڭ ئوپچە قۇرۇلۇش كۆلىمى
房屋的所有权 ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى
房屋地上层数 بىنانىڭ يەر ئۈستى قەۋەت سانى
房屋地下层数 بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋەت سانى
房屋减少建筑面积ئۆينىڭ كېمەيگەن قۇرۇلۇش كۆلىمى
房屋竣工面积 ئۆينىڭ پۈتۈش كۆلىمى
房屋耐用年限 ئۆينىڭ ئۆمرى
房屋权利人ئۆي ئىگىسى
房屋权利申请人 ئۆي ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلغۇچى
房屋权属登记ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش
房屋权属登记费 ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى
房屋权属证书ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى كىنىشكىسى
房屋施工面积ئۆينىڭ قۇرۇلۇش قىلىش كۆلىمى
房屋实测面积ئۆينىڭ ئۆلچەنگەن كۆلىمى
房屋完好率ئۆينىڭ بېجىرىملىك نىسبىتى
房屋新开工面积ئۆينىڭ قۇرۇلۇش باشلاش كۆلىمى
房屋修缮ئۆي رېمونتى
房屋修缮投资 ئۆي رېمونت مەبلىغى
房屋预测面积 ئۆينىڭ مۆلچەر كۆلىمى
房屋总层数بىنانىڭ ئومۇمىي قەۋەت سانى
非成套住宅يۈرۈشسىز تۇرالغۇ
非封闭阳台ئوچۇق بالكون
封闭阳台توسۇق بالكون
福利房 پاراۋانلىق ئۆيى
(加层(层بالا قەۋەت (قىستۇرما قەۋەت)
复式商品房بالىخانىلىق تاۋار ئۆي
钢、钢筋混凝土结构پولات-بېتون قۇرۇلما
港、澳、台投资房产شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان ئۆي-جاي
高层住宅 ئېگىز بىنا تۇرالغۇ نىسبىتى
公共服务设施用地 جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسى يېرى
公共绿地 جامائەت يېشىللىقى
公共维修基金额 جامائەت رېمونت فوندى سوممىسى
公用建筑面积分摊系数جامائەت قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئۈلۈش كوئېففىتسېنتى
公用设施用房جامائەت ئەسلىھەسى ئۆيى
公寓式住宅ساراي تۇرالغۇ
共用部位 ئوپچە قىسىم
共用设施设备ئوپچە ئەسلىھە-ئۈسكۈنە
(有建筑面积(有建筑面积 ئوپچە قۇرۇلۇش كۆلىمى
共有建筑面积的计算方法ئوپچە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
共有权证ئورتاق ئىگىدارلىق كىنىشكىسى
股份制企业房产پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا ئۆي-جايى
国有房产دۆلەت ئۆي-جايى
过道كارىدور
户型比 ئۆينىڭ قۇرۇلما نىسبىتى
面积误差比كۆلەم پەرق نىسبىتى
花园式住宅باغچە تۇرالغۇ
灰空间 كۈل رەڭ بوشلۇق
会所سورۇن؛ ئارامخانا
货币补偿基准价 پۇل تۆلىمىنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى
基本完好房屋ئاساسەن بېجىرىم ئۆي
集体宿舍 ئوپچە ياتاق
集体所有房产كوللېكتىپ ئۆي-جايى
技术层تېخنىكىلىق قەۋەت
架空房屋كۆتۈرمە ئۆي
假层 ساختا قەۋەت
(筑容积率(筑面积毛密度 قۇرۇلۇشنىڭ سىغىم نىسبىتى
结构(设备)转换层 قۇرۇلما (ئۈسكۈنە) ئۆزگەرتىلگەن قەۋەت
解困房ياردەم ئۆي
经营用房تىجارەت ئۆيى
酒店式服务公寓مېھمانسارايچە ياتاق
居住空间ئۆي بوشلۇقى
居住区(级)道路تۇرالغۇ رايون (دەرىجىلىك) يولى
居住区用地تۇرالغۇ رايون يېرى
军队房产ئارمىيە ئۆي-جايى
均价ئوتتۇرىچە باھا
竣工房屋价值پۈتكەن ئۆي باھاسى
廊ئايۋان
联营企业房产شېرىك كارخانا ئۆي-جايى
廉租住房 تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي
楼花سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش
露台ئۆگزە سەينا
绿化率كۆكەرتىش نىسبىتى
门廊 لەمپە
配建设施يانداش ئەسلىھە
平价房تەكسە باھالىق ئۆي
平台 پېشايۋان
期房 زاكاز ئۆي
其他房产باشقا ئۆي-جاي
其他结构باشقا قۇرۇلما
其他用地باشقا يەر
骑楼لەمپە بىنا
(居室)مېھمانخانا؛ ساراي ئۆي
强制拆迁مەجبۇرىي چېقىش
人口净密度نوپۇسنىڭ ساپ زىچلىقى
人口毛密度نوپۇسنىڭ ئومۇمىي زىچلىقى
商品房的均价 تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى
商品房的起价 تاۋار ئۆينىڭ تۆۋەن باھاسى
商品房的销售面积تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش كۆلىمى
商品房维修基金تاۋار ئۆي رېمونت فوندى
商品房预售تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش
商品房预售方案تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش لايىھىسى
商品房预售许可证明 تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ئىسپاتى
商业用房سودا ئۆيى
商住住宅سودا تۇرالغۇسى
涉外房产چەتكە چېتىشلىق ئۆي-جاي
实际销售面积سېتىلغان كۆلەم
使用面积نەق كۆلەم
市政公用设施地شەھەر جامائەت ئەسلىھەسى يېرى
室内净高ئۆي ئېگىزلىكى
水景商品房سۇ بويىدىكى تاۋار ئۆي
私有(自有)房产خۇسۇسىي ئۆي-جاي
所有权证ئىگىدارلىق كىنىشكىسى
他项权利登记 باشقا ھوقۇقنى تىزىملاش
他项权证باشقا ھوقۇق كىنىشكىسى
塔式高层住宅بىر ئىشىكلىك ئېگىز بىنا
套内房屋使用面积ئۆي ئىچى نەق كۆلىمى
套内墙体面积 ئۆي ئىچى تام كۆلىمى
套内阳台建筑面积بالكون قۇرۇلۇش كۆلىمى
套型 قۇرۇلما
挑廊 ھويلا
挑阳台ئۈست بالكون
通廊 ئۆتۈشمە كارىدور
通廊式高层住宅كارىدورسىمان ئېگىز بىنا
凸阳台تاش بالكون
土地出让金 يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسى
土地开发费 يەرنىڭ ئېچىش ھەققى
外飘窗كۆپمە دېرىزە
完好房屋بېجىرىم ئۆي
危房率خەتەرلىك ئۆي نىسبىتى
危险房屋خەتەرلىك ئۆي
危险房屋建筑面积خەتەرلىك ئۆي قۇرۇلۇش كۆلىمى
卫生间ھاجەتخانا
卧室 ياتاق ئۆي
五证 بەش كېنىشكا
销售给个人شەخسكە سېتىش
小区(级)路ئولتۇراق رايون (دەرىجىلىك) يولى
小修工程كىچىك رېمونت قۇرۇلۇشى
严重损坏房屋ئېغىر بۇزۇلغان ئۆي
檐廊پېشايۋان
阳台بالكون
一般损坏房屋يېنىك بۇزۇلغان ئۆي
营业税附加 تىجارەت بېجى قوشۇمچىسى
有限产权房 چەكلىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي
预售面积ئاۋانسقا سېتىش كۆلىمى
跃层式商品房 مەنزەرلىك تاۋار ئۆي
跃层住宅مەنزەرلىك ئۆي
再上市房قايتا بازارغا سېلىنغان ئۆي
宅基地证ئۆيلۈك يەر كىنىشكىسى
宅间小路تۇرالغۇ يولى
直管房产بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ئۆي-جاي
RUN智能家居布线系统 كۆپ ئىقتىدارلىق سىم ئورۇنلاشتۇرۇش RUN
中高层住宅(7—9层)比例ئارا بىنا تۇرالغۇ نىسبىتى
中高层住宅ئارا ئېگىز بىنا
中间层 ئارا قەۋەت
中空玻璃قەۋەت ئەينەك
中修工程ئوتتۇرا رېمونت قۇرۇلۇشى
住宅)房屋建筑面积)ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى
住宅)房屋使用面积)ئۆينىڭ نەق كۆلىمى
住宅成套率تۇرالغۇنىڭ يۈرۈشلىشىش نىسبىتى
住宅单方综合造价 تۇرالغۇ كۆلىمى بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش باھاسى
住宅共用部位共用设施设备维修基金تۇرالغۇ ئوپچە قىسمى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى رېمونت فوندى
住宅建筑净密度تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ساپ زىچلىقى
住宅建筑套密度تۇرالغۇ ئۆي زىچلىقى
住宅进深ئۆي ئۇزۇنلۇقى
住宅开间ئۆي كەڭلىكى
住宅面积毛密度تۇرالغۇ كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي زىچلىقى
住宅用地تۇرالغۇ يېرى
住宅自有(私有)率 تۇرالغۇنىڭ خۇسۇسىيلىق نىسبىتى
柱廊 تۈۋرۈكلۈك ئايۋان
转移登记يۆتكىلىشنى تىزىملاش
幢 كورپۇس
自管房产ئۆزى باشقۇرىدىغان ئۆي-جاي
自然层تەبىئىي قەۋەت
自然层数تەبىئىي قەۋەت سانى
综合维修工程ئومۇمىي رېمونت قۇرۇلۇشى
总登记بىر تۇتاش تىزىملاش
走廊كارىدور
组团(级)路ئارا يول   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 15قوللىنشىچان

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 15  باھا خاتىرىسى

Rank: 4

ئىسمى
قاراقاش
تىللا
352
تۆھپە
174
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:58:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى بىزگە ئەسقاتىدىغان ئاتالغۇلار ئىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:37:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاپتا پەقىرغا ئەسقېتىۋاتىدۇ! مىسكىن ئۇكامنىڭ ئەجرىدىن كەلگەن ياردەم مەندىن يانمىسا باشقىلاردىن يانار!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 6Rank: 6

تىللا
350
تۆھپە
252
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:05:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا تېپىۋالدىميا ما تېمىنى!...تېما ئىگىسىگە رەھمەت


Rank: 3Rank: 3

تىللا
111
تۆھپە
72
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 14:40:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېمىكەن يارىدى ماڭا...


Rank: 2

ئىسمى
شەمسىدىن
تىللا
97
تۆھپە
34
UID
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 21:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilnaray يوللىغان ۋاقتى  2011-10-11 13:05
ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا تېپىۋالدىميا ما تېمىنى! ...

سىزگىمۇ رەھمەت


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
راخمان مامۇت
تىللا
147
تۆھپە
58
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 00:20:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھەممە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلىشىغا يۈزلىنىۋاتقان پەيتتە، بۇنداق بىر قېلىپلاشقان ئاتالغۇنىڭ ئۆز تىلىمىزدا ئىپادىلەپ بىرىلىشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:17, Processed in 0.061763 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش