كۆرۈش: 393|ئىنكاس: 6

قاتىلنىڭ تەسىرلىك ئىقرارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسمى
شەمسىدىن
تىللا
97
تۆھپە
34
UID
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:22:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنشىلىك قاتىل خۇۋېنخەينىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى


ساقچى: سېنى نېمىشقا قولغا ئالغىنىمىزنى بىلەمسەن؟

خۇۋېنخەي: بىلىمەن،شۇ ئازراق ئادەم ئۆلتۈردۈم.

ساقچى: ئازراق دەيسەنغۇ؟ سەن ئون تۆت ئادەمنى ئۆلتۈردۈڭ!

خۇۋېنخەي: پەقەت ئون تۆتلا ئەمەستۇ؟

ساقچى: ئۇنداقتا سەن دېگىنە،قانچە؟

خۇۋېنخەي: ئون يەتتە ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە.

ساقچى: ئۆلگىنى ئون تۆت.

خۇۋېنخەي: يەنە ھايات قالغانلىرى بارلىقى ئېسىمدە يوق.مەن ئۇلارنى تارتقۇشلاپ باققان،كىم تېخى ئۆلمىگەن بولسا،ئۇنىڭغا يەنە ئىككى پاي ئوق ئاتقان ئىدىم. ئەمىسە ئىشنى پاكىز قىلماپتىمەن.

ساقچى: ئاقىۋىتىنى بىلەمسەن؟

خۇۋېنخەي (ساقچىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ):   بىلىمەن،بىلىمەن.باشقىلارغا خۇن تۆلەيمەن.

ساقچى: پۇشايمان قىلدىڭمۇ يوق؟

خۇۋېنخەي: نېمىشقا پۇشايمان قىلمىغۇدەكمەن؟ بالام بولغاندىن كېيىن ئادەم ئۆلتۈرمىسەم بولاتتى،سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردىن باشقىلارنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ يۈرگىنىنى بىلدىم.يەنى ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى پاكىز (ئۈزۈل-كېسىل) ئۆلتۈرەلمەپتىمەن.

ساقچى: يەنە كىمنى ئۆلتۈرگۈڭ بار؟

خۇۋېنخەي: پەقەت ئاشۇ بىر نەچچە ئائىلىدىكى ئەرلەرنى.

ساقچى: ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈرىسەن؟

خۇۋېنخەي: ئۇلار كەنت سېكرېتارى ۋە كەنت مۇدىرى بولغان ۋاقتىدا،ئۈچ يىل بۇزۇپ-چېچىپ ئاز دېگەندە بەش مىليونغا خىيانەت قىلدى.ئۈچ كۆمۈر كاندىن ئىككىسىنى سېتىۋەتتى.مەن بازارلىق (ھۆكۈمەتكە) ئەرز قىلسام بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى.ئۇلار تېخى ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ،مېنى ئەدەبلىمەك بولۇشتى.1999-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى مەن يېرىمگە سۇ تۇتۇۋاتسام،

xxئىنىم (ئائىلىسى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن) باھانە تېپىپ مەن بىلەن ئۇرۇشتى.گۈرجەك بىلەن بېشىمنى يېرىۋەتتى.يېرىلغان يەرنى ئون نەچچە يىپ تىكتى.ئەگەر بېشىم قاتتىق بولمىغىنىدا ئۇلار ئاللىقاچان مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن بولاتتى.    xx (كەنت سېكرېتارى)ئادەم ئەۋەتىپ مېنى ئىزلەپ،ماڭا پۇل بېرىپ ئىشنى يەڭ ئىچىدە تۈگەتمەكچى بولدى،بىراق مەن ئۇنىمىدىم.شۇندىن باشلاپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدىم.ئەسلى بۇ يىل باھار بايرىمى كەچلىكى قول سالماقچى بولغان ئىدىم.بۇ چاغدا ھەممىسى (تېلېۋىزوردا) چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆرىدۇ،ھەممىسىنى بىراقلا ئۆلتۈرىۋەتكىلى بولىدۇ.6-ئاينىڭ 19-كۈنى مەن  xx نى(سېكرېتار) ۋە كەنت بوغالتېرىنى چاقىرىپ،ئۇلارنىڭ قانچىلىك خىيانەت قىلغانلىقىنى يېزىشىنى بۇيرىدىمكلېكىن ئۇلار رەت قىلدى.بۇ چاغدا سىرتتىن ساقچى تېرۋوگاۋى(يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چارلاش ماشىنىسى)نىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.   xx(بوغالتېر)غا جان كىرىپ،بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_ ۋېنخەي،نوچى بولساڭ بۇ يەرگە ئات!_ دېدى.مەن ئۇنىڭ مىڭىسىگە ئوق ئۈزۈپ ئۆلتۈرىۋەتتىم.ئۇ تېخى مېنى پېتىنالمايدۇ دەپ ئويلىغان.ئامال يوق،بالدۇر قول سېلىپ قويدۇم...

كېيىن مۇخبىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلغان ياكى پۇشايمان قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا،ئۇ مەردانە قىياپەتتە:
_ پۇشايمەن قىلمايمەن،ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمايمەن! پەقەت ئەپسۇسلىنىمەن،ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىكىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈرمەپتىمەن. _ دېدى.
<<ئەپسۇسلىنىش،تەلتۆكۈس ئۆلتۈرمەسلىك>>دېگەن گەپنى خۇۋېنخەي ئوخشىمىغان سورۇندا كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.ئانالىز قىلساق،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى،خوتۇن-بالىلىرىغا يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرۇپ قويغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.مۇخبىر ئۇنىڭدىن نېمىشقا بالىلارنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى سورىغاندا،خۇۋېنخەي ناھايىتى ئورۇنلۇق قىلىپ:
_ ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرىۋەتمىسەم،ئۇلار چوڭ بولغاندا مېنىڭ بالىلىرىمغا چېقىلىدۇ..._ دېدى.

سوت مەھكىمىسى خۇۋېنخەينى سوت قىلغاندا،ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ،ئۆزىنىڭ ئاقلاش خېتىنى خۇددى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇدى.ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە ياردەملەشكەن يەنە بىر ئاغىنىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سوتلانغان ئىدى.خۇۋېنخەي ئاقلاش سۆزىدە ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى،ئۆزىگە ئەگىشىپ ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا  ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.بۇ چاغدا داۋالاشقۇچى تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ(يالغاندىن ئۆلگەن بولۇۋېلىپ ھايات قالغان) خۇۋېنخەينىڭ ئاغىنىسىنىڭ پالتا بىلەن ئۆزىنى چاپقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات سۆزىنى چىقاردى.خۇۋېنخەي ئاقلاپ:
_ مەن بىر پاي ئوق ئاتقاندىن كېيىن ئۇ يەرگە يىقىلىپ،بېشىنىمۇ كۆتىرەلمەي قالدى.پالتىنى ئېلىپ ئۇنى چاپقان ئادەم مانا مەن،_ دېدى.دەۋاگەر تەرەپ يەنە،ئۇنىڭ ئاغىنىسىنىڭ ئامبۇرنى ئېلىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قىسقانلىقىنى ئېيتقاندا،خۇۋېنخەي دەرھال ئاقلاپ:
_ مەن ئاغىنەمگە قورال تەڭلەپ شۇنداق قىلىشقا قىستىغان.ئەگەر شۇنداق قىلمىسا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتەتتىم،_دېدى.ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالدى.

خۇۋېنخەي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ سوت ئاخىرلاشقاندا،ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلغان بىر ساقچىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:
_ مەن ماڭغاچ تۇراي،مەن ماڭغاچ تۇراي،_ دېدى.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى،يەنى غەربلىكلەرنىڭ روژدېستۋو بايرىمى كۈنى سەنشى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى ئۈچ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوتلىدى.ئاخىرىدا ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسىى بېرىلىپ،بىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى.بىرىنچى جاۋابكار خۇۋېنخەي قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بايانىدا:
_ مەن يېڭى جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ،قىزىلبايراق ئاستىدا چوڭ بولدۇم...ئۆزۈمنىڭ بىر ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتىم،شۇڭا مەن توختىماي ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتىم.كىچىكىمدىنلا ئادالەت ئۈچۈن ھەق سۆزلەيدىغان،جۈرئەتلىك خاراكتېر يېتىلگەن ئىدى.كەنتىمىزدىكى قىلچىلىكمۇ ھوقۇقى يوق كەنت ئاھالىلىرى مەن بىلەن بەكمۇ ئىناق ئۆتەتتى.بەزىدە مەن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلىدىغان ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالاتتىم.شۇنداق قىلىپ،يېقىندىن بۇيان كەنت كادىرلىرىدا خىيانەتچىلىك،پارا بېرىش،پۇقرالارنى بوزەك قىلىش ئەۋج ئالدى.كەنتىمىزدىكى كىچىك كۆمۈر كان قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىغا(كەنت ئاھالىلىرى خېيىم-خەتەرگە قارىماي)تاپشۇرغان تۆت مىليوندىن ئارتۇقراق پۇلنى ئۇلار بۆلۈشىۋالدى.تۆت يىلدىن بۇيان،مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆپ قېتىم ئەھۋال ئىنكاس قىلساقمۇ،سۇغا چۈشكەن تاشتەك دېرىكى بولمىدى.ج خ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش،تەپتىش،ئۆلكىلىك،شەھەرلىك،رايونلۇق ئەمەلدار خوجاملار سوغۇق تەلەتى بىلەن كۆزىنىڭ پاختىسىنى تولا كۆرسىتىپ چارچىدى.بىراق بىز ھەق سۆزىمىزنى نەگە بېرىپ ئېيتىمىز؟ كىم بىزگە ئىگە بولىدۇ؟ مەن ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ،دېلو مەلۇم قىلسام،پەقەت مائاشىغا تايىنىدىغان خەلق مەمۇرلىرى 300يۈز نەچچە مىڭ يۈەنگە ئالغان پىكاۋىنى ھەيدەپ كۆرەڭلەپ يۈرگەچكە،دېلو بېجىرىشكە چولىسى يوق.ھەتتا كەنت كادىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خەلقنى بوزەك قىلىپ كەلدى.مەن پەقەت زوراۋانلىق بىلەن زوراۋانلىقنى توسۇپ، پەقەت ئۆزۈمگە تايىنىپ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولدۇم.ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يىللىق كىرىمىم 40-50مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ،مەن بۇ ئىشقا پۈتۈنلەي ئارىلاشمىساممۇ بولاتتى! بىراق،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن!ۋىجدانىم ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ.<زالىم زۇلۇم سالسا خەلق ئىسيان كۆتۈرىدۇ>،مەن بۇ مىتەلەرنىڭ كىشىلەرنى يەنە بوزەك قىلىشىغا يول قويالمىدىم...مەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن،ئەگەر ئۆلۈمىم ئەمەلدار-خوجاملارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ،ئاشۇ پارىخور-خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈپ چىقسا،ئۇ چاغدا ئۆلسەممۇ ئۆكۈنمەيمەن،بولمىسا مەن ئەرۋاھقا ئايلىنىپ بولسىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن...

سوت مەيدانىدا گۈلدۇراس چاۋاك سادالىرى ياڭرىدى،سودىيە ئالدىراش ھالدا تەرتىپكە چاقىردى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-30 00:16  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
669
تۆھپە
297
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:30:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قاتىلنىڭ بايانى ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن.  بايانى كىشىنى قىلىپ قويىدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگىنى ھامان خاتادە.


Rank: 1

ئىسمى
قەلبىنۇر قاھار
تىللا
13
تۆھپە
5
UID
849
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 16:09:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئۆلتۈرمىسە بوپتىكەن. ، ......


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 16:22:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاللاھ بەرگەن بۇ جاننى بەندە قانداق ئالادۇر؟» دەيدىغان سۆزىمىز كۈيلەرگە قېتىلغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر ئۆزلىرى خاھلىغانچە ئاللاھدىن جان ئېلىشنى تالىشىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئاۋۇ ساقچىمۇ قاتتىق - قاتتىق سوراق قىلماي خۇددى كۇچالىق ساقچىدەك:
___ سەمىتىم، نېمىشقا ئادەم ئۆلتۈردىڭىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز بولامدا؟ بۇنىڭدىن كېيىين ئۇنداق قىلماڭ جۇمۇڭ! ___ دەپتۇ. ئاۋۇ قاتىلمۇ خۇددى سەمىتىمدەك:
___ شۇ، پىچاقنى مۇنداقلا شىلتىپ قويسام ئۆلۈپ قالدى...  ___ دېگەندەكلا جاۋاب بېرىپتۇ. قاتىل ، باسقۇنچى، ئادەم بېدىكلىرى، ئوغرىلارنى قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن سوراق قىلىش كېرەك، ھەرقانچە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بولسىمۇ ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-11 18:11  



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
10
UID
456
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:13:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jinasta يوللىغان ۋاقتى  2011-10-11 16:09
ئادەم ئۆلتۈرمىسە بوپتىكەن. ، ......

  ئاداش توغرا دەيسەن ، مېنى تونۇدىڭمۇ يا ؟


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
10
UID
456
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:14:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jinasta يوللىغان ۋاقتى  2011-10-11 16:09
ئادەم ئۆلتۈرمىسە بوپتىكەن. ، ......

بالاڭ نېمانداق دادىسىغا ئوخشىدى دەيمەن


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
91
تۆھپە
72
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:31:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نىمە دىگۈلۈك؟ بالىدا گۇناھ يوققۇ دەيمەن؟ چوڭلاردىمۇ؟!. . . . .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:19, Processed in 0.061384 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش