كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 1

ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
303
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:48:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. پەقەت تۇرمۇشىڭىزدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
2. موھتاجلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئادەمنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ.
3. ئادەمنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى تونۇپ يەتمىگۈچە، ھەقىقىي ئۆزىگە ئايلىنالمايدۇ.
4. سىزگە ياردىمى تېگىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قول سوزۇپ ئېلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز ئەمەس.
6. ئەگەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ھېچقانداق ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمىسا، بۇ سىزنىڭ ھېچنېمىنى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
7. ھەر قانداق گۈل پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم ئېچىلىدۇ. ئۇ پەقەت ھەممە ياق كۈلگەن ئاشۇ باھار مەزگىلىدىلا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
8. كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆز-ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆزىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئەمەس.
9. كىشىلىك ھاياتتا قايتىش بېلىتى سېتىلمايدۇ، سىز پەقەت بىرلا قېتىم يولغا چىقالايسىز.
10. بىز ھاياتنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ يېرىمىنى خورىتىپ بولغان بولىمىز.
11. ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولسا، ھاياتنى كۈچكە ئىگە قىلىشتىكى ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇل.
12. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى تېجەپ بېرىدۇ.
13. ئەگەر بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئورۇنلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتە بىر توقاي ئىشلار ئالدىدا تولىمۇ كېچىكىپ قالىسىز. چۈنكى ئەتىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىشى بولىدۇ. شۇڭا، بۈگۈننىڭ ئىشىنى بۈگۈن ئورۇنداڭ. ھەرگىز بىخۇدلۇق قىلماڭ.
14. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھاياتقا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر. سىز بۇ خىل خىيانەت بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسىگە ئايلىنىسىز.
15. ئۆزى ئېسىلىپ تۇرالايدىغان مۇستەھكەم ئېتىقادى يوق ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەندۇر.
16. كىشىلىك ھاياتتا مۇشەققەتنىڭ بولۇشى تەبىئىي. چۈنكى ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان يولدىن ماڭىسىز. ئەگەر باشقىلارنىڭ يولىغا چىقىۋالسىڭىز، يا باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا يانجىلىپ ئۆلىسىز، يا بولمىسا باشقىلار شەكىللەندۈرگەن لاتقىلاردىن چىقالماي ئۆلىسىز. ھايات قالىمەن دەيدىكەنسىز، يېڭى يول، ئۆزىگە خاس يول تېپىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن جاپا تارتىشتىن يالتىيىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.
17. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەسرەت-نادامەتتە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. چۈنكى سىز ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭدىن ھامان ئايرىلىسىز. ئەگەر سىز بۇ ئايرىلىشتىن قاتتىق ئازابلىنىپ، ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كېيىنكى مۇساپىڭىزنى كىم باسىدۇ. يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشىڭىز كېرەك.
18. مەيلى سىز نەگىلا بارماڭ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزنى قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ خىل مۇھاسىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، سىز باشقىلار ئېغزىدىن چۈشۈرمەي دەپ يۈرگەن غەلىبىگە ئېرىشكەن بولىسىز.
19. ئەگەر بىر ئىشنى قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنى باشلاڭ. باشلاڭ-دە ئۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ. ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ. چۈنكى كىچىككىنە غەلىبە تۇيغۇسى دائىم بىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ.
20. سىز ھەر ۋاقىت تەڭرىنىڭ سىزگە بىر مۈشكۈلاتنى بەرگەن ۋاقتىدا ئۇنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل-پاراسەتنىمۇ قوشۇپ بېرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 00:40:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى تەربىيەلەيدىغان ياخشى مەزمۇنلاركەن؟ ھاياتلىققا يول باشلايدىغان.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:31, Processed in 0.056905 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش