خىمىيە ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. خىمىيە ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن: 1. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر تەجرىبىدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ، ئىشلەنگەن تەجرىبىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. 2. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا يېتەكلىشى لازىم. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگىنىنى مۇستەھكەملەش، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇقلار سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ئورۇن دەرس بايلىقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم سورۇن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ سورۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلىشى لازىم. 3. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئىگىلىتىش بىلەن ماھارەت يېتىلدۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشى لازىم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ئەتراپىدىكى تونۇش بولغان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، پەن - تېخنىكا ئورگانلىرى، خىمىيە سانائەت زاۋۇتلىرى، باغۋەنچىلىك مەيدانلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىملىرى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرگەنلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. 4. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى خىمىيە ئوقۇتۇشىغا قويۇلغان تۈپ تەلەپ. شۇڭا، خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى دەرس بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەركىبى، قوللىنىشچانلىقى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىش قائىدە - تەرتىپلىرى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى توغرىسىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇشى لازىم. 5. خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇچۇر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى خىمىيە ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچۇرنى توپلاش، رەتلەش، ئۇچۇرنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى، خىمىيەگە ئائىت گېزىت - ژۇرنال، كىنو - تېلېۋىزىيە، پەن - تېخنىكا ئۇچۇر تورى، مائارىپ تورى، خىمىيە سانائەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مۇزاكىرە ۋە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، خىمىيە دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، خىمىيە دەرس ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى لازىم. (ئاپتور: يېڭىسار ناھىيەسى توپلۇق يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايشەمگۈل سۇلايمان) ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› دىن ئېلىندى
|