كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 2

ئانا، ئەمدى ئورۇقلاپ كەتمەيسەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:26:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئانا، ئەمدى ئورۇقلاپ كەتمەيسەن

(ھېكايە)

پاشاگۈل تەۋەككۈل


    مەن بىر ھېكايە ئوقۇدۇم. ‹‹ئانام نېمىشقا بۇنچە ئورۇق›› دېگەن بۇ ھېكايە مۇنداق يېزىلغانىدى:     ‹‹مېنىڭ ئانام ئوقۇتقۇچى، 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، چېچى قۇندۇزدەك، كۆزلىرى نۇرلۇق، ئەمما، بەكلا ئورۇق. مەن دائىم <ئانام نېمىشقا بۇنچە ئورۇق> دەپ ئويلايتتىم. ئەسلىدە ئانام مەكتەپتە جاپالىق ئىشلەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈش  بىلەن تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن. بىر كۈنى ئانام دەرس ئۆتۈۋاتقاندا بىر بالا دەرسكە دىققەت قىلماپتۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئانام ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىمەن دەپ كەچ كىرىپ كېتىپ تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. بۇنداق ئىش كۆپ كۆرۈلەتتى. ئانام ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلگەندە ھارغىنىغا قارىماي بىزگە تاماق ئېتىپ بېرەتتى، تاپشۇرۇق ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئەمما، بىز گەپ ئاڭلىمىغان ۋاقىتلاردا ئاچچىقلاپ زادىلا تاماق يېمەيتتى. مېنىڭچە، بىز ئانىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولساق، ئۇ  بۇنچە ئۇرۇقلاپ كەتمەيتتى.››
     مەن بۇ ھېكايىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندا  ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىۋەتكەنىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئاناممۇ ھېكايىدىكى ئورۇق ئانىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. قىزىق يېرى، ئانامنىڭ بۇنچە ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەنىدىم.
     توغرا، ئاناممۇ جاپاكەش ئىدى، ھارماي كىر يۇياتتى، قىزىق تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان ياقاتتى، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يىڭنە ئىشى قىلاتتى، كېچىلىرى كىرپىك قاقماي يىغلاڭغۇ ئۇكامنى پەپىلەپ چىقاتتى، توخۇ چىللىماستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، بىز ئۈچۈن باققان سېغىن كالىنى سېغىپ ئەتكەن چاي تەييارلايتتى،  ئادەتتە بىز ھۇزۇرلىنىپ تاماق يېگەندە ئانام بىز ئۈچۈن خۇش پۇراق چاي دەملەيتتى، ئۇكام قەغىش قىلىپ تامىقىنى يېمىگەندە ئالداپ، ئەركىلىتىپ يېگۈزەتتى، ئۆزىنىڭ تامىقىنى قايسى ۋاقىتتا يەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇ چاغلاردا ھەممە ئانىنىڭ مۇشۇنداق جاپا چېكىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارىغان بولغىيمىدىم، دەيمەن! ئەمدى ھېس قىلدىمكى، ئانام ئارام ئالماپتۇ، بالىلىرى ئۈچۈن تارتقان جاپاسى ئۇنىڭ خۇشاللىقى بوپتۇ!
     ئېھ! ئانا! سەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قورايدەك قۇرۇپ، تاياقتەك ئورۇقلاپ كېتىپسەن ئەمەسمۇ؟ بىز بىلەن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئىسسىقىدا بىر ۋاخ تاماق يېمىسەڭ ئورۇقلاپ كەتمەمتىڭ ئەمىسە!
     ئانا، ئەمدى سەن ئۇرۇقلاپ كەتمەيسەن. چۈنكى، سەن يېمەي يېدۈرۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ، يۈرەك قېنىڭنى سەرپ قىلغان پەرزەنتلىرىڭ قاتارغا قېتىلدى، سېنى ئاسرايدىغان ھالەتكە يەتتى. شۇڭا بىزدىن ئەنسىرىمە، ئوبدان ئارام ئال. مەن پەرزەنتلىرىڭ نامىدىن چىرايىڭنىڭ سۈزۈلۈپ، ئۇرۇق جىسمىڭنىڭ بەخت ۋە ئىپتىخارلىققا تولۇشىغا كاپالەت بېرىمەن! 
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:23:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاھ ئانىلار، سىلەرنىڭ قەدرىڭلارنى قاچانمۇ بىلىپ يىتەرمىز؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 15:59:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىغىڭدا جەننەت بار ئانا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:29, Processed in 0.054958 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش