كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 2

فىلىپ II نىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىكى سىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 18:52:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركمان تەرجىمىسى (‹‹دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن)


ئىمپېراتور ئالېكساندىر ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) تىلغا ئېلىنسا ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، كىشىلەر ئۇنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى دائىم تىلغا ئېلىشىپ تۇرۇشىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتىسى فىلىپ Ⅱ نى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، فىلىپ Ⅱ نىڭ قەستكە ئۇچرىشىنىڭ تارىختا يېشىلمىگەن سىر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىدىغانلار تېخىمۇ ئاز.
   سىرنى سۆزلەشتىن بۇرۇن فىلىپ Ⅱ ھەققىدە ئاز-تولا مەلۇمات بېرىش ئارتۇقچە ئەمەس.
   فىلىپ Ⅱ مىلادىدىن بۇرۇنقى 382-يىلى تۇغۇلۇپ 336-يىلى قەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 359-يىلى ماكېدونىيە پادشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. ئامىنتاس Ⅱ نىڭ كەنجى ئوغلى. 368-يىلى تېبېس شەھىرىدە ئۈچ يىلچە بارىمتاي بولۇپ تۇرغاندا يۇنان تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋە پەلىسەپىسى ئۆگەنگەن، تېبېس گېنېرالى ئېپامىنوندادىن ھەربىي تەلىم ئېلىپ چاسا سەپ تاكتىكىسى ئۆگەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ دېھقانلار پىيادە كورپۇسى ( چاسا سەپ كورپۇسى ) ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئاتلىق كورپۇسىنى يادرو قىلغان قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىققان. پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئالتۇن-كۈمۈش بىرلىك قىلىنغان مۇكەممەل پۇل سىياسىتى شەكىللەندۈرگەن. يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كۈچەپ زېمىن كېڭەيتكەن. يۇناننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى، جۈملىدىن ئافىنادىكى ماكېدونپەرەستلەرنى سېتىۋېلىپ « ئېشەككە تىللا ئارتىپ بېرىپ مۇستەھكەم سېپىل سېتىۋېلىپ كەلدىم» دەپ ماختىنىپ يۈرگەن. ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىستېھكاملارنى ئىلكىگە ئېلىپ مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ يۇنانغا باستۇرۇپ كىرگەن. فشىس بىلەن تېبېس ئارىسىدا « مۇقەددەس ئۇرۇش » بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ » ( 355-يىلىدىن 346-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ) شىمالىي يۇنان ۋە ئوتتۇرا يۇناندىكى شەھەرلەرنى ئىشغالىيىتىگە ئالغان. 338-يىلى خائېرونىيا جېڭىدە ماكېدونىيىگە قارىشى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىپ ، كورنىستا پاتكۈل يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى پادشاھلىرى يىغىنى چاقىرىپ، پۈتكۈل يۇناننى مۇنقەرز قىلغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتكە ئەمدى ماكېدونلارنىڭ ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ زاماندا تازا كۈچەيگەن پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا قىزىنىڭ توي قىلغۇسى كېلىپ كەتكەن ھەم شۇ توي مۇراسىمىدا بىر ياش ماكېدون ئاقسۆڭەك تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ چاغدا ئۇ 46 ياشتا بولۇپ، مۇشۇ ماقالىنىڭ تەرجىمانى بىلەن تەڭ ياشتا ئىدى.
                  قەستلەش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
   قەستلەش ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولغان : مەلىكىنىڭ ئەينى زاماندىكى دۇنيادا بارلىكى بارلىق ھەشەمەتلەر بىلەن تويۇنغان كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، بۇ فىلىپ Ⅱ نىڭ قىزى كروباترا بىلەن فىلىپ Ⅱ نىڭ ئىبرۇس پادىشاھى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىنىسىنىڭ توي مۇراسىمى ئىدى. دۇنيا تارىخىدىكى بۇ ھەشەمەتلىك توي قىزىپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە، فىلىپ Ⅱ ئەنئەنىۋى بايراملىق لىباسى بىلەن ھەيۋە-دەبدەبە كۆرسىتىپ، ئىنتايىن خۇشال ھالدا ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن مۇراسىم سارىيىغا كىرىپ كەلدى. فىلىپ Ⅱ ساراينىڭ بەھەيۋەت دەرۋازىسىغا كەلگەندە، ھەربىي سۈپەت بىر ياش فىلىپ Ⅱ گە قاراپ ئېتىلدى ھەمدە شەمشىرىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانجىۋەتتى. فىلىپ Ⅱ بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقتا قوغدىنىشقا ئۈلگۈرەلمەي يىقىلدى. قاتىل ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئېتىغا مىنىپ قاچماقچى بولۇۋاتقاندا، ئاتنىڭ ئالدى پۇتى ساراي ئالدىدىكى باغچىدا ئۆسكەن ياۋا ئۈزۈم پېلىكىگە يۆگىشىپ قېلىپ قاتىل ئات بىلەن تەڭلا تىك موللاق چۈشكەندە، بىرەيلەن تېزلىكتە بېرىپ قاتىلنى چېپىۋەتتى. كېيىن بۇ قاتىلنىڭ بىر ياش ماكېدون ئاقسۆڭەك ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاقسۆڭەك يىگىت باشقا بىر ئاقسۆڭەك ئاتالاسنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن فىلىپ Ⅱ نى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆچىنى ئالماقچى بولغان ئىكەن.
           فىلىپ Ⅱ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلار
   ئامېرىكا ئالىملىرى فىلىپ ئىى نىڭ ئىلگىرىكى خانىشى ئولىمپىياسنى مۇھىم گۇماندار، دەپ قارايدۇ. فىلىپ ئىى ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىغا ئاشىقى بىقارار بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىلىپ ئىى ئولىمپىياس بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، فىلىپ ئىى ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىنى خانىشلىققا ئالسا فىلىپ ئىى نىڭ ئولىمپىياستىن بولغان ئوغلى ئالېكساندىر ( تەخت ۋارىسى، كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيانى تىترەتكەن باسقۇنچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) نىڭ ۋەلىئەھدىلىك ھوقۇقىغا تەسىر يېتەتتى، مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك كەسكىن بىر مەيدان ئائىلە ماجىراسى كېلىپ چىققان ئىدى، دەل مۇشۇ نۇقتىدىن ئەقلىي خۇلاسە يۈرگۈزگەندە ئولىمپىياس ئەڭ چوڭ گۇماندار ئىدى. ئەمما ئولىمپىياس ھەقىقىي قاتىلمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىش تەس ئىدى.
   قەدىمكى تارىخشۇناس پرۇتاك ئۆزىنىڭ « يۇنان-رىم تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى » دېگەن كىتابىدا، « فىلىپ ئىى نىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندىر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دەپ يازىدۇ. پرۇتاك يەنە « فىلىپ ئىى بىلەن ئاتالاسنىڭ جىيەن قىزىنىڭ توي مۇراسىمىدا، ئاتالاس فىلىپ ئىى گە ھۆرمەت شارابى تۇتقان چاغدا، ‹سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي ماكېدون نەسىللىك ۋەلىئەھد ئاپىرىدە قىلىشىڭلارنى تەبرىكلەيمەن› دېۋىدى، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئالېكساندىر دەرغەزەپ بولۇپ ‹ئەجەبا مەن قانۇنلۇق ۋەلىئەھد ئەمەسمۇ؟› دېگىنىچە قولىدىكى شاراب تولدۇرۇلغان قەدەھنى ئاتالاسنىڭ يۈزىگە ئاتتى. بۇنى كۆرگەن فىلىپ ئىى قىلىچىنى قىنىدىن سۇغىرىپ ئالېكساندىرغا ئېتىلغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى. بۇنى كۆرگەن ئالېكساندىر ئاتىسى فىلىپ ئىى نى مەسخىرە قىلىپ ‹ياۋروپادىن ھالقىپ ئاسىياغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلانغان بۇ قوماندان مانا شۇ تاپتا بىر شىرەدىن يەنە بىر شىرەگە بارغىچە ھاۋا تاپان بولۇپ قالدى› دېگىنىچە توي مۇراسىمى بولۇۋاتقان سارايدىن ئانىسى ئولىمپىياسنى قولتۇقلىغىنىچە چىقىپ كەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئالېكساندىر شۇ چىقىپ كەتكىنىچە لىئائىلغا كەتكەنمىش، ئولىمپىياس بولسا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن... ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالېكساندىر يەنىلا تەختكە ۋارىسلىق قىلدى» دەپ يازىدۇ. ئەمما ئامېرىكىلىق ئالىم، ماكېدونشۇناس تارىخچى خ.ج. ۋېرس ئاتالاسنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئالېكساندىر ئويدۇرۇپ چىقارغان، بۇنىڭدىن مەقسىتى ئۆزىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
   فىلىپ ئىى نىڭ قەستكە ئۇچراش ھەققىدىكى ھۆكۈم ۋە قىياسلار يېتەرلىك ئىسپات بولمىغاچقا مۇتلەقلەشتۈرۈپ بىر نەرسە دېيىش قىيىن. يېقىندا، ئارخېئولوگلار گرېتسىيىنىڭ شىمالىدىن فىلىپ ئىى نىڭ قەبرىسىنى تاپتى، ئىشىنىمىزكى، ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ فىلىپ ئىى قەستكە ئۇچرىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىلىدۇ.


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
669
تۆھپە
297
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:30:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەستلىمىگەن بولسا ياخشى بولاركەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:40:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما يەنە بىر يەردە تۇرىدۇ-يا؟ قايتا-قايتا تەستىقلاندىمۇ ياكى مەن ئىككى رەت يوللاپ سالدىممۇ؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:58, Processed in 0.057071 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش