كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 1

ئىمپېراتور گامبىسىس ئۆلۈمىنىڭ سىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 18:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركمان تەرجىمىسى (‹‹دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن)


   مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 525-يىلى پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى گامبىسىس يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرنى بويسۇندۇردى، كېيىن يەنە نۇبىيەگە ( ھەبەشىستان، يەنى بۈگۈنكى ئېفىئوپىيە ) يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ نۇبىيەنى بويسۇندۇرالمىدى. 522-يىلى، ئىراندا كاھىن گاموتتا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندا، خەۋەرنى ئاڭلىغان گامبىسىس ئىرانغا قايتىش سەپىرىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر سۈپىتىدە دۇنيا تارىخىدا تالاش-تارتىش قوزغىماقتا.

زالىم ئالەمگىر گامبىسىس


   مىلادىدىن بۇرۇنقى 529-يىلى، پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى كۇرس ماسساگېتلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى گامبىسىس ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. زالىملىقتا ئۇچىغا چىققان گامبىسىس تۇغما تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا سېپى ئۆزىدىن بىر تەلۋىگە ئايلىنىپ قالاتى.
   مىلادىدىن بۇرۇنقى 525-يىلى گامبىسىس مىسىر پايتەختى مومفېسنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىسىر پىرئەۋىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى تىرىك ئەسىر ئالدى. گامبىسىس غالىبىيەتچىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن مونفىسنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن نۇسرەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە ياڭراتتى. مۇراسىمدا ئۇ مىسىر پىرئەۋىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى شەھەر سىرتىدىكى بىر مەيدانغا يىغىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى قۇللۇق لىباسى كىيىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىدى، يەنە تېخى ھەشەمەتلىك مىسىر ئوردىسىنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇشىدا يېتىلگەن خانىش-مەلىكە، ۋەزىرلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى مالتاق بىلەن سۇ توشۇشقا مەجبۇرلىدى. ئوردا ئايىم-خانىملىرى نەدىمۇ بۇنداق خورلۇققا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇلار يىغلاپ-قاقشاپ پىرئەۋىن، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئالدىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇلاندى. پىرئەۋىن، ۋەزىر-ۋۇزرالار بۇنداق كوللېكتىپ خورلاشنى كۆرۈپ ئىلاجسىزلىقىدىن داد-پەرياد كۆتۈرۈشۈپ گامبىسىستىن رەھىم-شەپقەت تىلىدى، ئەمما تەلۋە گامبىسىس ۋە ئۇنىڭ ئەسكەر-چېرىكلىرى نۇسرەت تەنتەنىسىدە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچتى.
   گامبىسىس مىسىردىكى نۇسرەتلىرىدىن مەست بولۇپ نۇبىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ قايتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىقىپ مىسىرلىقلارغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى، سالمىغان زۇلۇملىرى قالمىدى.
   دەل شۇ مەزگىللەردە، گامبىسىس ئىراندا كاھىنلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ تەخت تارتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىرانغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان بولسىمۇ سەپەر ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆلدى. ئۇ زادى قانداق ئۆلدى؟ نېمە سەۋەبتىن ئۆلدى؟ نەدە ئۆلدى؟ مانا بۇ 2500 يىلدىن بۇيان بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە.
   گامبىسىسنىڭ ئۆلۈمى « ئابىس » بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
     قەدىمكى مىسىرلىقلار گامبىسىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئىلاھنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى گامبىسىس قەدىمكى مىسىرلىقلار تىۋىنىدىغان مۇقەددەس كالا « ئابىس » نى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن.
   قەدىمكى مىسىرلىقلار كۆپ ئىلاھلىق ئېتىقادتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنەك ئىلاھ ئابىسقا مەنسۇپ ئىكەن. ئېكىن مەدەنىيىتىدىكى مىسىرلىقلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئابىس ئەڭ بۈيۈك ئىلاھ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ داغدۇغىلىق بايراملىرىدا ئەڭ پاكىز ئىنەك ۋە غونۇجۇنلارنى ئىلاھ ئابىسقا ئاتاپ نەزىر قىلىدىكەن. ئىلاھ ئابىس ئەنە شۇنداق ئۆزىگە ئاتالغان نەزىردە نەچچە يىلدا بىر قېتىم تۇغۇلىدىكەن. گامبىسىس نۇبىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەندە ئۆتكۈزۈلگەن نەزىر يىللاردىكىدىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مىسىرلىقلار دۆلەت مۇنقەرز بولغان ئەنسىز يىللاردا ئابىستىن كۆپرەك ھوسۇل تىلەپ داغدۇغا قىلغان ئىكەن. ئەمما تەلۋە گامبىسىس بۇ بايرامنى مىسىرلىقلار ئۆزىنىڭ نۇبىيەدىن يېڭىلىپ قالغانلىقىنى تەبرىكلىشىۋاتىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ غەزەپ شەمشىرىنى شىلتىپ، مەشھۇر مىسىر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپلا قالماستىن بەلكى نەزىر بېگىگە پۈتكۈل مىسىرلىقلار جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ تىۋىنغان، مىسىرلىقلار شۇ نەزىرگە ئاتىغان « ئابىس » نى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئەسلىدە « ئابىس » قايتا موزايلاش ئىقتىدارى قالمىغان بىر ئىنەكنىڭ غونۇجۇنى ئىكەن. قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئىنەك قۇياش نۇرىدىن بوغاز بولۇپ « ئابىس » نى تۇغقان ئىكەن، « ئابىس » نىڭ بەلگىسى پۈتۈن تېنى تېرىقچىلىكمۇ ئالىسى يوق تۇم قارا تۇغۇلغان بولۇشى، قاشقىسىدا پىرامىدا شەكىللىك ئاق بولغان بولۇشى، ئوڭ بىقىنىدا ھىلال ئاي شەكلىدە ئاق بولغان بولۇشى، تىلىدا ئىلاھى قوڭغۇز سۈرىتى بولغان بولۇشى، قۇيرۇقىدىكى تۈك قوش قەۋەت بولغان بولۇشى، دۈمبىسىدە قانات كېرىپ تۇرغان تازقارا شەكلى بولغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. نەزىر بېگى « ئابىس »نى ئېلىپ كەلگەندە، گامبىسىس قىلىچىنى سۇغۇرۇپ «ئابىس» نىڭ قورسىقىغا سانجىغان بولسىمۇ، قىلىچى « ئابىس » نىڭ ساغرىسىغا سانجىلىپتۇ، تەلۋىلىكى قوزغالغان گامبىسىس نەزىر بېگىنى قامچىلاپتۇ ۋە پېرىسىيە قوشۇنىنى مىسىرلىقلارنىڭ بايرام تەنتەنىسىنى بۇزۇشقا بۇيرۇپتۇ. يارىلانغان « ئابىس » ئۆلۈپتۇ.
   قەدىمكى مىسىرلىقلار قالدۇرغان ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، شۇ ۋەقەدىن كېيىن گامبىسىسنىڭ تەلۋىلىكى ئۇچىغا چىقىپ، ئارقا-ئارقىدىن كەچۈرگۈسىز گۇناھلارنى سادىر قىلىۋېرىپتۇ.
  

زالىم گامبىسىس


   كېيىنچە گامبىسىس ئۆز تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قورساق ئىنىسى باردىيانى ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى خانىشى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توسۇماقچى بولغاندا، خانىشىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
   گامبىسىس باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان مۇستەبىت ئىدى. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ گامبىسىس بىر بىمار، دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق، دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قېلىشنى خالىمايتتى.
   بىر كۈنى گامبىسىس ۋەزىر ئەزەم پلېكساسپېس تىن : « دېگىنە، پارسلار ماڭا قانداق قارايدۇ ؟ مەن توغرىلىق نېمىلەرنى دېيىشىدۇ ؟ » دەپ سورىغان. پلېكساسپېس ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن : « ئۇلار ئالىيلىرىنى ماختىشىدۇ، شۇغىنىسىزە ... ئۇلار ئالىيلىرىنى شارابنى سەل كۆپ ئىچىپ قويىدۇ، دېيىشىدۇ» دېگەن. گامبىسىسنىڭ تەرى تۈرۈلۈپ : « مەن ئۆتكەندە بەزىلەردىن سورىسام ئۇلار مېنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر پادشاھ، دېگەن ئىدى، ھەتتا ئۇلار مېنى ئاتامدىنمۇ قابىل پادشاھ، دېگەن ئىدى، ئەمدى ئۇلار مېنى سەن دېگەندەك دېگۈچى بوپتىمۇ ؟ مەن بۇنى ئىسپاتلاپ چىقىمەن، زادى پارسلار يالغان سۆزلىدىمۇ ياكى سەن يالغان سۆزلىدىڭمۇ ؟ » دېگەن ۋە مىرغەزەبلىرىنى پلېكساسپېس نىڭ ئوغلىنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان ھەم پلېكساسپېس كە : « ئوغلۇڭ ھازىر دەل ئىشىك سىرتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر مەن بىر ئوق بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىيالىسام پارسلار خاتالاشقان بولىدۇ، ئەگەر ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىگە تەگكۈزەلمىسەم ئۇلار توغرا ئېيتقان بولىدۇ، مەن ئەقلىمدىن ئازغان بولىمەن » دېگەن ھەم مىرغەزەبلىرىگە ۋەزىر ئەزەمنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ يانىڭ كىرچىنى بولۇشىغا تارتىپ ئوق ئۈزگەن، ئوق دەل بالىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ بالا نەق مەيداندىلا ئۆلگەن. گامبىسىس تەلۋىلەرچە قاھقاھلاپ : « مەن ناھايىتى سەگەك ئىكەنمەن، پارسلار ئەقلىدىن ئېزىپ ساراڭ بوپتۇ » دېگەن.
   مىسىردا تۇرغان ئۈچ يىلدا گامبىسىسنىڭ تۇتقاقلىقى غالجىرلىققا ئايلانغان، شۇ مەزگىللەردە ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ھۆرمەتكە لايىق پارس ئاقسۆڭەكلىرىنى تىرىك كۆمدۈرۈۋەتكەن، بىر قورساق ئىگىچى-سىڭىللىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن. ۋەزىرلىرى ھەر كۈنى قايسى كۈنى بېشىمىزغا شۇم كۈلپەت كېلەركىن، دەپ دەكە-دۈككە، غەم-ئەندىشىدە كۈن ئۆتكۈزگەن.


ئىراندىكى ئىچكى نىزا


    گامبىسىس مىسىردا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پارسلارنىڭ يۈرىكى بولغان ئىراندا زوروئاستېر ( ئاتەشپەرەسلىك ) دىنىنىڭ كاھىنى گاۋماتا غەلىيان كۆتۈردى. گاۋماتا پارسلارنىڭ گامبىسىس خانىدانلىقىنىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ گامبىسىس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن باردىيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 522-يىل 3-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئۆزىنى پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى، دەپ جاكارلاپ گامبىسىسنىڭ شاھلىق تەختىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
   گاۋماتا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن ئىراندىكى خەلقنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئەسكىرىي مەجبۇرىيەت ۋە باج-ھاشارنى ئۈچ يىلغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ پۈتكۈل خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. پۇقرالار تۇشمۇتۇشتىن قوزغىلىپ ئىلگىرىكى رەھىمسىز باي-ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە قوغلىۋېتىپ، مال-مۈلكىنى بۆلۈشۈۋېلىشتى.
دۆلەت ئىچىدىكى غەلياندىن خەۋەر تاپقان گامبىسىس چاقماق تېزلىكىدە لەشكەرلىرىنى باشلاپ دۆلىتىگە قايتىپ غەلياننى تىنچىتىشقا ئاتلاندى. ئۇ سەپەر ئۈستىدە، بىر كۈنى ئاتقا مىنىۋاتقاندا، قىلىچىنىڭ غىلاپ تۈگمىسى ئېتىلمەي قالغانلىقتىن قىلىچ غىلاپتىن سۇغىرىلىپ چۈشتى، ناھايىتى ئۆتكۈر تىغ ئۇنىڭ يوتىسىغا سانجىلىپ ئۇ ئاتتىن موللاقچىلاپ چۈشۈپ كەتتى. يارىلانغان گامبىسىس ئۆزى دەرھال ئىرانغا قايتماي، قول ئاستىدىكى يېقىن سەركەردىلىرىنى ئىرانغا غەلياننى تىنجىتىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى ئالدىرىماي يۈرۈشنى پىلانلىدى، ئىلغار قىسمى ( ئالدىن يۈرەر قىسىم ) قۇملۇقتا قارا قۇم بورانغا ئۇچراپ ھالاك بولدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، ئارخېئولوگلار پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولغان بۇ ئىلغار قىسىمىنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىۋېلىشتى.
   گامبىسىس يارىلانغاندىن كېيىن قارارگاھىغا قايتىپ كەلدى، ھاۋا ئىسسىق، جاراھەت تېڭىلغان ماتا پاكىز بولمىغاچقا، جاراھىتى شەلۋەرەپ، ھەر كۈنى زەرداب ئېقىپ، بىرەر ئاي ئۆتمەي بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.
   قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ھرودود « تارىخ » ( « يۇنان –پېرىسىيە ئۇرۇشى تارىخى » ) دېگەن ئەسىرىدە، يۇقىرىقى شەرھنى يېزىپ قالدۇرغان، باشقا قەدىمكى تارىخچىلارمۇ بۇ قاراشنى ئاساسەن قوللاپ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەر قالدۇرغان. يېقىنقى زاماندىكى نۇرغۇن تارىخچىلارمۇ ھرودود نىڭ گامبىسىس ئۆلۈمى ھەققىدىكى يۇقىرىقى خاتىرىلىرىنى نەقىل قىلىشقان، ئەمما يېقىنقى زاماندىكى بۇ تارىخچىلار ئىلىمگە مۇخالىپ بولغان دىنىي قاراش تەركىبلىرىنى چىقىرىۋېتىشكەن.


بەھىستان ئابىدىسىگە ئىزاھ


   قەدىمدە، مىسىرلىقلارنىڭ يۇقىرىقى قارىشىدىن باشقا يەنە پېرىسىيە شاھىنشاھى دارىئۇس ئى بەھىستاندىكى قىياغا تاشقا ئويۇپ قالدۇرغان مەشھۇر شىنا يېزىقىدىكى ئابىدىدىمۇ گامبىسىس نىڭ ئۆلۈمىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ناھايىتى ئاددىيلا بايان قىلغان، شىنا يېزىقىدىكى بۇ ئابىدە ھەققىدە ئىلىم ساھەسى ئوخشاشمىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىزاھاتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىرىنچى خىل ئىزاھات : « ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان » دېگەندىن ئىبارەت. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ خىل قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنى كۆپ ساندىكى بەھىستان ئابىدىسى تەتقىقاتچىلىرى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكى ئالىملار گامبىسىس گاۋماتانىڭ غەلىيان كۆتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچى خىل ئىزاھات : « ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەن » دېگەندىن ئىبارەت. 1912-يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم سۇلتىز تۇنجى بولۇپ بۇ خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ « گامبىسىسنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە » دېگەن مەخسۇس تەتقىقات ماقالىسىدە 20 خىل ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدىكى ئىدىئوملارنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ «گامبىسىس ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. 1919-يىلى رېيدمان خوپت ئۆزىنىڭ زوروئاستېر ياشىغان دەۋر ئۈستىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلىپ يۇقىرىقى قاراش ئىزىدىن ماڭغان.
   دەرۋەقە يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، دەيدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىملارمۇ بار. ئۇنداق قاراشتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى «گامبىسىسنى ماگائۇس كاھىنلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېسە، يەنە بەزىلىرى «گامبىسىس ھەربىيلەر سۈيقەستىنىڭ قۇربانى» دېيىشىدۇ.
گامبىسىس ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇ ئۆلگەن جاي توغرىسىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار بار. قەدىمكى يازغۇچىلار شۇنداق يېزىشىدۇ، مەسىلەن يۈسۈف سەللاۋىي گامبىسىسنى دەمەشقتە ئۆلگەن، دېسە، يۇنان تارىخچىسى ھېرودود گامبىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزى شۇ تاپتا تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ قايسى شەھەرلىكىنى سورىغاندا، قول ئاستىدىكىلىرى «ئاغباداننا»دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ پاكىتتىن ئايانكى، ئۇ خۇددى بىشارەتتىكىدەك سۈرىيىنىڭ بۇ شەھىرىدە ئۆلگەن. يەنە بېزىلەر ئۇنى بابىلوندا ئۆلگەن، دەپمۇ قارايدۇ.



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
669
تۆھپە
297
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:06:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەر نېمىدېگەن رەزىل – ھە!  بۇ دۇنيادا رەزىللىك، ئەمەل، ھوقۇق تالىشىش بولمىغان بولسا، ھەممە ھادەم تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى–ھە!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 07:04, Processed in 0.056045 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش