ئالېكساندىر ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ۋە قەبرىسىنىڭ سىرى
ئەركمان تەرجىمىسى (‹‹دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن)
مەشرىق خەلقلىرىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەر) نامىدا تەرىپلىنىدىغان بۇ كىشى ئىشلىرىنى ناھايىتى ئىستىقباللىق غۇلاچ يايدۇرۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمىلىكى ۋە قايەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش ئارتۇقچە ئەمەس.
33 يېشىدا ئۆلگەن بۇ ئىمپېراتور مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئەينى چاغدىكى ماكېدونىيە پايتەختى پېلادا تۇغۇلغان، ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ II نىڭ ئوغلى، ماكودۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى بۈيۈك ئىمپېراتور. ئانىسى ئولىمپىياس ئېپروس پادشاھلىقىنىڭ مەلىكىسى. كىچىكىدىنلا ئوردىدا بۈيۈك پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، شۇ زامان مائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتقۇچىدا تەربىيىلەنگەن؛ يۇنان ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۆگەنگەن؛ ئۆزىنى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بۈيۈك قەھرىمان ئاكىللېس بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان. 16 يېشىدا دادىسى فىلىپ II گە ئەگىشىپ يىراقلارغا يۈرۈش قىلغان، 18 يېشىدا خېرونىيا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 336-يىلى ئاتىسى فىلىپ II ئۆلگەندە تەختكە چىقىپ، شەھەرلەر فېدېراتسىيىسىدىن تەشكىللەنگەن يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ماكېدونىيىگە قارىشى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، تېبېس شەھىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. ئاسىيا، ئافرىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، جاھان مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دارىئۇس II دەۋرانىدىكى مەشرىق ئەللىرىنى «ئازاد قىلىمەن» دېگەن شوئار ئاستىدا ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرغان. 333-يىلى سېلزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسوس شەھىرىدە پېرسىيە ئىمپېراتورى دارىئۇس II نى مەغلۇب قىلىپ، دارىئۇس II نىڭ ئانىسى، خانىشى، مەلىكە-شاھزادىلىرىنى ئەسىر ئالغان. سۈرىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تىل شەھىرىنى 7 ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن 30 مىڭ ئادەمنى قۇللۇققا تاللىۋالغان ھەم شەھەرنى تۈزلىۋەتكەن. دارىئۇس II نىڭ ئېگەي دېڭىزىدىكى پېرسىيە فلوتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، 332-يىلى خاتىرجەم ھالدا پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى مىسىرغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىنى قۇياش ئىلاھى ئاموننىڭ ئوغلى، دەپ ئاتاپ، مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەزىزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، مىسىر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ ئىززەت-ئېكرامىغا ئېرىشكەن. نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرىيە) شەھىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە لايىھەلەپ بەنا قىلدۇرغان. ئارقىدىن شەرققە ئىلگىرىلەپ، ئىككى دەريا ۋادىسىغا يۈرۈش قىلىپ، 331-يىلى يازدا گاۋگامېلادا پېرسىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ مەيدان جېڭىگە چۈشكەن دارىئۇس II بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان، دارىئۇس II ئۇدۇل ئىران تامان قاچقان ۋە 330-يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەھمەنىيلەر (ئاخمېنىدلار) ئىلىكىدىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان. بابىلون، سۇسا، پېرسېپولس ۋە پېرسىيىنىڭ ئىكباتانادىكى ھەر قايسى ئوردىلىرىدىن ئەينى زاماندىكى دۇنيانىڭ ئالتۇن خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان (تارىخىي خاتىرىلەردە 150 مىڭ تالانتون قىممىتىدىكى ئالتۇننى بۇلاپ كەتكەن، دېيىلگەن). داۋاملىق تۈردە جازا يۈرۈشىنى توختاتماي ئوتتۇرا ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرگەندە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 329-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى سوغدىئانالىق سىپتامىن رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ئالېكساندىر ماكېدونىسكىيغا قارىشى تۇرغان بولسىمۇ تەڭ كېلەلمەي باستۇرۇۋېتىلگەن. 327-، 326-يىللىرى ئافغانىستاندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، پەنجئابتىكى گىفاسىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ گانگ دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ ماڭغان بولسىمۇ ئەمما بۇ جاينىڭ نەم، تىنچىق ھاۋاسىغا كۆنەلمىگەن ياۋروپالىق ئەسكەرلەر ئۇرۇشتىن بىزار بولۇپ، يۇرتىنى سېغىنىپ ئۇرۇشتا گەدەنكەشلىك قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە مادار قالمىغان. 325-يىلى ئالېكساندىر قۇرۇقلۇق لەشكەرلىرىنى، نېئاكوس فلوتنى باشلاپ چېكىنىپ، 324-يىلى بابىلونغا قايتىپ كەلگەن. شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربتە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە، جەنۇبتا نىل دەرياسىنىڭ 1-شارقىراتمىسىدىن شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە بولغان زېمىنلارنى قارام قىلغان «ئالېكساندىرىيە ئىمپېرىيىسى» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، فارسلارنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈلمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، پۇقرالارغا ئۆزىگە چوقۇنۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنى شۇ يەرنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەپ، سەركەردە-لەشكەرلىرىنى مەشرق مەملىكەتلىرىنىڭ خوتۇن-قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ئۆزىمۇ باكتېرىيىلىك ئاقسۆڭەك روكسانا بىلەن توي قىلغان. دۇنيانى تىترەتكەن بۇ ماكېدونىيەلىك غەربنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما شەرق خەلقلىرىگە غايەت زور بالايى-ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن، ئاساسى ئاجىز بۇ ماكېدون ئىمپېرىيىسى 323-يىلى ئىمپېراتور ئالېكساندىرنىڭ بابىلوندا 33 يېشىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈشى بىلەنلا يىمىرىلگەن؛ بۇ ئىمپېرىيىگە قارام زېمىنلاردا، ئۇزاق مۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلار ئارقىلىق «يۇنانلاشتۇرۇلغان» دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەن. ئالېكساندىرنىڭ ئۆزى تارىختا مەشھۇر ئىستېلاچى، ھەربىي ئالىم، دېگەن ئاتاقتىن باشقا ئۆزى لايىھەلەپ بەنا قىلغان ئون نەچچە شەھەرگە «ئالېكساندىرىيە» دېگەن نامنىلا قالدۇرالىغان. ناۋادا، ئەينى زامان ئىلىم-پەنىدە يۇقىرى پەللە ياراتقان ئارستوتېلنىڭ بىۋاسىتە تەلىمىنى ئالغان بۇ قاپيۈرەك يىگىت ئەلەمنى تەرك ئېتىپ قەلەمگۇي بولغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغىنى تېخىمۇ قىممەتلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
323-يىلى يازدا، ئالېكساندىر يەنە بىر قېتىملىق زور جازا يۈرۈشىنى پىلانلاپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۆلدى. ئۇ زادى قانداق ئۆلگەن؟
ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى
ئالېكساندىرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تارىخشۇناسلارنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرى بار.
1-خىل قاراش : قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ئارىئاننىڭ «ئالېكساندىرنىڭ جازا يۈرۈشى ھەققىدە قىسسە» دېگەن ئەسىرىدە، ئالېكساندىرنىڭ يېقىن ۋەزىرى ئانتىپاترۇ ئالېكساندىرغا بىر خىل دورا ئەكېلىپ بەرگەن، چۈنكى شۇ چاغدا ئالېكساندىر ساقسىز بولۇپ قالغان، نەتىجىدە ئالېكساندىر بۇ دورىنى ئىچىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جان ئۈزگەن. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا بۇ دورا قېچىر تۇيىقىنىڭ كاۋىكىدا ساقلانغان ئىكەن، بۇ دورىنى ئارېستوتېل مەخسۇس ئانتىپاترۇ ئۈچۈن ياساپ بەرگەن بولۇپ، ئانتىپاترۇنىڭ ئوغلى كاسساندروس ئالېكساندىرغا ئەكىرىپ بەرگەن. كاسساندروسنىڭ ئىنىسى ئېئوراسلى ئالېكساندىرنىڭ مەھرەملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئالېكساندىر يېقىندىلا بۇ مەھرەمگە ئۇۋال قىلىپ مەھرەملىكتىن قالدۇرغان، ئاكا-ئىنى ئىككىسى بۇ ئىش ھەققىدە ئالېكساندىرغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن.
2-خىل قاراش : ئالېكساندىر يامان خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن ئۆلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخ ئالىمى گېئورگىيېۋ ئۆزىنىڭ «قەدىمكى يۇنان» دېگەن ئەسىرىدە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تارىخشۇناسى گوللېر ئۆزىنىڭ «ئالېكساندىر ماكېدونىسكىينىڭ يېڭى تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسىرىدە «ئالېكساندىر ئۇزاق مەزگىل سازلىقلاردا ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ ئېغىر بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە بۇ كېسەل قاتتىق قوزغىلىپ دورا شىپا قىلماي ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان» دەپ يازىدۇ. تۇيۇقسىز ئۆلگەن بۇ ئىمپېراتور ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ھەم تەخت ۋارىسى مەسىلىسىدىمۇ ئېنىق يارلىق قالدۇرمىغان. جۇڭگونىڭ مەخسۇس ئالېكساندىرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ۋۇ يۈجىنمۇ مۇشۇ يەكۈننى ياقلايدۇ.
3-خىل قاراش : ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس خ.ج.ۋېرس بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «بابىلوندىكى كۈنلەردە ئالېكساندىر قاتتىق ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتكەن، بىر كۈنى مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق قىزىتمىسى ئۆرلەپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرالمىغان ھەم ئۇزاق قالمايلا ئۆلگەن» دەپ قارايدۇ. «بۈيۈك برىتانىيە ئېنىسكلوپېدىيىسى» دىمۇ : «ئون نەچچە سائەتلەپ داۋاملاشقان بىر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئالېكساندىر ساقسىز بولۇپ قالدى ۋە شۇ ياتقىنىچە تۇرالماي، ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 323-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنى جان ئۈزدى» دەپ يېزىلغان.
ئالېكساندىر قەبرىسىنىڭ سىرى
ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي بابىلوندا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى چىرىشتىن ساقلاش تەدبىرى ئارقىلىق بابىلوندىكى ئوردىسىنىڭ يەرئاستى ئۆيىدە ساقلانغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنكى بىر يىلدا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى تەخت تالىشىش نىزالىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى ۋاقتىدا يەرلىكىدە قويمىغان. بىر يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئالېكساندىر بەرپا قىلغان بۇ كېلەڭسىز ئىمپېرىيە ئۈچكە پارچىلاندى : ئالېكساندىرنىڭ قابىل ھەربىي قوماندانلىرىدىن سېليۇكوس ئىمپېرىيىنىڭ ئاسىيا قىسمىنى ئىگىلىۋالدى؛ ماكېدونىيە بىلەن يۇنانغا ئالېكساندىرنىڭ تەۋەررۈك ئوغلى (بۇ ئوغۇل ئالېكساندىر ئۆلگەندە تېخى تۇغۇلمىغان، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئىدى) ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىي ھوقۇق ئانتىپاترۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كاسساندروسنىڭ ئىلىكىدە ئىدى؛ تولېمىي بولسا مىسىرنى پوكۇنىغا بېسىپ ياتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا كىشىلەر ئالېكساندىرنىڭ تېخىچە دەپنە قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىشتى. كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىمپېراتور ئالېكساندىر خۇددى ئىلاھتەك بۈيۈك-مۇقەددەس ئىدى. پارچىلانغان ئىمپېرىيىگە پادشاھ بولۇشىۋېلىشقان بۇ پادىشاھلار ئالېكساندىرنىڭ تەختىگە ھەقىقىي ۋارس بولۇش ئۈچۈن ئالېكساندىرنىڭ جەسىتىنى تالىشىشقا كىرىشىپ كېتىشتى، بۇ يېڭى پادىشاھلار كىمدە كىم ئالېكساندىرنىڭ جەسىدىگە ئېرىشسە ئالېكساندىرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، دەپ قارايتتى.
ماكېدونىيە پادشاھ جەمەتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى كاسساندروسنىڭ ھىماتىدا ماكېدونىيىدىكى پادىشاھلار مەقبەرىسى جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن مىيىت ئۇزىتىۋاتقان بۇ قوشۇن يېرىم يولدا بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغاچقا، يولنى ئۆزگەرتىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى بار ھارۋا غايىب بولۇپ كەتتى.
مىسىردىكى ئالېكساندىرىيە (ئىسكەندەرىيە) شەھىرىدە نەچچە ئايدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا مۆجىزە كەبى ئالېكساندىر مەقبەرىسى پەيدا بولدى، ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى سېلىنغان ئالتۇن ساندۇق مەقبەرە ئىچىگە قويۇلغان ئىدى. تالاي يۈزيىللارغىچە تىبېللىئۇس، كايسار (رىم ئىمپېراتورى قەيسەر)، ئوكتاۋىئان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەر ئىسكەندەرىيەگە (ئالېكساندىرىيەگە) كېلىپ بۇ مەقبەرىنى تاۋاپ قىلىشتى. مىش-مىشلەردە دېيىلىشىچە، بۇ مەقبەرىگە كىرىشتىن بۇرۇن بىر كىشى قەيسەرگە بۇ مەقبەرە ھەم چوڭ ھەم قاراڭغۇ بولۇپ، ھاۋا تازا ئوچۇق كۈنلەردە ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدىلا كىرىشكە بولىدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە مەقبەرە ئىچىدە تېنەپ قېلىپ چىقالماي ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. بۇ گەپكە قەيسەر ئىشەنمىگەن ھەم مەشئەل كۆتۈرۈپ كىرمەكچى بولغان، ئەمما ئەمدىلا ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە مەشئەل تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالغان، نەچچە قېتىم مەشئەل يېقىپ كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ مۇمكىن بولمىغان. بۇ چاغدا قەيسەر خۇدادىن ۋە ئالېكساندىرنىڭ روھىدىن ئۆزىگە ئالېكساندىرنىڭ جامالىنى بىر كۆرۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىشنى تىلىگەن، نەتىجىدە نەچچە مىنۇتتىن كېيىن مۆجىزە يۈزبېرىپ مەقبەرە ئىچى يورۇپ كەتكەن، قەيسەر ئۆزى يالغۇز مەقبەرە ئىچىگە كىرىپ ئىككى-ئۈچ سائەتكىچە تۇرغان، بۇ ۋاقىت ئىچىدە مەقبەرە ئىچى شۇنداق يورۇپ كەتكەن، پەقەت قەيسەر قايتىپ چىققاندىلا ئاندىن مەقبەرە ئىچى ئەسلىي ھالىتىگە قايتقان. رىم ئىمپېراتورى ئوكتاۋىئاننىڭ ئالېكساندىر مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىشى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغانلىقى ھەققىدىمۇ مىش-مىشلەر بار. شۇ مىش-مىشلەرنىڭ بىرىدە دېيىلىشىچە، ئوكتاۋىئان مەقبەرە ئىچىگە كىرىپ ئالېكساندىرنى سۆيگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇرنىنى يارىلاندۇرۇۋالغانمىش. مىسىرنىڭ پورت شەھىرى ئىسكەندەرىيەگە جايلاشقان بۇ مەقبەرە تىبېللىئۇس تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە يات دىندىكىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن يوق قىلىنغانمىش، يەنە بەزىلەر مەقبەرىنى دېڭىز تاشقىنى يۇتۇپ كەتكەن، دېيىشىدۇ. مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىرقى كۈندە ھېچكىمنىڭ مىسىرنىڭ بۇ شەھىرىدە ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە ئائىت يىپ ئۇچىنى تاپالىغىنى يوق.
ئالېكساندىرنىڭ مەقبەرىسى زادى نەدە؟
بىر خىل قاراش، يەنى ئەڭ دادىل قىياس مىسىرنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە ئاتالمىش ئالېكساندىر مەقبەرىسى بولمىغان، «ئالېركساندىر مەقبەرىسى ئالېكساندىرىيەدە ئىدى» دېگەن بۇ قاراشنى تارىخشۇناسلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ياقتۇرۇشىنى چىقىش قىلىپ ھەم رىم ئىمپېرىيىسى ئالېكساندىر ئىستېلاسىنىڭ ۋارىسلىرى بولغاچقا بۇ قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ قاراشتىكىلەر ئالېكساندىرنىڭ ھەقىقىي جەسىتى كاسساندروس تەرىپىدىن ماكېدونىيىدىكى ماكېدون پادشاھلىرى مەقبەرىسى جىلغىسىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا تولېمىي تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىپ ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر جايغا ئاپىرىۋېتىلگەن، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە زادى نېمە بار؟ ئارخېئولوگلار ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە « مەقبەرە ئورنى » دېيىلگەن يەرنى قېزىپ مېمفىس ئىلاھىي كالىسى (ماستابا) مەقبەرىسىنى تاپقان. ئىلاھىي كالىمۇ ئالېكساندىرغا سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىن ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە دائىر ھېچقانداق يىپ ئۇچى تېپىلمىدى. ئالىملار يەنە دېڭىز ئاستىدىكى خارابە ئىزلىرىنىمۇ تەكشۈرگەن، ئويلىمىغان يەردىن مىسىرنىڭ ساھىبجامال ئايال پادشاھىنىڭ ئوردىسىنى تېپىۋېلىشقان بولسىمۇ ئەمما ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە دائىر ھېچقانداق ئىزنا تېپىلمىدى.
بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمپېراتور ئالېكساندىر شەرقنى بويسۇندۇرۇش سەپىرىدە مىسىرغا كەلگەندە، تولىمۇ سىرلىق ئىشتىن بىرنى قىلغان، يەنى قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تەڭرىسى بولمىش ئامون ئىلاھىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ئىبادەتخانىغا كىرىپ ئامون بىلەن سىرداشقان، ئەمما ئالېكساندىرنىڭ ئامون بىلەن سىرداشقاندا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن ئالېكساندىر بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دېمىگەن ھەم بۇ ئىشنى زادىلا تىلغا ئالمىغان، بۇ سۆھبەت مەزمۇنى ھەققىدە ئالېكساندىر پەقەت ئۆز ئانىسى ئولىمپىياسقىلا تىنغان ئىكەن. ئالېكساندىر ئاسىيا زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مەملىكىتى ماكېدونىيىگە بېرىپ باقمىغان، تەڭرى ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمىگەن. بەزىلەر ئالېكساندىر بىلەن ئامون ئوتتۇرىسىدا بولغان مەخپىي سۆھبەت ئالېكساندىر ئۆلگەندىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭ نەدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بولۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قىياسنى قىلىشىدۇ، بۇ قىياسنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ھەتتا ئالېكساندىر ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭ ئامون بىلەن كۆرۈشكەن ئىبادەتخانىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. گرېتسىيەلىك ئايال ئارخېئولوگ ئاشۇ يەردىن ئالېكساندىرنىڭ قەبرىسىنى قېزىش ئىستىكىدە ئۇ يەرگە بارغان بولسىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ قايتقان. ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مىسىردا ئالېكساندىرنىڭ مەقبەرە ئىزناسىنى بايقىمىدى.
مۇشۇ كۈنگىچە كىشىلەر ئالېكساندىر قوشۇنىدىكى چاسا ئەترەتنىڭ باش قوماندانى ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە دائىر مەخپىيەتلىكنى بىلىشى مۇمكىن ھەم دەل شۇ كىشى بۇ تارىخىي سىرغا رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا. ئۇنداقتا بۇ چاسا ئەترەت باش قوماندانى بۇ ھەقتە بىر نەرسە قالدۇرغانمىدۇ؟ ئىسكەندەرىيە شەھەرلىك كۇتۇپخانىدىكى بەزى مەخپىي ھۆججەتلەردە بەزى ئالاقىدار يىپ ئۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما چاتاق يېرى ئالدىنقى قېتىملىق ئېرا (مىڭ يىل) ئالمىشىش مەزگىلىدە ئالېكساندىرىيە (ئىسكەندەرىيە) شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىدە بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر كۈلگە ئايلانغان. كىشىلەر تولېمىي بەلكىم ئالېكساندىرغا مەقبەرە قاتۇرماي بەلكى ئالېكساندىرنىڭ جەسىتىنى ئادەتتىكى جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ خىلۋەت بىر جايغا ئاپىرىۋەتكەن ياكى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىشىدۇ! دەرھەقىقەتكى، ئالېكساندىرغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر بۈيۈك شەخسنىڭ ئاخىرقى ماكانى چەكسىز دېڭىز بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى دېڭىزلا ئۇنىڭ كەڭ كۆكسى-قارنىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەمما ھېچقانداق بىرەر قاراش ھەققىدە يەكۈن يوق، ئالىملار بۇ ھەقتە توختاۋسىز ئىزدەنمەكتە!