كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 0

قانداق كىشىلەرگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى بولماي[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
273
تۆھپە
81
UID
7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 17:31:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قانداق كىشىلەرگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى

ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ؟




   B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %9.75 تىن %7.18 كە تۆۋەنلىدى. بىراق، تەخمىنەن %10كىشىنىڭ بۇنداق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يەنىلا ئاجىز بولماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى:
    1 .B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلار. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە كۆپلىگەن ۋاكسىنا تەسىر قىلمىغان كىشىلەر ئاللىبۇرۇن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلار ئىكەن. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەشتىن ئاۋۋال، چوقۇم جىگەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، يۇقۇملانمىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاكسىنا ئەملىسە بولىدىكەن.
    2 .بەدىنى قىزىۋاتقانلار. ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئانتىتېلانىڭ شەكىللىنىش – شەكىللەنمەسلىكى ۋاكسىنا ئەملىگۈچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسى %37.5تىن ئېشىپ كەتكەندە ۋاكسىنا ئەملىسە، ۋاكسىنا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىكەن.
    3 .باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار. جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئېغىر   كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار، مەسىلەن: ھەرىكەتچان جىگەر ياللۇغى، ھەرىكەتچان   ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بارلار. زىققا كېسىلى، قان زەردابى كېسىلى، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك يەلتاشما چىققان، ئېغىر يۈرەك كېسىلى بارلار بىلەن پىنىتسىللىن، سۇلفونامىد قاتارلىق ئوكۇل – دورىلار رېئاكسىيە قىلغۇچىلارغىمۇ بۇ ۋاكسىنا ماس كەلمەيدۇ.
    4 .ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغانلار. چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغانلارغا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمى ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن تۆۋەن بولىدىكەن.
    بەدىنى قىزىۋاتقان، ياللۇغلانغان، كېسىلى قايتا قوزغالغان كىشىلەرگە ۋاكسىنىنى بىر نەچچە كۈن كېچىكتۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللاشقاندا ئاندىن ئەملىسە بولىدىكەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:39, Processed in 0.053126 second(s), 19 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش