ۋاڭ جېڭ
مۇبادا يىغىنچاقلاپ (ئومۇملاشتۇرۇپراق) ئېيتساق، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئەدەبىيات كۆزقارىشىدىكى پەرق جەھەتتىن ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەر بىر مەزگىلدىكى ئەدەبىيات كۆزقارىشى ئەدەبىيات تۈزۈمى، ئەدەبىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي قوبۇل قىلىشىغا نىسبەتەن جۈملىدىن ئەدەبىيات ئاساسى تېمىسى، ژانىرى، سيۇژىت، ئۇسلۇب ۋە ئىجادىيەت ۋاستىسىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. بىرىنچى مەزگىلنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ھەمىشە سىياسىي نۇقتىدىن ئەدەبىيات مۇلاھىزە قىلىندى، ئەدەبىياتقا مۇئامىلە قىلىندى ۋە ئەدەبىيات باشقۇرۇلدى، ھەتتا ئەدەبىيات سىياسىي قورال قاتارىدا قارالدى، بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات بىر خىل دۆلەت ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ خىل كۆزقاراش تاكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە داۋاملىشىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ ھارپىسىغىچە داۋاملاشتى.
بۇنداق تونۇشنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ئەدەبىيات ئىدىيەمىز سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات سەنئەت نەزەرىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى، ئىككىنچىدىن، ئۇ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەدەبىيات سەنئەت ئىدىيەسىنىڭ داۋاملىشىشى بولدى. 1949-يىلىدىن ئىلگىرى، بىز ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردۇق، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەممە ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزى ۋەزىپىگە بويسۇندى، ئېدىئولوگىيە ساھەسىمۇ بۇ مەركىزىي ۋەزىپە بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلىشى كېرەك ئىدى. بۇ خىل پىكىر يولى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بارلىق خىزمەتلەردە، ئەدەبىياتقىمۇ پەقەتلا ئۇلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندى. ھەممىدە ‹‹نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىپىلەر››گە قاراش كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ بىر مەزگىللىك ئەدەبىياتنى ئىنچىكىلىك بىلەن پەرقلەندۈرسەك، ئەلۋەتتە نۇرغۇن پەرقلەرنى بايقايمىز، مەسىلەن، 17 يىل ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى، ئۇلار نۇرغۇن جەھەتلەردە ھەتتا بىر-بىرىگە ئېغىر دەرىجىدە قارىمۇ-قارشى. لېكىن باشقىچە نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن يەنىلا ئوخشاش. مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات كۆزقارىشى ئاستىدا، ئەدەبىياتنىڭ رولى چەكسىز مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلدى، ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات تارماقلىرى ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ رولى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ كىتابخانلارنىڭ ئورنى نىسبەتەن ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. چۈنكى ئۇلار تەربىيەلەنگۈچىلەر، سەپەرۋەر قىلىنغۇچىلار ئىدى. ئەدەبىيات دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى بويىچە باشقۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ، ئەدەبىيات تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ، باشقا ھەرقانداق خىزمەت بىلەن ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەرىكەتلەندۈرۈلدى، ۋەزىپىلەشتۈرۈلدى، تەرتىپلەشتۈرۈلدى. ئاتالمىش باش تېما ئالدىدا مېڭىش، ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش، ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ چەكتىن ئاشقان ئىپادىسىدۇر. بۇ خىل كۆزقاراش ئاستىدا، ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تەرىپىدە سىياسىي نۇقتىدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە تاللاش ئېلىپ بارغىلى بولدى. ھەتتا مەلۇم خىلدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبى (ئىنقىلابى رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزمنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش) تەشەببۇس قىلىندى. ئەدەبىيات باش تېمىسىدا خىللاش (ئىلغاش) ئېلىپ بارغىلى بولدى، سىيۇژىتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولدى، ھەتتا بىر قىسىم ئەسەرلەردە ياخشى-يامان سىيۇژىت تەرىپىدىن باشلىنىشىدىلا بېكىتىلىپ، پېرسوناژلارنى يارىتىشمۇ سىياسىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئەسەردىكى ئاساسلىق پېرسوناژلار بەلگىلەندى، بىر-بىرىگە زىت بىر قىسىم پېرسوناژلارنى يارىتىش كۆزقارىشى ۋە ئۇسۇلى تەنقىدكە ئۇچرىدى (ئوتتۇرىدىكى پېرسوناژلار نەزەرىيىسى).
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئەدەبىياتنىڭ قوراللىق نەزەرىيىسىگە قارىتا گۇمان ۋە ئىنكار قىلىشنىڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم يېڭىچە ئەدەبىيات كۆزقاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەسىلەن، ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرۇش، ئەدەبىيات ئۆزىگە يۈزلىنىش قاتارلىقلار. بولۇپمۇ غەرب ئەدەبىيات نەزىرىيەلىرىنىڭ كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈشى، جۇڭگو ئەدەبىيات كۆزقارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن چۈشەندۈرۈلدى، ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيدىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما ئەدەبىيات ئەمدى سىياسىينىڭ قورالى بولمايدىغان بولدى. 4-ماينىڭ يېڭى ئەدەبىيات ئەنئەنىسى داۋاملاشتۇرۇلدى، ئەدەبىياتنىڭ سىيۇژىتى، باش تېمىسى، ئۇسلۇبى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئازادلىققا ئېرىشتى. ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى، نىسبىي مۇستەقىللىقى تەكىتلەندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئاۋانگارتلار ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ، بۇ خىل ئەدەبىيات كۆزقارىشىنىڭ بۇرۇلۇشنى تېزلەتتى. ئەدەبىياتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمدى تاشقى دۇنيا بولمايدىغان بەلكى ئۆزىدە يەنى ئاتالمىش ‹‹ئەدەبىيلىكى››دە بولىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات شەخسىلەر ئەدەبىياتى بولدى. ئەدەبىيات ياكى يازغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ئىپادىلەشنىڭ مەھسۇلى ياكى يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىش شەكلىنىڭ مەيدانى(سورۇنى) بولۇپ، كىتابخانلار بىلەن يازغۇچىلار باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولدى. يازغۇچىلار ئەمدى كىتابخانلارنى تەربىيەلەش ئوبيېكتى دەپ قارىمايدىغان، ئەمدى كىتابخانلارنىڭ ئۆز ئەسىرىگە قانداق قارىشىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولدى، يېزىشتىن تاكى كىتابخانلار نەزىرىدىكى ئەسەر بولغۇچە بولغان بۇ بىر ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ھەم قايتا ئىجاد قىلىش جەريانى بولدى. شۇنداق قىلىپ، يازغۇچى بارلىق نىيەت –مەقسىتىنى ئەدەبىيات شەكىلىدە سىناق قىلىشقا قارىتىپ، ۋاقتىتىن تارتىپ، شېئىر، تىياتىر، نەسر، ھېكايىگىچە، ئومۇمەن ئەدەبىيات ژانىرىغىچە ھەممىسىدە تەجرىبە تۈرلىرى بولدى. بۇ جەھەتتە ھېكايە نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ئاۋانگارت يازغۇچىلار ئىجادىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى. كۆزقاراش ۋە تېخنىكا قاتلىمى جەھەتتىن جۇڭگو ئەدەبىياتى غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ بىر مەزگىل تەخمىنەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلىنىپ تاكى 90-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشتى.
نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ئۈچىنچى مەزگىلدىكى ئەدەبىياتقا تەۋە. ۋاقىت جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ ئىككىنچى مەزگىلدىكى بىلەن بىر قىسىم بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەتلا شەخسىلەر ئەدەبىياتى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىكى دەۋر بولۇپ، ئۇ بېسىلغان،توسۇلغانلا خالاس. تەخمىنەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشقا ئەگىشىپ، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاستا-ئاستا پەيدا بولۇشقا باشلىدى، كىشىلەر ئەدەبىياتنىڭ باشقا بىر خىل تەۋەلىكىنى بايقىدى، ئۇ دەل كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىدۇر. بىر قىسىم ئىلگىرىكى مۇقەددەس نەرسىلەر بىز بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. يەنى مۇشۇ مەزگىلدە ئىشقى مۇھەببەتكە دائىر ۋە چامباشچىلىققا دائىر رومانلار شياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن ئىچكىرىدىكى جايلارغا كىرىپ، جىن يوڭ، گۇ لوڭ، لياڭ يۈشېڭ، چيوڭ ياڭ، يى شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە ساپ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك سۈرئەت بىلەن كىتابخانلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى، بۇلار ئىچكىرىدىكى مۇشۇ ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار يەنىلا ئاساسى ئېقىم بولالمىدى. ئەدەبىيات خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى سەۋەب بولسا، بازار ئىگىلىكىدۇر. بۇ خىل ئىگىلىك شەكلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قارىشىنى، بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بارلىق شەيئىلەرنى ئىقتىسادنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشقا ئېلىپ كېرىپ، يېڭىدىن مۆلچەرلەش، يېڭىدىن تونۇش پەيدا قىلدى. ھەمدە ئىقتىسادىي قاتلامدىن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى، قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ تاۋارغا ئايلاندى، ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نىسبىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىستېمالغا ئايلاندى. ئەسلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادىي ئىلىم نۇقتىسىدىن يېڭىباشتىن رەتلەندى ۋە ئىزاھلاندى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ ئىقتىساد ئەدەبىياتى،بازار ئەدەبىياتى ۋە ئىستېمال ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەدەبىياتتا، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە كەسپى گەۋدىلىنىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى، چۈنكى بازار ئىگىلىكىدە ئىستېمالنىڭ ئۆزى ھەممىنى بەلگىلىگۈچى بولغاچقا، كىتابخانلارنىڭ رولى ئالەمشۇمۇل يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ خىل خاراكتېر ئۆزگىرىشىنىڭ ئەدەبىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەر كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىشتى، ئۇنىڭ ئېدىئولوگىيە ساھەسىلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى. ئۇ كۈندىن-كۈنگە ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات تۈزۈمىدىن يىراقلاپ كەتتى، ئۇ قەھرىمان كىشىلەر ئەدەبىياتى بىلەن بىر قاتارغا قويۇلدى، ئۇ پەيدا قىلغان ئوبوروت مېخانىزمى كەسىپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ راۋاجلاندى، ئۇ نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تىپلاشقان (تۈرلەشكەن) ئىجادىيىتى بىرلىككە كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش نوپۇسىنى بازارلاشتۇرۇپ بۆلۈۋېلىشكە، كاپىتالىمۇ كىرىشكە…. باشلىدى. لېكىن ئۇ بىر خىل داۋام قىلىۋاتقان ئەدەبىيات بولغاچقا، نۇرغۇن ئالاھىدىلىكى، ھەرىكىتى ۋە تەسىرىدە تېخى تۇراقلىشىش بارلىققا كەلمىدى، بۇ نەرسىلەر تېخى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمىدى. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان نەرسىلەردىن باشقا، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتا جەزمەن بىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك.
بازار ئەدەبىياتى بىر خىل ياسالما ئەدەبىيات، قەھرىمانلار دەۋرىدىكى ئەدەبىيات –شەخسىلەر ئەدەبىياتى، تاساددىپىي ئەدەبىيات، ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغىنى خاسلىق ۋە پەرق، بىر خىل مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان، باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئەدەبىيات. ئەمما بازار ئەدەبىياتى –لايىھىلىگەن (پىلانلىغان) ئەدەبىيات، ئۇ بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، ئىستېمال ئاتموسفېراسىنى مۆلچەرلەيدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپلا قالماي يەنە ياساپ چىقىلىدۇ، ئىجاد قىلىنىدۇ ۋە ياسىلىدۇ. ئىجاد قىلىش ۋە ياسىلىش ماھىيەت ۋە شەكىل جەھەتتىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ. بىرىنچىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمىغان بىلەن، ئىككىنچىسىنى ‹‹خەرىتە›› بويىچە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. بىرىنچىسى شەخسنىڭ ھەرىكىتى بولسا، ئىككىنچىسىدە لايىھىلەش ۋە ياساش ئايرىۋېتىلىدۇ، ھەتتا كۆپ ئادەم بىرەر كوللېكتىپ زاكاس ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. ياسالغان ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات نامى ئىجادىي تەپەككۇرى، تاۋار ماركسىلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە كۆلەملەشكەن توپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، تاۋارلاشتۇرۇپ ئوراپ قاچىلاپ ۋە مودېللاشتۇرۇپ ۋە چولپانلاشتۇرۇپ زورايتىشقا بولىدۇ.
بازار ئەدەبىياتى بىر خىل پۇرسەت ئەدەبىياتى. بازارنىڭ ئەخلاقى ئادىللىق، نەزەرىيە جەھەتتىن، ھەممە ئادەمگە پۇرسەت بار، خەلق مائارىپى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر ئادەمدە نىسبىي يېزىقچىلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولىدۇ. شۇڭا، بىر جەھەتتىن، ھەممە ئەدەبىيات زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە بېرىپ قالدى دېيىشمەكتە، بۇ ئەمەلىيەتتە، دۆلەت ئەدەبىياتى ۋە قەھرىمانلار (شەخسىي) ئەدەبىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ دېيىلگەن بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ باقساق، مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، بۈگۈنكىدەك مۇشۇنچىۋالا نۇرغۇن يازغۇچى، كەسپى يازغۇچى، ئىشتىن سىرتقى يازغۇچى، ۋەزىپىلىك يازغۇچى، ئەركىن قەلەم تەۋرەتكۈچى شۇنداقلا غايەت زور ئىسىمسىز يازغۇچىلار بولغان، ھەر خىل سالاھىيەتىكى يېزىقچىلىق جانلىقلار چەمبىرىكى بولۇپ باقمىغان. بۇ بىر ھەممە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان دەۋر، ھەممە خۇشال بولىدىغان دەۋر. مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى، مەبۇدنىڭ غىدىقلىشى، يېزىقچىلىق ئىستېمالىدىكى خام خىيال شۇنداقلا يېزىقچىلىقنىڭ باشقا كەسىپلەر ۋە كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشى بىلەن قارىماققا يېزىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹‹كىتاب چىقىرىش›› سېپىگە ئارقا-ئارقىدىن قېتىلىشى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانماقتا.
بازار ئەدەبىياتى — بىر خىل تارقاتقۇلار (ئاخبارات ۋاستىلىرى) ئەدەبىياتى. ھېچقانداق بىر دەۋردە بۈگۈنكىگە ئوخشاش ئۇچۇر ۋە تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەس. ئىلگىرى ئەدەبىيات تارقىتىش نىسبىي بىر خىل بولغان بولسا، ھالا بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە، گېزىت، ژۇرنال ، نەشرىيات، تور، تېلېۋىزور، رادىيو، يانفون قاتارلىقلار… ئەدەبىيات تارقىتىشنىڭ غايەت زور بوشلۇقىغا ئايلاندى، ئەدەبىيات بىلەن بازار جىپسىلاشقاندىن كېيىن، تارقىتىش ۋاستىسىدىكى تاللاش ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۈچلۈك رىقابەت پەيدا قىلدى، رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى مەنپەئەت ۋە مىقدارىدىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپتە ئىپادىلەندى. بۇ ھازىر تورنىڭ نېمە ئۈچۈن كېيىن يېتىشىپ چىققان ئەزىمەت بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، مەيلى ئەسلى ئىجاد قىلغان ئەسەر بولسۇن ياكى ۋاستىچى، تارقاتقۇچى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. تارقاتقۇلار ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، ئۇ ئەدەبىيات كۆزقارىشى، مەزمۇنى ۋە شەكلىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قىسىم يېڭى ئەدەبىيات ژانىرلىرى مەسىلەن تور ئەدەبىياتى، يانفون ھېكايىلىرى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش بولمىغان تارقاتقۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋۇجۇدقا كەلدى.
مانا بۇ ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ تېخى ھازىرغا قەدەر مۇكەممەللىشىپ بولالمىغان ئەدەبىياتتۇر.
‹‹ئەدەبىي مەلۇمات گېزىتى››نىڭ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈندىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى