شىنجاڭدىكى تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ـــ «ساماۋەر ئۇسسۇلى» 
سۈرەتتە: ئەخمەت موللاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «ساماۋەر ئۇسسۇلى»نى ئوينىماقتا. (مۇخبىر خۇاڭ ۋېنبو فوتوسى) | خەلق تورى شىنجاڭ قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل كۇچادىن بەرگەن خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ ۋىنبو). 15-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيەسىدىكى بىر قانچە دېھقان ئۆزلىكىدىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قوللىرىدىكى سازلار بىلەن بىر مەيدان ئېسىل سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنلىدى.ئەخمەت موللاق ئورۇندىغان «ساماۋەر ئۇسسۇلى» يۇرتداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرشىتى.
بۇ ئۇسسۇل كۈسەن مۇزىكا، ئۇسسۇلى گۈللەنگەن مىلادىيە 4-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە كۇچادا شەكىللەنگەن قىممەتلىك سەنئەت شەكلى بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

سۈرەتتە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى گەۋدىلەندى. (مۇخبىر خۇاڭ ۋېنبو فوتوسى)

سۈرەتتە: روزى قاۋۇل ئىشتىياق بىلەن ساز چالماقتا. (مۇخبىر خۇاڭ ۋېنبو فوتوسى)
|