- تىللا
- 490
- تۆھپە
- 303
- نادىر
- 0
- يازما
- 211
- جۇغلانما
- 1355
- ھوقۇقى
- 70
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-4
- تىزىملاتقان
- 2011-9-24
- UID
- 113
 
- تىللا
- 490
- تۆھپە
- 303
- UID
- 113
|  |  |  |  |
ئابدۇكېرىم نەسرىدىن
ئابدۇكېرىم نەسرىدىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى(پروفېسسور)، ماي بوياق رەسسامى، تام رەسىم رەسسامى.
ئابدۇكېرىم نەسرىدىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى(پروفېسسور)، ماي بوياق رەسسامى، تام رەسىم رەسسامى.
1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.
1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىي بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن.
1981-يىلى مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى ماي بوياق فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن.
1988-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن ھەم ئىلگىرى-كېيىن ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە سەنئەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
2000-يىلى ئىتالىيەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە يەنە سەنئەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
2004-يىلى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتوندا «قەدىمىي يولدىكى رەڭدارلىق − جۇڭگو غەربىي دىيار رەسىم كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم ۋاشىنگتون، نيۇيورك، فىلادېلفىيە شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. «ئىلى گېزىتى»، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى ۋە ئىجادىيەتچىسى بولغان.
1981-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ كەسپىي رەسسامى، ماي بوياق تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ياچېيكا شۇجىسى، ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 6-،7،-8،-،9-، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىمىنىڭ باھالىغۇچىسى، «جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى»نىڭ باھالىغۇچىسى بولغان، 4-،5-،6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.
ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن ھازىر جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ماي بوياق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بوياق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي مۇدىرى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شىئەن گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى.





|  |  |  |  |
|
|