كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 4

فرانسىيەدە يېزىلغان ھېكايە : ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 23:24:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى

(فرانسىيەدە يېزىلغان ھېكايە)
ھىجران فرانسوۋا


    سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇغقانلىرىم بىلەن خوشلىشىپ بىنادىن چۈشتۈم . قولۇمدا چامادان ، ئاپام كۆزى قىيمىغان ھالدا : << ئامان بولغىن! >> دېگىنىچە ماڭا ئەگىشىپ چۈشتى . قورۇدا بىر نەچچە مويسىپىت كىشى ئولتۇرۇشقان ئىكەن ، مېنى كۆرۈپ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى . يۇرتۇمدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بۇ دەقىقىلەر كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە قوشۇلۇپ قەلبىمنى ئازابلايتتى . مەن تولىمۇ يىراق جايغا ، دۇنيانىڭ ئۇ قېتىغا سەپەر قىلماقچى ئىدىم . ئادەتتە ماڭا تونۇش ، شۇنداقلا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان ھەممە نەرسە كۆز ئالدىمدا جۇلالىنىپ ئوت بولۇپ يېنىۋاتاتتى . مەن ھېلىقى مويسىپىتلار بىلەن ئۈن - تىنسىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ : << ئاق يول بولسۇن! >> دېگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، باشقا ھېچنېمە دېمىدى . نەچچە كۈن ئىلگىرىكى چەت ئەلگە چىقىش خۇشاللىقى ، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ قىزغىن ئۇزۇتۇشلىرى ئىچىدىكى ئۆزۈمگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى نەلەرگىدۇر يوقالغان ئىدى . مەن قەدەملىرىمىنى ئېغىر تاشلاپ يولۇمغا راۋان بولدۇم ، پۇتلىرىمنى غايىبانە بىر كۈچ ئارقىغا سۆرەۋاتقاندەك قىلاتتى .
    مەن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ، 19 - ئەسىرنىڭ مەرىپەت بۆشۈكى بولغان فرانسىيىگە يېتىپ كېلىپلا ، بىلىمگە تەشنا قەلبىمنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا كىرىشتىم . كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى . تەلەپچان ئۇستازىم جھوغىجھ جھۆمنېينىڭ ھىماتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ماڭا نېسىپ بولدى . ھەر قېتىم تەجرىبىخانىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا - ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتەتتىم ، بىراق ، دەم ئېلىش كۈنلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەن يۇرتۇمدىكى ئاشۇ قايناق ھايات كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى . مەن ماڭىدىغان چاغدا : <<ئاق يول بولسۇن! >> دەپ ئۇزىتىپ قويغان ئاشۇ مېھرىبان مويسىپىتلارنى ئۇنتۇيالمىدىم .
    دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى . مەن گۈل - گىياھ ، دەل - دەرەخلەردىن يۇرتۇمنىڭ ھىدىنى پۇرىيالەرمەنمۇ دېگەن ئىستەكتە شەھەردىن چىقىپ ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئەتراپىدىكى بۈك - باراقسان ئورمانلىققا يېتىپ كەلدىم . يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىلار ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . ساپ ھاۋا ، ئورمانلىقتىكى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى قەلبىمنى خۇشال قىلدى ، ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى . ئالدى تەرەپتە تاشيولنى كېسىپ ئۆتكەن بىر ئۆستەڭ بار ئىدى ، ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرى شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشكەن ئىدى . مەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى يىراقتا قالدۇرۇپ ، ئۆستەڭ بويلاپ شەھەر تەرەپكە قاراپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن ، ئۆستەڭ بويىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىگە كۆزۈم چۈشتى . كۈز پەسلى بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ، بەرخۇت دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى شۇ قەدەر قويۇق ئىدىكى _ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ھەتتا چىۋىنمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيتتى . نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمىگۈدەك يوغىنىغان بۇ دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى خېلى بىر يەرلەرگىچە سايە تاشلاپ تۇراتتى . ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرىدىن خالىي بۇ جايدا پەقەت ئۆستەڭدىكى سۈپسۈزۈك سۇنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى بىلەن قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بۇ مەنزىرىدىن كۆڭلۈم ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كەتتى .
    كېيىن مەن ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە مۇشۇ يەرگە كېلىدىغان بولدۇم . ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ ئېقىۋاتقان سۇغا قارىغىنىمچە خىيال سۈرەتتىم . يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىم ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى . مېنى << ئاق يول بولسۇن ! >> دەپ ئۇزىتىپ قويغان مويسىپىتلارنى ئەسلەيتتىم .
    قىش كىرىپ ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى . ئەمما مەن ئاشۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشنى زادىلا توختاتمىدىم . ئۆزۈمنى بەرخۇت دەرىخىنىڭ تۆكۈلگەن ھەر بىر تال يوپۇرماقلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيتتى .
    ھاۋا سوغۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يەرگە يەنە كەلدىم ، ئۆستەڭدىكى سۇ مۇز تۇتمىغان ئىدى . سۇ ئوخشاش بىر خىل رېتىم بىلەن شىرىلداپ ناخشا ئېيتاتتى . ماڭا خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى تونۇش بولغان بۇ يېقىملىق ناخشىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا قەلبىم شادلىققا چۆمۈپ ، ئۆزۈمنى يۇرتۇمدىكى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغاندەك ھېس قىلاتتىم . بالىلىق چاغلىرىمدا كۆپ ئاڭلايدىغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز ھۈجەيرىلىرىمگىچە ئورناپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئىشقىلىپ ھەر قېتىم سۇنىڭ شىرىلداپ ئاققان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا _ ئۆزۈمنى بالىلىققا قايتقاندەك ، يۇرتۇمنىڭ تۇپرىقىدا تۇرغاندەك سېزەتتىم . مانا بۇ ئانا يۇرت سۆيگۈسى _ ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۈ ئىدى !
    باھار كېلىشى بىلەن دەل - دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىدى . مەن ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە بەرخۇت دەرىخىنىڭ يېنىغا بېرىشنى ئۇنتۇمىدىم . قىشتا يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ گىرىمسىز ساھىپجامالغا ئايلىنىپ قالغان بەرخۇت دەرىخىنىڭ شاخلىرى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى . بۇ بىخلار ئۇزۇن ئۆتمەي يوپۇرماق شەكلىگە كىردى ، ئۇلارنى كۆرۈپ قەلبىم شۇ قەدەر سۆيۈنۈپ كەتتى . يۇمران يوپۇرماقلار ، دەرەخ شاخلىرى لەرزان تەۋرىنىپ ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى . ئوقۇشتىكى چارچاش ، يالغۇزلۇقتىن پەيدا بولغان زېرىكىشلىرىم بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى .
    ئوقۇشۇم ئاخىرلىشىپ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا ئاخىرقى قېتىم بۇ يەرگە كەلدىم . بۇ كەچكۈز مەزگىلى بولۇپ ، بەرخۇت دەرىخىدىكى بۈك - باراقسان يوپۇرماقلار تېخى تۆكۈلمىگەن ئىدى . مەيىن شامالدا تەۋرىنىپ تۇرغان يوپۇرماق مەن بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى ، سۇلارنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى قۇشلارنىڭ سايرىشىغا قوشۇلۇپ ئاجايىپ بىر سادا ئاڭلانغاندەك بولدى ، مەن بۇ سادانى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدىم . يوپۇرماق ، سۇ ۋە قۇشلار خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك مەن بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى . قۇلاق تۈۋىمدە يۇرتۇمدىكى مويسىپىتلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان ئاۋاز يەنە جاراڭلىدى : << ئاق يول بولسۇن! >> .


_________________


     ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ، ئۆتكەن ئىشلار خۇددى كىنو لېنتىلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەردەك قايتا تەكرارلاندى . مەن ھەتتا زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم . يەنە شۇ تۈمەن كىلومېتىرلىق مۇساپە ، يۇرتىمىزغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر ئەل . مەن ئالدىنقى قېتىم ئانا يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىپ ، بۇ ئۇزۇن مۇساپىگە يول ئالغان چېغىمدا ، ئانام كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە ، بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن يۈگۈرۈپ چۈشكەن ئىدى . قورۇدا مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشقان مويسىپىتلار مېنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىنىچە ، دۇاغا قول كۆتۈرۈپ ، مېنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپىرىمگە «ئاق يول» تىلىگەن ھەم «بۇ خېلى ئىلمى بار ئوغۇل بولدى ، ئاللاھ يولىنى ئوچۇق قىلغاي ، پەرەڭلەرنىڭ ئىلغار ئىلمىنى ئۆگەنگىلى كېتىۋاتىدۇ!» دېيىشكەن ئىدى . بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنداق بولدى ، مەن ئېغىر يۈك - تاقلىرىمنى كۆتۈرگىنىمچە ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشتۈم ، ئانام كەينىمدىن ئىز بېسىپ چىقىۋاتاتتى . قورۇدا ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش بىر مۇنچە مويسىپىتلار مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇلار مېنى كۆرۈپلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى . شۇ تاپتا قەلبىمنى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قانداقتۇر بىر نەرسىلەر چېكىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۆزۈمنى زادىلا باسالمىدىم ، چاناقلىرىمنىڭ قانداقلارچە نەملەشكىنىنىمۇ سەزمەيلا قالدىم ...... ئانا يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ئەمەسمىدى ؟ ! راستىنى ئېيتقاندا ، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ، باغرىم تېخى قانمىغان بۇ تۇپراقتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلغۇم يوق ئىدى .
    تەقدىرىمگە شۇنداق پۈتۈلگەن بولسا كېرەك ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىۋاتقان بۇ ئەلگە ئۇزۇن ھاۋا يوللىرىنى بېسىپ يەنە كەلدىم . بۇ يەرگە كېلىپلا ، تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنى يوقلاپ كېلىش بولدى ، چۈنكى مېنىڭ كەلگەن ۋاقتىم مىلاد بايرىمىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا ، تەجرىبىخانىدا قىلغۇدەك تۈزۈك ئىشمۇ يوق ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم دەم ئېلىۋاتقان چاغ ئىدى . مەن بىر خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئىلىكىدە بۇ دەرەخلەرنىڭ يېنىغا كەلدىم . يات ئەلدە تەنھا ئوقۇشتا يالغۇزلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ، بىر خىل ئادەت يېتىلدۈرۈش زۆرۈر ئىدى . ئادەتتە ئون نەچچە ساەتلەپ تەجرىبىگە كىرىشىپ كەتسەك ، دەم ئېلىشقا ۋاقىت ئاز قالاتتى . دەم ئېلىش پەيتلىرىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ يۇرتنى سېغىنىش تولىمۇ يامان ئىدى ، شۇڭا مەن بۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە خىيال سۈرەتتىم ، تەپەككۇر قىلاتتىم . دەرەخ شاخلىرى كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا لەرزان تەۋرىنەتتى ، ئۇلارنىڭ يېقىملىق ساداسىدىن مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان سادالار كېلەتتى ، بۇ قېتىم تولىمۇ ئېنىق ئاڭلىدىم ، بۇ « خۇش كەپسىز!» دېگەن كۈتۈۋېلىش مېلودىيىسى ئىدى . بۇ ئاۋاز پۈتكۈل كلەغموڭفېيغاڭ تاغلىرىدىن ياڭراۋاتقاندەك قىلاتتى ( كلەغموڭفېيغاڭ _ فرانسىيىنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى ئوۋېغىنىيىنىڭ مەركىزى ، مەن ئوقۇۋاتقان پاسكال ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ شەھەردە ) ، قەلبىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا تولدى . ئېھ ! يۇرتۇمنىڭ تىنىقلىرىدىن تارقالغان ھىدنى ماڭا يەتكۈزگۈچى ، مەڭگۈلۈك دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسى بولغان خاسىيەتلىك دەرەخلەر ، ئامان بولۇڭلار ، مەڭگۈ كۆكىرىپ تۇرۇڭلار !
    يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ، تۇخۇمنى مايدا قورۇپ يېسەم يۇرتۇمدا يېگەن تۇخۇم بىلەن ئوخشاش تەمنى تېتىيالايمەن ، دېگەن ئىستەك بىلەن ، تۆت تال تۇخۇمنى ئازراق تۇز بىلەنلا قوچۇپ مايدا قورۇپ ئۈستەلگە قويدۇم ، يۇرتۇمدا ناشتىلىققا تۇخۇمنى مايدا قورۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن ئىدىم ھەم تولىمۇ تەملىك ھېس قىلاتتىم . شۇ تاپتىمۇ يۇرتۇمدا سەزگەن تەمنى ئويلاپ تۇخۇمدىن بىر قوشۇق ئاغزىمغا سالدىم ، ئەمما مەن يۇرتۇمدا تېتىغان تۇخۇم تەمى يوق ، ئىككى قوشۇق ، ئۈچ قوشۇق ... ياق ، ئوخشىمايدۇ ، يۇرتۇمدا يېگەن قورۇغان تۇخۇمنىڭ تەمى ھەرگىز بۇنداق ئەمەس ئىدى ، تېنىم بىردىنلا مۇزلاپ كەتتى يۇرتۇمنى سېغىنىشىم ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئۇلغايغان ئىدى ... توغرا ، ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىشىم كېرەك ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىن يۇرتۇمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايمەن ، بالىلىق چاغلىرىمدا تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناپ يۈرىدىغان غۇبارسىز چاغلىرىمنى ئەسلىيەلەيمەن ......
    قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپلا ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تەرەپكە يۈگۈردۈم . يول بويى ھەيۋەتلىك ، ھەشەمەتلىك سېلىنغان داچا - قەلئەلەر ئۈزۈلمەي ئۇچراپ تۇراتتى . گۈل - گىياھلار ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقىغا قارىماي ئېچىلىپ - كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى . ئەتراپ شۇ قەدەر گۈزەل بولسىمۇ ، كاللامدا شۇ تاپتا ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى . چېركاۋنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى ، سائەت توققۇز بولغان ئىدى . بەرخۇت دەرىخى يېنىغا كېلىشىمگە ماڭا تونۇش ئاۋاز زېھنىمنى ئەسىر قىلىۋالدى ، شاماللاردىن يۇرتۇمنىڭ ھىدىنى پۇراشقا تىرىشتىم ...
    چېركاۋنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى ، تەپەككۇرۇم چېچىلدى ، قارىسام سائىتىم 12 بوپتۇ ، بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قاپتىمەن . توساتتىن ئالدى تەرەپتىن ئىت يېتىلىۋالغان بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى ، ئۇ كىشى مېنى كۆرۈپ سالام قىلدى ۋە :
    - ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغىنىڭىزغا خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن ؟ ۋاقىتنى بۇنداق بىھۇدە ئۆتكۈزگىچە ، گۈزەل باغچىلارنى ، شەھەرنىڭ چىرايلىق كوچىلىرىنى تاماشا قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ - دېدى . مەنمۇ بوۋايغا جاۋابەن سالام بەردىم ۋە ئەدەپ بىلەن :
    - سۆزىڭىزغۇ ئورۇنلۇق ئەپەندى ، مەن فرانسىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن ۋىكتوغ ئۈگو (ۋېكتور گيۇگو)، ئونېغې دې بالزاك (ھونېرى دې بالزاك)، موپاساڭ (موپاسسان)، ئېمىل زولالارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، لۈۋېغ سارىيى(رۇففېل سارىيى)، ۋېغسال سارىيى(ۋېرسال سارىيى)لارنى زىيارەت قىلىپ بولدۇم.  شۇ تاپتا مەن بۇ دەرەخلەردىن يۇرتۇمنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتىمەن ، ئازراق ئارام ئالغۇدەك ۋاقتىم چىقسىلا بۇ يەرگە كېلىمەن ، - دېدىم .
- يۇرتىڭىز قەيەردە ؟
- شەرقتە ئەپەندى ، قۇياشنى تۇنجى بولۇپ كۈتۈۋالىدىغان بۈيۈك بىر ئەلدە ...


_________________


    ئىت يېتىلىۋالغان بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . شۇ كۈنى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى ھەمدە :

    - ھەي ، بۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى ، - دېگىنىچە بەرخۇت دەرەخلىرىنىڭ شامالنىڭ زەربىسىدىن تۆكۈلۈۋاتقان يوپۇرماقلىرىغا تىكىلىپ ، قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى . تاماكىدىن ئۈزۈلۈۋاتقان ئىس يىلاندەك تولغىنىپ كۆكتە غايىب بولاتتى . بوۋاينىڭ ئىتى بولسا ئۆزىگە ئەرمەك بولغۇدەك بىرەر نەرسە ئىزدەپ يېقىن ئەتراپتا نېمىلەرنىدۇر قوغلاپ - تاقلاپ ئويناقشىيتتى . مەن بوۋاينىڭ خىياللىرىنى بۆلۈۋەتمەسلىككە تىرىشىپ ئۈندىمەستىن ئۇنىڭغا نەزەر سالدىم . 70 لەردىن ھالقىغان بۇ بوۋاي گەرچە ئۆزىنى تۈزەپ رەتلىك ، پاكىز كىيىنىۋالغان بولسىمۇ ، ئەمما رەھىمسىز يىللار قالدۇرۇپ كەتكەن قورۇقلار چىرايىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ، ھەتتا كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بەدىنىدىكى تېرىلەردىمۇ مانا مەن ، دەپ كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تېتىك ھەم چاققان ھەرىكەتلىرى ، كىشىگە ئىللىق كۆرۈنىدىغان چىرايى بۇ بوۋاينىڭ ياش چاغلىرىدا قىزلارنىڭ ئەقلىنى لال قىلالىغۇدەك نەۋقىران يىگىت ئىكەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسىدەك كۆرۈنەتتى .
    ئەدەپ يۈزىسىدىن بوۋاينىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ ئۈندىمەي ئولتۇردۇم . بىر چاغدا بوۋاي خىياللىرىنى يىغىۋېلىپ سۆزگە كىرىشتى . بىز خۇددى دوستلاردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ، بەرخۇت دەرەخلىرى پاراڭلىرىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدەك توختىماي تەۋرىنەتتى . بوۋاينىڭ ئىسمى گابى ، ئىتىنىڭ ئاستېغ بولۇپ ، يېقىن ئەتىراپتىكى بىر قەدىمىي قەلئەدە ئۆزى يالغۇز تۇرىدىكەن . پاراڭ بىلەن بولۇپ كەچ كىرىۋاتقانلىقىنىمۇ تۇيماي قاپتىمىز . ئاخىرىدا بوۋاي بىلەن كېلەر يەكشەنبە كۈنى يەنە مۇشۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە كۆرۈشىدىغانغا كېلىشىپ خوشلاشتىم . مەن ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە ئۆزۈمگە كىچىك پېئىل مۇڭداش تېپىۋالغىنىمدىن خۇشال بولدۇم ...
    كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى دېيىشكەن چاغدا بۇ يەرگە كەلسەم ، بوۋاي كېلىپ بولغان ئىكەن . مەن بىر تەرەپتىن ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇسام ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مىللىتىمنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلىمەسلىك ئىللىتىنىڭ ئۆزۈمگە بەك چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن نومۇس قىلدىم . بىز قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ، دەرەخ تۈۋىدىكى ئاشۇ جايغا كېلىپ ئولتۇردۇق ، گابى ئەپەندى ئادىتى بويىچە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ شورىغاندىن كېيىن توساتتىن :
_ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ جايغا دائىم كېلىدىغانلىقىمنى سىزگە سۆزلەپ بەرگۈم بار ، - دېدى .
    مەن بوۋايغا ، ئۇنىڭ چۈشىنىكسىز چىراي ئىپادىلىرىگە ، مۇرەككەپلىكى بىلىنىپ تۇرغان ھېسسىياتىغا قاراپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ۋە :
    - گابى ئەپەندى ، مېنىڭ سېزىمىمگە ئاساسلانغاندا ، سىز بىر خىل ئازابلىق ئەسلىمىنى تىلغا ئالماقچى ئوخشايسىز ، مېنىڭ تۇيغۇمغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ ، مەن سىزنى كۆرگەن چاغدىلا بىزنىڭ قەدىناس دوست بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ئىدىم ، مەن شەرقلىق ، سىز غەربلىك ، سىزنىڭ ئېلىڭىزگە ئىلىم ئۆگەنگىلى كەلگەن جۇڭگولۇقمەن ، سىزدەك ئاقكۆڭۈل سىرداش دوستقا يولۇقۇپ ، تەنھالىقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇم ، بىز بىر - بىرىمىزنىڭ شۇ تاپتىكى قەلبىنى چۈشىنىمىز ، - دېدىم مەن .
    _ سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق تۇغسۇن (تۇرسۇن دېمەكچى) ئەپەندى ، - دېدى گابى ئەپەندى تاماكىسىنى مىجىقلاپ ئۆچۈرۈپ ۋە قالدۇقىنى يېنىغا ئېلىۋالغان قەغەزگە ئوراپ ، _ بۇ بىر ئازابلىق ئەسلىمە ! بۇ ئىشلارغا ناھايىتى ئۇزۇن بولدى ، بۇ يىل توپتوغرا 40 يىل توشۇپتۇ . 40 يىل ئىلگىرى مەن دەل مۇشۇ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن سۆيگىنىمدىن ئايرىلدىم . شۇ كۈنىمۇ بۈگۈنكىدەك كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى يوپۇرماقلارنى شاخلىرىدىن ئايرىپ ئۇچۇراتتى . مەن ئۇنىڭ بىلەن بەش يىللىق ئادىتىمىز بويىچە پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بۇ يەرگە كېلىپ ، ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئىدىم ، قانچىلىك ئۇزۇن ساقلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇ شۇ كۈنى كەلمىدى ، ئەتىسى يەنە ساقلىدىم ، يەنە يوق ، شۇ كۈنى تاڭ ئاتقىچە ساقلىدىم ، قايتقان چاغدا مۇھىت ئىشچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ بولغان ئىدى ، ئۆگۈنى بىز دائىم ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ بۇ يەرگە يەنە كەلدىم . پەرۋەردىگارغا رەھمەت ، ئۇ ئاخىرى مەن بىلەن ئۇچراشقىلى كەلدى ، ئۇنىڭدىن نەچچە كۈنلەردىن بېرى نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى سوراشتىن ئەيمەندىم . چۈنكى ئۇ شۇ تاپتا ئۆزگىچىلا بىر قىزغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى ، مۇئامىلىسىمۇ شۇنداق سۇس ، سۆزلىرىمۇ قولاشمايتتى . ئاخىرى مەن نەچچە كۈندىن بېرى تەسەۋۋۇر قىلغان ، ئاڭلاشتىن قورقىدىغان سۆزلەر _ مەن بەش يىلدىن بېرى ئاڭلاپ كەلگەن شېرىن سۆزلەر چىقىدىغان لەۋلەردىن تۆكۈلدى :
    _ گابى ، بىز ئايرىلىپ كېتەيلى ، مەن بۇ جايدىن تېزرەك كەتمىسەم بولمايدۇ ، بۈگۈن كەچلىك پويىزدا پارىجھغا ماڭىمەن ...
    بوۋاي سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە يەنە نېمىلەرنىدۇر ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك ، كۆزىنى بىر نۇقتىدىن ئۈزمەي خېلىغىچە ئۈندىمىدى ، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ، بىر تاماكىنىڭ ئىسىنى بىر يولىلا شۈمۈرىۋېتىدىغاندەك شورىغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى :
    - مۇھەببەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز ؟ مېنىڭ دەۋاتقىنىم ھەقىقىي پاك مۇھەببەت ، بىز ھەر قېتىم مۇشۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە ئۇچرىشىپ تۇرغان بەش يىل مەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى . ئاشۇ كۈنلەردە ماڭا قاغىنىڭ ئاۋازىمۇ بۇلبۇلنىڭكىدەك ئاڭلىناتتى ، ئەتراپ شۇ قەدەر گۈزەل ، بىز بۇ يەرگە ساق بەش يىل كەلگەن بولساقمۇ ، بۇ جاي دائىم مەندە تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ شامالدا تەۋرىنىشى ، قار ياغقان كۈنلەردە يىراقتىن خۇددى ئاق چېچەكلەردەك كۆرۈنىدىغان دەرەخ شاخلىرىدىكى قار ئۇچقۇنلىرى ، قۇشلارنىڭ تىنىمسىز سايراشلىرى ... مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىدى ، بىراق ئۇ مېنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىنچۇ ؟ مەن گەرچە ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كۈنلىرىمنى كەيپ - ساپا ، ئەيش - ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ، ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىگە كېلىشكە تاقىتىم تاق بولاتتى . بىراق ، قۇشلارنىڭ سايرىشى ، ئېرىقتىكى سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى قۇلىقىمغا تولىمۇ يېقىمسىز ئاڭلىناتتى . بۇلار بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . كۈز ، قىش كۈنلىرى بۇ يەرگە كەلسەم كۆزۈمگە مۇدھىش كۆرۈنەتتى ، ئەمما مەن بۇ يەردىن ئۇنىڭ ھىدىنى ئىستەيتتىم . مەن بۇ يەرگە يەنە نېمە دەپ كېلىمەن ؟ دەپ ئۆزۈمدىن تالاي قېتىم سورىغان بولساممۇ ، ئەمما جاۋاب تاپالمايتتىم ، پەقەت ئۇنىڭلا ھىدىنى ، سېيماسىنى ئىستەيتتىم ...
    بوۋاي سۆزىنى تاماملىغاندا كەچ بولۇپ قالغان ئىدى ، كۆكتە ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي بوۋاينىڭ كەچمىشلىرىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇپ تۇراتتى . بوۋاي بىلەن كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى يەنە مۇشۇ جايدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ خوشلاشتۇق . بوۋاي بىلەن ئىتى كۆزدىن غايىب بولغاندىن كېيىن ، مەنمۇ ئاستا قايتىشقا قوزغالدىم . ئۆزۈمنىڭ نامرات ، تەنھالىقتا ئۆتۈۋاتقان تالىپلىق ھاياتىم ئۇنتۇلۇپ ، ئېسىم گابى ئەپەندىنىڭ سىرلىق كەچمىشلىرىگىلا باغلىنىپ قالغان ئىدى . مەندەك بىر خىمىيە دوكتۇرلۇقىدا ئوقۇۋاتقان ئادەم ئۈچۈن فرانسۇز تىلىنىڭ ئۇششاق تىللىرىغىچە ئۆگىنىۋېلىشتا ئاشۇنداق ھەمراھ _ گابىدەك مۇڭداش تولىمۇ مۇھىم ئىدى ، تەجرىبىخانىدىكىلەر بىلەن تەجرىبە توغرىلىقلا پاراڭلاشقاندىن سىرت ، سائەت - سائەتلەپ گاچىدەك ئىشلەپ كېتەتتىم ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ھاردۇقىنى مەيخانا ، ئىشرەتخانىلاردا چىقىرىشقا ئالدىرىشىپ ھەممىسىلا كېتىپ قالاتتى ...
    بىر ھەپتىلىك تەتقىقاتىمدىن تاپشۇرىدىغان دوكلاتىمنى تاپشۇرۇپ بولۇپ ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈشەك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بۈگۈن بىكار بولۇپ قالغان ئىدىم . بۇنداق يەكشەنبىدە ، يۇرتۇمدا توي - تۆكۈن ياكى باشقا سورۇنلاردا بۇرادەرلەر بىلەن ئۇچرىشاتتۇق ياكى بالىلىرىم بىلەن ئۆيدە خۇشال - خۇرام ئۆتەتتىم . ئەمما يات ئەلدىكى يالغۇزلۇقنى ئۆتكۈزۈش بەسىي مۈشكۈل ئىش ئىدى . زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتۇرغانغا ئوخشاش _ يالغۇزلۇقنى يالغۇزلۇق بىلەن يېڭىشنىڭ ئۆزىمۇ كاتتا ئىش ئىدى . شۇڭا ماڭا دائىم ھەمراھ بولىدىغان ئاشۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ تۈۋىگە يەنە كەلدىم . كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي گابى بىر موماينى قولتۇقلىغىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى . بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى ، بىز خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق .
    - بۇ مەن سىزگە سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى 40 يىلنىڭ ئالدىدا ئايرىلىپ كەتكەن سۆيگۈنۈم بولىدۇ ، - دېدى گابى موماينى ماڭا تونۇشتۇرۇپ . مەن ھەم ھەيران ، ھەم خۇشال بولغان ھالدا بىردە بوۋايغا ، بىردە مومايغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم . بوۋاي مېنى مومايغا تونۇشتۇردى ، بىز قايتىدىن كۆرۈشتۇق .
    - ئىككىمىز بۇ يەردە خوشلاشقان ھېلىقى يەكشەنبە كۈنى كەچتە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرغان << سۆيگۈ دۇنياسى>> مەخسۇس پروگراممىسىدا ۋانتالوننى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ تېلېۋىزور ئېكرانىدا مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ دېرىكىمنى قىلىۋاتاتتى ، ئېكراننىڭ ئاستىدا ئۇنىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرى تەكرار - تەكرار چىقىپ تۇردى ، مەن دەرھال قەلەم ئېلىپ ئۆزۈم توپتوغرا 40 يىل ئىزدىگەن بۇ ئادرېس بىلەن تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلىۋالدىم . قوللىرىم تىترەپ خاتىرىلىگەن ئادرېس ۋە نومۇرلار قىڭغىر - قىيسىق بولغاننىڭ ئۈستىگە ، ياشلىرىم بىلەن نەملىشىپ تونۇغىلى بولماي قالدى ، يەنە قايتا كۆچۈردۈم ، يەنە شۇنداق ، ئاخىرى ئۆزۈمنى ئىمكانقەدەر بېسىۋېلىپ خاتىرىلىدىم ، ئەمما يۈرىكىم ھېلىلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تېپچەكلەيتتى . توساتتىن مەن 40 يىلنىڭ ئالدىدا ئاڭلىغان ئاۋاز تېلېفوندا ئاڭلاندى ، چۈنكى مەن ئاشۇ ھاياجاندا تېلېفوننى ئېلىپ نومۇرىنى بۇراپمۇ بولغان ئىدىم . مەن بۇ ئاۋازنى دۇنيادىكى نەچچە مىڭلىغان ئاۋاز ئىچىدىنمۇ پەرقلەندۈرەلەيتتىم . بۇ ئۇنىڭ ، سۆيگىنىم ۋانتالون ژۇلىيېتنىڭ ئاۋازى ئىدى . ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاغزىغا ھاياجاندىن << ۋەي >> دېگەندىن باشقا سۆز كەلمەيتتى ، << ۋەي ! ... ۋەي ! ... گابى ! ... >> ، << ۋەي ! ۋەي ! ... ۋانتالون ! ... >> ، << گابى ! ... ھە مەن شۇ ... ! >> . شۇ كۈنى كېچىلىك پويىزدىلا پارىژغا باردىم ، ۋانتالون بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئەتىسىلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ نىكاھقا تىزىملاتتۇق ، ئاندىن چېركاۋغا بېرىپ پوپنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدۇق . پارىژدا بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ يەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىدىن زېرىكىپ ئۆمرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنى يۇرتىمىزدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە قايتىپ كەلدۇق ، بىز يولدا كېلىۋېتىپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ھەر كۈنى بېرىپ تۇرۇشقا پۈتۈشتۇق . ئايالىمغا سىزنىڭ يىراق جۇڭگودىن كېلىپ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردىم . بۈگۈن سىزنى مۇشۇ يەردىن تېپىشقا كۆزىمىز يېتىپ ئايالىمنى ئېلىپ سىزگە تونۇشتۇرغىلى كەلدىم . ئۇ كەچلىك زىياپەتنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ قويدى ، كەچتە بىللە مۇبارەكلىشەيلى ! ...
    ئۇ سۆزىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ۋانتالون سۆزىنى بۆلۈپ :
    - نېمىشقا كەچ كىرىشىنى ساقلايمىز ؟ تۇنجى قېتىم ئۇچراشتىم بۇ دوستىمىز بىلەن ، ھازىرلا قايتىپ مۇڭدىشايلى ! - دېدى .
    بىز گابى ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە قايتتۇق ، تىپىك فرانسۇز ئۇسلۇبىدىكى بۇ قەدىمىي قەلئەنىڭ بېزىلىشىمۇ ئۆزگىچە ئىدى . قەدىمىي فرانسۇز ئۇسلۇبىدا زىننەتلەنگەن ئۆي ئىچى كىشىگە ئارامبەخش بېرەتتى . سوغۇق بولغاچقا ، تام مەشتىكى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان قارىغاي ئوتۇنىنىڭ ھارارىتى ئادەمنى راھەتلەندۈرەتتى . تاماق ياۋروپا ئادىتى بويىچە رەسمىي يوسۇندا تارتىلدى . ئاۋۋال ئىشتەي شارابى ، ئاندىن توخۇ كاۋىپى ، ئىرىمچىك ، بولكا ، قىزىل ھاراق ، سوغۇق سەي ، مېۋە - چېۋە ، ئاخىرىدا تورت كەلتۈرۈلدى . بۇ تورت ياۋروپالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان مىلاد بايرىمىدىن كېيىن مەخسۇس تەييارلىنىدىغان ئالاھىدە تورت بولۇپ ، بۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا تەييارلانمايتتى . تورتنى سېتىۋالغاندا تورتقا قوشۇپ ئىككى خانتاجى سوۋغا قىلىناتتى . تاماقتىن كېيىن ئۇ ئىككىسى تاجنى كىيىۋېدى ، خۇددى فرانسىيە پادىشاھى بىلەن خانىشىغىلا ئوخشاپ قالدى ، ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىغا ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيتتى .
    مەن ھەقىقىي بىر سىرداش فرانسىيىلىك دوستنىڭ مىلاد بايرىمىدىن كېيىنكى زىياپىتىگە _ مېنى مېھمان قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىپ خېلىلا كەچتە خوشلىشىپ قايتتىم .
    ئارىدىكى ئىككى يەكشەنبىدە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشالمىدىم ، ئۇلارمۇ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىگە كەلمىدى . ئۆزۈم تەنھا ئۇ ئىككىيلەنگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدىم ھەم يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مۇقاملىرىنى ئۈنئالغۇدىن ئاڭلىغاچ ، ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى ئەتراپىنى ھەم كلەغموڭفېيغاڭ تاغلىرىنى تاماشا قىلدىم . ئۈچىنچى يەكشەنبىمۇ ئۇلار كەلمىدى ، مەن ئاخىرى بۇ دوستلىرىمنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ قەدىمىي قەلئەسىگە يول ئالدىم .
    قۇياش پېتىپ كۆز باغلانغان چاغ بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ دېرىزىلىرىدىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنمەيتتى . ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقاندىن كېيىن ، ئون نەچچە مىنۇت ساقلىغان بولساممۇ شەپە بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى قوشنىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا باردىم ۋە قوڭغۇراق كۇنۇپكىسىنى باستىم . دەرۋازىنى بىر خانىم ئاچتى ۋە يات بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىدىن ئەجەبلەندى .
    - گابى ئەپەندىنىڭ دېرىكىنى قىلماقچى ئىدىم ، كەچۈرۈڭ ، مالال قىلدىم ، - دېدىم مەن .
    - تېخى خەۋەر تاپماپسىزدە ؟ گابى ئەپەندى بىلەن خانىمى مىلاد بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى يەكشەنبە كېچىسى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى ... ئۇلارنى كىشىلەر بېشىدىكى تاجى بىلەن تىنچ كېتىپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ ، ئەگەر ئۇلارنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى دوختۇر ئىسپاتلىمىغان بولسا ، ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئىشەنمىگەن بولاتتى ...
    بېشىمدىن مۇز سۈيى قۇيغاندەك شۈركىنىپ كەتتىم . زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى ، چۈنكى ئۇلار تېخى ئەمدىلا ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەختنى تېپىپ ۋىسالىغا يېتىشكەن ئەمەسمىدى ؟ !
    ئەتىسى قەبرىستانلىقتىن ئۇلارنىڭ يېڭىلا ياسالغان قەبرىسىنى تاپتىم . كىرىست بەلگىسى قوندۇرۇلغان قەبرە تېشىغا << بۇ يەردە گابى ماغشېل ( 1928 - 2002 ) خانىمى ۋانتالون ژۇلىيېت بىلەن مەڭگۈلۈك ئارام ئېلىۋاتىدۇ( 1936 - 2002 ) >> دەپ يېزىلغان ئىدى .
    مەن خېلى ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ئېلىپ كەلگەن گۈللىرىمنى قەبرە تېشى ئالدىغا قويدۇم ۋە بىرەر تال ئۇۋىقىنىمۇ تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمايدىغان بولكا ئۇۋاقلىرىدىن بىر ئوچۇم چېچىپ قايتىپ كەتتىم .
    دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى شۇ يەرگە بېرىپ تۇغۇلغان يۇرتۇمنىڭ تال-چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئوينايدىغان توپىلىق سەھرا يوللىرىنى ، تارىم دادخاھ بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىق ھاياتىمدىكى ئەھمىيەتلىك  كۈنلەرنى ئاشۇ ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى تۈۋىدە ئولتۇرۇپ دەرەخ شاخلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ، ئېقىن سۇلارنىڭ شىرىلداشلىرىنى ئاڭلىغاچ ، قىش كۈنلىرىدە پاكىزلىقىدىن ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگïدەك ئاق قارلاردا كلەغموڭفېيغاڭ دالالىرىنى تاماشا قىلغاچ خىيالىمغا كەلتۈرۈپ خىيالىمدا بولسىمۇ ۋەتىنىمدىكى بۇرادەرلىرىم بىلەن مۇڭدىشاتتىم. بەزىدە ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ سالاتتىم... ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنى سېغىنىپ نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم .  گابىلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن نېمىشقىدۇر ئۇ يەرگە بېرىشقا كۆڭلۈم تارتماس بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە گابىنىڭ سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرىدىغان ، خىيالچان كۆرۈنىدىغان چىرايى زادىلا خىيالىمدىن كەتمەيتتى. مانا ئەمدى بەرخۇت دەرىخىنىڭ قېشىغا بارغاندا مەن بىلەن سىردىشىدىغان ، بۇ يات ئەلدە ئەڭ يېقىن سىردىشىم ، دەپ بىلگەن ئادىمىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئەمدى ئۇ يەرگە بارسام ئىككىمىز يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ  پاراڭلىشىدىغان ئاشۇ دەرەخ شاخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان ئۆستەڭ بويى ، گابىنىڭ ھەر قېتىم ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسكە ئالماقچى بولغاندا تاماكىسىنى ئېغىر-ئېغىر شوراپ ، ئىسلىرىنى چەمبەر شەكلىدە پۈۋلەپ چىقىرىپ بىر ھازا ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى ، گابى ئەر-ئايالنىڭ پارىژدىن قايتىپ كېلىپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ قېشىدا كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا ئۇ ئىككىسىنىڭ تاتلىق بەختتىن مەستخۇش بولۇپ يۈرۈشكەن ھالىتى ( بۇ ھاياتىمدا بەختنى بۇنچىلىك ھېس قىلىشقانلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم ) ... كۆڭلۈمنى غەش قىلىشى ، مېنى ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلۇق ئازابى يەتمىگەندەك يەنە بىر ئازابنىڭ قىينىشى تۇرغانلا گەپ ! ناۋادا ئۇ يەرگە بارسام گابى بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى دەرەخ شاخلىرى شامالدا تەۋرىنىپ پەيدا قىلغان يۇرتۇمنىڭ گۈزەل ئەستىلىكلىرى ماڭا يەنە نېسىپ بولارمۇ ؟ گابىنىڭ ئۆلۈمى ماڭا سايەمدەك ئەگىشىۋالغان بۇ كۈنلەردە ئەڭ ياخشىسى بەرخۇت دەرىخى تۈۋىگە بارمىغىنىم ياخشى . نامراتچىلىق دەستىدىن بۇ گۈزەل كلەغموڭفېيغاڭ كوچىلىرىمۇ ماڭا خۇش ياقمايتتى ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۈمگە تەۋە بۇ ئۆي مەملىكىتىدە فرانسۇز تىلىنى پىششىقلىغىنىم ، ئۆتكەن ئىشلارنى خاتىرىلىگىنىم تۈزۈك ئىدى ...
      ئارىدىن يەنە نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بەرخۇت دەرىخى تەرەپكە ئاياغ باسمىدىم. ئالدىنقى ھەپتىدىكى تەتقىقات تەجرىبەمدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى ، ئەمەلىيەتتىمۇ راكقا قارىشى دورىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تەتقىقات تەجرىبىسىنى مەن ئىشلەۋاتقان تەجرىبىخانىدىكى تەتقىقاتچىلار نەچچە 10 يىللاردىن بېرى ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن ، بۇ تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقان 10 نەچچە تەتقىقاتچى مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتاتتى ، تەتقىقاتتا ئىشلار ھەرۋاقت ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيتتى، گاھىدا نەچچە ئايلاپ ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدىغان گەپ، گاھىدا كىشىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجە توساتتىن نېسىپ بولۇپ قالىدۇ ، بۇنداق چاغلاردىكى خۇشاللىققا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ ، بىر ھەپتە بۇرۇنقى تەتقىقاتىمدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ئالدىدا شان-شەرەپكە ئېرىشىپ ، بۇ خۇشاللىقلىرىم ھەممە كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى بىر مەھەل ئۇنتۇلدۇردى . ئەمما بۇ نەتىجە مېنىڭ تېخىمۇ قىيىن نۇقتىغا يېقىنلاپ بېرىۋاتقانلىقىمدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى. ناۋادا بۇ ھالقىدىن بۆسۈپ ئۆتەلىسەم كېيىنكى بىر يىللىق تەتقىقاتىمدىكى بارلىق قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىپ ، قەدەممۇ-قەدەم زەپەر قۇچۇپ ئىلگىرىلەپ بارغان بولاتتىم. بىراق شۇ قېتىمقى نەتىجىدىن كېيىن قېرىشقاندەك تەتقىقاتىمدا زادىلا ئىلگىرىلەش بولمىدى. مۇشۇ ئىشتا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە گابى ئالەمدىن ئۆتتى، يەنە شۇ تەنھالىقنىڭ دەردى قىيناۋاتاتتى ، ئەمدى úچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ قېشىغا بىر بېرىپ ئانا تىلىمدا بىر ۋارقىراپ كەلمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ ...   
       فېۋرال ئېيىنىڭ  تۇنجى يەكشەنبىسى ئىدى ، قاقپودىلا بەرخۇت دەرىخىنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلمەكچى بولۇپ ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا سوغۇقتىن تەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى. كىم دەيدۇ ياۋروپادا 2-ئايدا قار ياغمايدۇ ، دەپ ؟ فرانسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ مەن ئوقۇغان ئەسەرلىرىدىكى قىش تەسۋىرلىرى كۆز ئالدىمدا نەق يۈز بېرىۋاتاتتى . بۇ يىلقى قىش ھەقىقەتەن فرانسىيىلىكلەرنى فرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ سوغۇق قىشنى ئەسلەتكەن ئىدى . قار يېغىۋاتاتتى ، پاختەكتەك بولمىسىمۇ تورغايدەك-تورغايدەك چۈشۈۋاتقان قار يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنى ئېغىر چۈمكىۋالغان ئىدى ، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز بۇلارنى ماشىنا ئەمەس بەلكى قار دۆۋىسى دەپ قالىسىز . قىزىل سىرلانغان  ئۆگزىلەر ، يوللار ، پۈتكۈل كلەغموڭفېيغاڭ ، ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا - شىمالىي فرانسىيە ئاق لىباس كىيىپ گابىنىڭ قىرىق نەزىرىگە ( فرانسۇزلاردا ئۇيغۇرلاردىكىدەك ئۇنداق ئادەت بولمىسىمۇ ئۆزۈمچە شۇنداق خىيال قىلىپ كەتتىم ) تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. يەنە بىر خىيالىمدا پۈتكۈل دالا تويى بولۇۋاتقان فرانسۇز كېلىنچەكلىرىگە ئوخشايتتى، شۇنچىلىك پاكىز-غۇبارسىز .
      ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى ، بۇنداق ھاۋادا بەرخۇت دەرىخىنىڭ تۈۋىگە بارسام قانداق بولار ؟ بىرئاز ئىككىلىنىپ قالدىم ، ئەمما كەيپىياتىم ناچار بولغاچقا  بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس ، دېگەن ئۈمىدتە بەرخۇت دەرىخى تامان يولۇمغا راۋان بولدۇم . يېرىم يولغا كەلگەندە تورغايدەك-تورغايدەك چۈشۈۋاتقان قار بىردىنلا شىۋىرغانلىق ھاۋاغا ئۆزگىرىپ كەتتى ، سوغۇقتىن تىترەپ كەتتىم ، ئەمەلىيەتتىمۇ  گابىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ، تەتقىقاتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ، يۇرتۇمنى سېغىنىش ئارام بەۋرمەيۋاتقان يالغۇزلۇق  قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يېغىۋاتقان قارغا ، ھۇشقىيتىپ چىقىۋاتقان شىۋىرغانلىق ھاۋاغا ئوخشايتتى. بۇ يازغانلىرىمنى ماڭا ئوخشاش ئازابلارغا دۇچ كەلگەنلەر بولمىسا چۈشىنىشى ناتايىن ...
      مانا ، ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخى ئالدىمدا تۇرۇپتۇ ، قارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەرنى تونۇيالمىغىلى تاس قالدىم. يۇرتۇمدا قار يېغىپ توختىغاندىن كېيىن دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانقار ئۇچقۇنلىرىنى كۆرسەم خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي قالاتتى ، بىراق بۈگۈن نېمىشقىدۇر يۇرتۇمدىكى سېزىمنى ھېس قىلالمىدىم. تېنىمدە جان بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالماي ئۇيغۇرچە " يۇرتۇم ، تارىم ، تەكلىماكان ، Úرۈمچى ... " دەپ ۋارقىراپ باقسام ، بۇ قىلىقىم بىر ساراڭ ئادەمنىڭ قىلىقىغا ئوخشاپ قالدى ، ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىنى بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ باقتىم ، خۇداغا شۈكرى ، ئانا تىلىمنى بولسىمۇ ئاڭلىدىم .
       خىيالغا غەرق بولۇپ جايىمدا ئۈن-تىنسىز تۇردۇم ، توساتتىن كەينىمدىن بىرىنىڭ چاقىرغاندەك ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى ، كەينىمگە ئۆرۈلسەم ھېچكىم يوق ، شۇ تاپتا گابىنىڭ ئىتىنى يېتىلەپ كېلىپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . 40 يىل ئىلگىرى جۇلىيېت نېمە ئۈچۈن گابىنى تاشلاپ كەتكەن بولغىيدى ؟ بۇ 40 يىلدا قانداق ئىشلار بولغاندۇ ؟ قانداق بىر كۈچ جۇلىيېتنى گابىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغاندۇ ؟ بۇلار مەن ئۈچۈن بىر سىر ئىدى ، خىيالىم ئەمدى بۇ سىرلار ھەققىدە چىگىشلىشىپ بارماقتا ئىدى ...
        شىۋىرغان تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتكىلى تۇردى ، جايىمدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن !

«تەتقىقاتچى» دېسە تۈرلۈك ماشىنا-ئۈسكىنە ئالدىدا ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر كۇنۇپكىلارنى تەڭشەۋاتقان، كۆزئەينەكلىك ، ئاق خالاتلىق ئادەملەرنى كۆز ئالدىغا ئەكېلىدىغانلار بار. بىراق جاھاندا نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن ؟ مەنمۇ ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىغا شۇ سىياقتا كېلىدىغان بىر ئادەم ، شۇنداق تىرىشىپ-تىرماشساممۇ مۇشۇ كۈنلەردە قىيىن بىر مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلالماي كېلىۋاتقىنىمغا ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى. ئەسلىدە بىر ئوبدان كېتىۋاتقان تەجرىبەم پاتقاققا پاتتى ، بۇ توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالىم ، كۆرمىگەن ماتېرىياللار قالمىدى ، تەتقىقات ئۇسۇلۇمنى ئىلگىرىكىلەر قوللىنىپ باققان ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىگە سېلىپمۇ باقتىم ، ئۆزۈم ئويلاپ تاپقان ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنىپ باقتىم.مەن سىناق قىلغان ھەربىر ئۇسۇللار نەزەرىيە جەھەتتىن نۇقسانسىز بولسىمۇ خۇدى « ئۆيدىكى ھېسابات بازارغا يارىماپتۇ » دېگەندەك زادىلا نەتىجىسى چىقمايتتى. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى زادى نەدە ؟ مېنىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرىمگە تەجرىبىخانىدىكىلەرمۇ تىت-تىت بولۇۋاتاتتى. ماراكەشلىك رادۇۋان ( فرانسۇزلار ئۇنى «غادۇۋان» دەپ ئاتايدۇ) پات-پات تەجرىبەمگە تىكىلىپ قوياتتى. ئاخىر باشقا تەتقىقاتچىلاردىن سورىدىم :
___ سىلەرنىڭ تەتقىقاتىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ ؟
         ھەربىر نەتىجىسىز تەجرىبەم ئۈچۈن ئىشلەتكەن ماتېرىياللار نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ دوللارلىق قىممەتتە ئىدى. نەتىجىسىز بولۇۋەرسە كۈنىگە تۈمەنلەپ دوللارنى كۆيدۈرۈۋەتكەنگە باراۋەر بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭلا تەجرىبەمدە بولماستىن ھەممەيلەنمۇ شۇنداق تىتىلداپ نەتىجىسىز تەجرىبە قىلىۋاتاتتى.
         كەچلىرى تەجرىبىخانىدىن ھەممىدىن كېيىن قايتاتتىم. بۇ فرانسۇزلار ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل قاۋاقلارغا، ئىشرەتخانىلارغا ئالدىراشسا، مەن قىلىۋاتقان تەجرىبەمدىن نەتىجە يارىتىشىقا ئالدىراپ نەچچە سائەت ئارتۇق ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى ، تەجرىبىخانىدىن چىققىنىمدا بىنا ئىچى ، ھەتتا پۈتكۈل بلېز-پاسكال ئۇنىۋېرسىتېتى تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى . شۇ تاپتا ئاچارچىلىق قىينايتتى. يۇرتتىكى چاغدا بۇنداق چاغنى خوتۇن-بالىلىرىم بىلەن ئىللىق ئائىلەمدە ، بەزىدە دوستلار بىلەن بولغان يىغىلىشلاردا ئۆتكۈزۈپ غەمسىز يۈرەتتىم . « غەربتىن نوم ئېلىپ كېلىش » نىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، يالغۇزلۇققا چىداملىق بولۇشنىڭ قىيىنلىقىنى قەدەمدە بىر ھېس قىلاتتىم . بىنادىن چۈشۈپلا كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى . پاھ ، نېمە دېگەن چىرايلىق ئاخشام بۇ - ھە ! بەزى يازغۇچىلىرىمىز مىس لېگەنگە ئوخشىتىدىغان تولۇن ئاي بۈگۈن فرانسىيە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ . سەھرادا ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا كۆرگەن بۇنداق گۈزەل تولۇن ئاينى كۆرمىگىلى نى زامان - ھە ! ئۈرۈمچىدە بۇنداق گۈزەل تولۇن ئاينى كۆرۈش ئادەمگە دائىم نېسىپ بولۇۋەرمەيتتى . شۇ تاپتا بالىلىق چاغلىرىمدا كېچىلىرى سۇ تۇتۇۋاتقان دېھقان يىگىتلىرى  ئاينى تىلغا ئېلىپ ئېيتىدىغان ناخشىلارنى ئەسكە ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرەتتىم ، يىراقتا ، تولىمۇ يىراقتا قالغان سەھرايىمنى ، ئۈرۈمچىنى بۈگۈنكىدەك سېغىنمىغان بولسام كېرەك ، ئايغا تىكىلىپ كېتىۋاتاتتىم: « سۆيۈملۈك دىلبىرىم ، شۇ تاپتا مەن كۆرۈۋاتقان بۇ ئاينى سەن كۆرەلمەيسەن-دە ، چۈنكى ھازىر يۇرتىمىزدا تۈن نىسبىدىن ئېشىپ كەتتى ... »
       توساتتىن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بەرخۇت دەرىخىنىڭ يېنىغا بېرىش خىيالىمدىن كەچتى . تېخى بايىلا ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن شۈمشىيىپ كەتكەن بولسام ، مانا ھازىر روھلىنىپ كەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز كۈلبەمگە بارسام يېگۈدەك بىر نەرسە تېپىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . غايىبتىن تۆرەلگەن بىر خىل كۈچ مېنى ئۈچ تۈپ بەرخۇت دەرىخىنىڭ يېنىغا سۆرەپ كېتىۋاتاتتى .
         كۈن پېتىشقا نەچچە يۈز كلومېتر كېلىدىغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىزغىرىن شامىلى مەركىزىي فرانسىيىنىڭ بۇ خاتىرجەم دالاسىدىكى شەھەرنىڭ باھارنى كۈتۈۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك ، باش ئەتىيازنىڭ سوغۇقى ھېلىھەم تەننى شۈركەندۈرەتتى . ئايدىڭدا ئەتراپتىكى ياڭاقزارلىق تاغلاردىكى ياڭاق دەرەخلىرى رەسىملەردىكى مەنزىرىلەرنى ئەسلىتەتتى . قاياقلاردىندۇ ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ ، يۇرتۇمنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرىنى ئېسىمگە سالاتتى . 10 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك ، بىر كۈنى دادام بىلەن مەھەللىمىزدىن خېلى يىراق بىر تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى باردىم. يېرىم كۈن ئۆچىرەت ساقلىغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۈگۈتكە نۆۋەت كەلدى. ئۇننىمۇ تارتىپ بولدۇق ، تۈگمەنچىنىڭ ھەققىگە كېپىكىنى بېرىپ ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا ، دادامنىڭ باشقا ئىشى چىقىپ قالغاچقا، ئېشەكنى ماڭا يېتىلىتىپ مېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويدى. قاش قارايغان چاغدا يولغا چىقتىم. بىردە  سۇۋادان تېرەكلىك مەھىلىلەرگە ، بىردە دالاغا ، بىردە سايغا كېلىپ قالاتتىم. ماڭا بىردىنبىر ھەمراھ بولىدىغىنى خۇددى بۈگۈن كېچىدىكىدەك ئالەمنى يورۇتۇپ تۇرغان تولۇن ئاي ئىدى. سەل قورققان چاغلىرىمدا دائىم رادىئودىن ئاڭلايدىغان «كەمبەغەلنىڭ پەرزەنتى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ» دېگەندەك بىر نېمىلەرنى توۋلالپ-غىڭشىپ قوياتتىم. ئىككى قاسنىقى سۇۋادان تېرەكلىك كۆجۈم مەھەللىلەرگە كەلگەندە قايسى بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئوتۇن-پاخالنىڭ  تۈتۈنى بىلەن تەڭ ئاچقان قارنىم بۇرنىمغا ئاپام ئەتكەن قۇچقاچ تىلى ئاش ياكى يوبدانلارنى ئېسىمگە سالاتتى. ئاچلىق يامان-دە ، پاتراق ئۆيگە بارسام ، ئاپام ماڭا ئېلىپ قويغان يوبداننى ئىسسىتىپ بەرسە، بىر تويۇۋالسام ...
     قارنىمنىڭ ئاچقانلىقى ئېسىمگە كېلىۋېلىپ قىيناۋاتقان چاغدا ئەتراپى تىمتاسلىققا چۆمگەن بەرخۇت دەرىخى يېنىغا كېلىپ بولغان ئىدىم. پەقەت ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا بەرخۇت دەرەخلىرى يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بۇ يەرنىڭ تۈنى بەكلا جىمجىت ئىدى. ماڭا يەنە ئاشۇ 10 ياش چاغلىرىمدىكى تۈگمەندىن قايتقان ۋاقتلىرىمغا ( بالىنىڭ چوڭى بولغاچقا دائىم تۈگمەنگە بېرىش مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى )  ئوخشاش تولۇن ئاي ماڭا ھەمراھ ئىدى. ئادەم ئايغا قارىغاندا سېغىنىدىغان مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىپ يۇرتۇمدىكى تاتلىق-شېرىن ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولۇپ كەتتىم، ھەممىدىن يامان سېغىندۇرغىنى دىل ھوزۇرى دىلبىرىم ئىدى ...

نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 10:46:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فرانسىيەدە يېزىلىشقا باشلىغان بىر رومان ئىدى، ئەپسۇس ھىجران فرانسوۋا فرانسۇز تىلى دەرسى ئۆتۈپ پۇل تېپىپ قەرز تۆلەيمەن، بالىلارنى ئوقۇتىمەن، قېرىغان ئاتا-ئانامنى باقىمەن، دەپ بۇ روماننى داۋاملاشتۇرۇشنى تاشلاپ قويۇپ، ئاخىر مۇشۇنداق بىر ھېكايە بولۇپ قالدى!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 13:57:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2004-يىلى يازدا ھىجران فرانسوۋا ۋانتالوننىڭ قىزى سېسىننى، ئېرى پاتىغىس  بىلەن ئىككى ئوغۇللىرى لۇئى ۋە ژاننى  ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:00:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنى كۆرگەن ئېشەك خۇددى  سۈيدۈك پۇراپ تۇرۇۋالغاندەك، كاۋاپداننىڭ ئالدىغا كەلگەندە  پاتىغىسمۇ كاۋابداندىن پۇرقىراپ كۆتۈرۈلىۋاتقان ئىسنى پۇراپ تۇرۇۋالدى، ماۋۇ ئاداش نېمە قىلىۋاتىدۇ ھوي ھىجران فرانسوۋا، دېسەم، فرانسۇز تىلىدا گېپىمنى تەرجىمە قىلىپ بېرىپتىكەن، فرانسىيەدە ئەتىرنىڭ ئەڭ خۇشبۇيلىرى بارمىكىن، دېسەم، ئۈغۈمچىدە كاۋابقا سېپىدىغان ئەتىر ئۇنىڭدىنمۇ خۇشھىد ئىكەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:24:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Patric دېگەن ئىسىمنى ماۋۇ فرانسىيەلىكلەر پاتىغىس، ئۈرۈمچىنى ئۈغۈمچى، دەيدىكەن ئەمەسمۇ؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:42, Processed in 0.062998 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش