(ئا.م.ئەمىننىڭ "ھايات تەلقىنلىرى" دىن)
ئاپەتتۇر ئۆزگىنىڭ رىزقىنى يېمەك،
بىرىنىڭ بىرىدە قالماستۇر، دېمەك.
مەگەركىم جاھانغا خوجا بولساڭمۇ،
يېگىنىڭ ھالالمۇ؟ ئويلىشىڭ كېرەك.
خوجاڭغا كۈچۈكتەك ئەركىلەپ كەتمە،
ئۆزگىنىڭ باغىدا سەگىدەپ كەتمە.
ھەر لوقما يېگىنىڭ ئەجرىڭدىن بولسۇن،
ھارامغا دۈم چۈشۈپ پەتىلەپ كەتمە.
ياز كېتىپ پەسىلنىڭ كەلگەندە قىشى،
شۇ يازغا تارتىشىپ مۇڭلىنار كىشى.
كۈن-ئاينى ئۆتكۈزۈپ تەلپۈنۈش بىلەن،
قۇرۇيدۇ تۇيدۇرماي يۈرەك بېغىشى.
قۇلاق سال نېمە دەر ئەلنىڭ دانىشى،
ئەلنى دەپ ئۆتكەننىڭ ئاغرىماس بېشى.
تارىخنىڭ دارىغا ئېسىلغاي بىر كۈن،
ئەل-يۇرتنى قاقشىتىپ جان باققان كىشى.
ئەل كۆڭلى بىر دېڭىز، شاۋقۇنسىز دېمە،
نە قىلسام كۆتۈرەر ئۈن-تىنسىز دېمە.
پەقەتلا سەن ئۈچۈن تۇغۇلماس قۇياش،
ئۆمرۈڭنى ئۆتۈدۇ ھېچ تۈنسىز دېمە.
مەيلى قىل ئىلتىجا يا ئۈمىد گاھى،
ساڭىلا باقمايدۇ پەلەكنىڭ رايى.
ئۆتكۈنچى دەۋرگە بولساڭمۇ سانغۇن،
ۋە لېكىن قوۋمىڭغا بولمىغىن ئاسىي.
ھەركىمگە مۇقەددەس تۇغۇلغان ۋەتەن،
ۋەتەندىن ئايرىلساڭ كىيگىنىڭ كېپەن.
قۇي خۇشبۇي شارابىڭ ئىچەي بىر قەدەھ،
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا يانسۇن بۇ بەدەن.
بولسىمۇ بۇ جاھان سەيلىگاھ سىياق،
ئەمەستۇر ھېچ كىشى غۇسسىدىن يىراق.
بۇلبۇلمۇ سايراپلا ئۆتمەس جاھاندىن،
چۈشەنسەڭ ساڭىمۇ ھايات ئاشۇنداق.
ئۆزۈڭلا ئۆتەمسەن شاھانە ياشاپ،
بۇ ئانا تۇپراقنىڭ يىلىكىن شوراپ؟
يادىڭدا بولمىسا ئەل-يۇرتنىڭ غېمى،
قانچىلىك باي بولغىن ئۇ نۆلگە ھېساب.
قولنىڭمۇ پاكىزى سۇدىلا ئەمەس،
نى قول بار بىر ئۆمۈر ھارامدىن كەلمەس.
بېزىلەر قالسىمۇ سەكراتقا چۈشۈپ،
كۆڭلىدىن كەتمەيدۇ ھارامغا ھەۋەس.
ھەر جاننىڭ ئۆزگىچە بولىدۇ غېمى،
جاھاندىن كىم غەمسىز ئۆتۈپتۇ قېنى؟
غەم، شادلىق خاكىدىن يارالغان ئىنسان،
رىيازەت دەشتىدىن تاپار بەختىنى.
ئاۋامنىڭ دەردىگە بولغىن ھەمنەپەس،
نام-شۆھرەت تەختىگە قىلمىغىن ھەۋەس.
دۇنيانى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دېسەڭ،
سەن ئۇندا ياخشى قۇر قالدۇرغىن پەۋەس.
ئەقىلسىز دوستۇڭدىن دۈشمىنىڭ زېرەك،
ئۇ دائىم ئەقىلدىن بېرىدۇ دېرەك.
ئۆزۈڭگە كۆرۈنمەس ئاجىزلىقىڭنى،
كۆرسىتىپ بېرىدۇ بولۇپ بىر ئەينەك.
مېۋىسىز بولسىمۇ كېرەكتۇر تېرەك،
چۆلدىكى تاشنىمۇ دېمە بىكېرەك،
خەسنىڭمۇ قىممىتى گاھىدا ئالتۇن __
دەپ بىلەر يىراقنى كۆزلىگەن زېرەك.
ئېغىزدا نى ئۆتكەل، داۋاندىن ئاشتۇق،
مۈشكۈلگە دۇچ كەلسەك تايدۇق، ئاداشتۇق.
دەرىخا، پۇت-قولدىن كەتكەندە ماغدۇر،
پۇشايمان ئىلىكىدە ساقال سىيلاشتۇق.
دوستۇڭنى مۇھەببەت-نەپرەتتە سىنا،
مۇھىمى دەردۇ-غەم، كۈلپەتتە سىنا.
پۇل-مېلىڭ بارىدا «ۋاي» دېگەن دوستنى،
بېشىڭغا خەستەلىك يەتكەندە سىنا.
بىراۋغا يېلىنماي كۈچۈڭنى خار قىل،
ئۇ بىرلە بىر ئىشچان دىلبەرنى يار قىل.
مېھنەتكەش ئاتاڭنىڭ ئۈمىدى ھەم شۇ،
ھەر مەھەل تىرمىشىپ يوقۇڭنى بار قىل.
مەردلەرچە ئات سېلىپ قىلالىساڭ جەڭ،
ئېگەر باش مۈشكۈلمۇ بولسا ئىرادەڭ.
بۈگۈننى بوش قويما ئەتەڭنى كۈتۈپ،
ئېچىلسۇن پورەكلەپ خۇش پۇراق لالەڭ.
جان زاتى ئەزەلدىن ھاياتقا قانماس،
ئۆمۈرنىڭ چىرىغى قايتىلاپ يانماس.
مەيلى كىم تارتىشسۇن ھايات مېھرىگە،
سائىتى توشقاندا كەتمەكلىكى راست.
توپلىغان بىساتىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس،
قالىدۇ بىر كۈنى توختىسا نەپەس.
ھەققى بار تۇز بېرىپ ئۆستۈرگەن ئەلنىڭ،
بېخىللىق چۆلىگە قىلمىغىن ھەۋەس.
بەختلىك يارالغان ئىنسان مەن دېمە،
تەرىڭسىز شاخلاردا كۆرۈنمەس مېۋە.
تۇت ئەستە، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى،
تۇپراقتا مېھنەتسىز ئۈنمەس ھېچنېمە.
كەمسىتمە مەجرۇھنى ئۇ قۇچسا شەرەپ،
ئەل ئاڭا ياڭراتسا ئالقىش ھەسسىلەپ.
ئۆزۈڭچۇ، بېجىرىم-ساغلام تەن تۇرۇپ،
نەلەردە يۈرىسەن تېنەپ-تەمتىرەپ؟
غۇسسىدىن ئادەمنىڭ قاتقاندا بېشى،
خوپ بولۇر يېنىدا بولسا دىلكىشى.
ھال-مۇڭغا يارىماس ھەممىلا ئادەم،
تۆگىنىڭ مازاردا نە بولۇر ئىشى؟
نە ھاسىل گەر ئىنسان بولسا تىلەكسىز،
(تىلەكسىز ئىنسان ئۇ بولۇر كېرەكسىز).
كۆتۈرگىن قەددىڭنى تىلەكتىن يول ئاچ،
قاي قوغۇن ئوخشىغان تەرسىز-پېلەكسىز؟