كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 1

يۇرتىمىزدا زاھىر بولغان يېڭى مىڭ بىر كېچە ![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 22:48:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈسۈفجان قۇربېشى ئۆزبېكىستاننىڭ شەھرىخان دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى غەليانچىلاردىن ئىدى ( باسماچى) . 20-ئەسىرنىڭ 20~30 -يىللىرىدىكى چەتئەل تەپرىقىبازلىرى ئالىقىنىدا ئويناتقان كاشغەرگە يۈسۈفجان قۇربېشىمۇ ئۆزىنىڭ قوراللىق قىسمىنى باشلاپ نېسىۋە ئىزدەپ كەلگەن. 1933-يىل12-نويابىردا كاشغەردە " شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى " قۇرۇلغاندا ، كۆرۈنۈشتە گارنىزون قوماندانى ، ئەمما ئىچكى جەھەتتە " شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى " نىڭ باش قوماندانى بولغان يۈسۈفجان قۇربېشىنىڭ ئىختىيارىدا 3000 دىن ئارتۇق خىل قوراللانغان  ئۆزبېك قوشۇنى بار ئىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىلەردىن كونا ئەندجانلىق قۇدرەتۇللاھخان ( ئورۇنباسار باش قوماندان ) ، خانئابادلىق پولك باشلىقى موللا ئابدۇلرەھمان ، نەمانگانلىق پولك باشلىقى ئارىف ئىشان ، فەرغانەلىك پولك باشلىقى كەرىمخان ، تاشكەنتلىك ئەسقەرجان قاتارلىق كاتتىلار بار ئىدى . بۇ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا " شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" " مۇشۇ قوشۇننىڭ ھىمايىسىدە ئىدى . كېيىنكى چاغدا تۇنگانىي مىلىتارست ماجۇڭيىڭ بېسىپ كىرگەندە يۈسۈفجان قۇربېشىنىڭ بۇ ئاتالمىش خىل قوشۇنى جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقاننى ئاز دەپ كاشغەر يېڭىشەھەردە  مۇھاسىرىدە قالغان تۇنگانىي مىلىتارست ما جۇڭيىڭ قوشۇنىغا ئاشلىق قاتارلىق ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ . سەل كېيىنرەك چەت ئەلگە قېچىش ئۈچۈن تاشقورغان يولىغا كىرگەندە تاجىك پولك باشلىقى زەمىر ئۆتكۈزمەيدۇ . يۈسۈفجان قۇربېشى كاشغەرگە قايتىپ كەلگەندە يېڭى ھۆكۈمەت بۇ خىللانغان قىسىمنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ ، يۈسۈفجان قۇربېشىغا " سەن ئەسكەرلىرىڭنى باشلاپ مارالباشىدىكى رۇس پولكوۋنىك چېرنىيوفنىڭ ئىختىيارىدا بولىسەن " دەپ بۇيرۇيدۇ . يۈسۈفجان قۇربېشى مارالباشىغا ئاز قالغاندا بۇ بۇيرۇق كاللىسىدىن ئۆتمەي مارالباشىغا بېرىشتىن باش تارتىدۇ ھەم ئابدۇلرەھمان ، مۆمىن قۇربېشى قاتارلىق 22 ئادەم بىلەن قېچىپ كېتىدۇ . يۈسۈفجان قۇربېشى سېرىقبۇياغا بارغاندا رۇس چېرنىيوف ئەسكەرلىرى قوغلاپ كېلىدۇ ، يۈسۈفجان ئوغلى بىلەن ئىككى مۇھاپىزەتچىسىنى ئېلىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ ، مەكىتنىڭ چوڭقۇرچاق دېگەن يېرىدىكى كونا تونۇشى بولغان بىر ئۆزبېك ئىشاننىڭ پاناھىدا ، ئىككى مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ھېماتىدا پىنھانغا ئۆتۈدۇ . بىر كۈنلەردە يۈسۈفجاننىڭ نۇرغۇن ئالتۇن بىلەن يۈرگەنلىكىنى سەزگەن ئىشان ئۇنىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچىسىنى سېتىۋېلىپ شۇلار ئارقىلىق يۈسۈفجان قۇربېشى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . ئاندىن بۇ خۇمسى ئىشان ئۆزىنىڭ سوپىسىنى ئىشقا سېلىپ بۇ ئىككى مۇھاپىزەتچىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . ئاقىۋەتتە بۇ خۇمسى ئىشان ئۆزىنىڭ سوپىسى بىلەن ئالتۇنلارنى جايىدا بۆلۈشەلمەي بىر - بىرىنى جاللات شېڭ شىسەينىڭ ساقچىسىغا چاقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئالتۇن ساقچىدا قېلىپ ، ئىشان بىلەن سوپى قاتىللىق ، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ساقچىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ !
مەنبە: شېرىف نىياز خۇشتار !



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 10:41:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش بەدىلىگە نېسىۋە ئىزدەپ كەلگەن بۇ كەلگىندى مىلىتارىستنىڭ مۇدھىش تەقدىرى ئادەمنى كۈلدۈرۈۋېتىدىكەن، نېمە دېگەن بىچارە-ھە!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:09, Processed in 0.053168 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش