كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 5

ناتسىستلار قالقىنى __ شەرق كورپۇسىنىڭ سىرى ![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 22:23:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققىنىغا 65 يىل تولدى. نورماندىدا قۇرۇقللۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى چاغدا ساھىلدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن تىركەشكەن تۇنجى تۈركۈم گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقلىق ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشقانلىقلىرىنى ئەسلەشتى . بۇ ئىش تارىخشۇناسلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ئارمىيەسىدە شەرق ئەسكەرلىرىدىن تۈزۈلگەن قىسىملارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى بىر سىر ئىدى . شۇڭا تارىخشۇناسلار ئەينى چاغدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زور بىر تۈركۈم شەرق مىللەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن «شەرق قىسمى» نى نورماندىيە ئالدىنقى سېپىگە سەپلىگەنلىكىنى بايقىدى . ئەپسۇس، ناتسىست گېرمانىيەسى ئارمىيەسى ئۆزلىرىگە قالقان قىلغان «شەرق باتاليونى» بولسۇن ياكى «ھىندىستان كورپۇسى» بولسۇن ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
     ناتسىست گېرمانىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، ناتسىست گېرمانىيەسى ئارمىيەسى زور تۈركۈمدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالدى . دەسلەپتە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقنىڭ بۇ «پەس مىللەتلىرى» دىن تەشكىللەنگەن ئەسىرلەرنى گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىشتاتىغا كىرگۈزۈش پىلانى يوق ئىدى . ئەمما ، 1941-يىلى قىشتا گېرمانىيە ئارمىيەسى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق يېڭىلىپ ، ناتسىستلارنىڭ «چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قىلىش» شېرىن چۈشىنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن 3-ئىمپېرىيىنىڭ «شەرق سىياسىتى» دىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. 1942-يىل 1-ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پىدائىي ئەسكەر قوبۇل قىلىپ «شەرق كورپۇسى» تەشكىللەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ پىلان گىتلېرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى . ئۇزاق ئۆتمەي زور تۈركۈمدىكى «شەرق قىسمى» ئارقا-ئارقىدىن تەشكىللەندى ، بۇ «شەرق قىسمى» 11 باتاليوندىن تۈزۈلگەن«ئەرمەن كورپۇسى» ، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان كورپۇسى»، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «گرۇزىن كورپۇسى»، 5 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى كورپۇسى » ( ئەزەربەيجان ، چېچىن قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان )، 34 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «تۈركىستان كورپۇسى» (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىل قىلىنغان )، 8 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ۋولگا تاتارلىرى كورپۇسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالدى . 1942-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ جەنۇب ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئېلىستاغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى قالماق موڭغۇللىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ، 3000 قالماقنى گېرمانىيە ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلدى .
     ئەمما گېرمانىيە ئارمىيەسى بۇ «شەرق كورپۇسى» دىن تازا خاتىرجەم بولالماي، ئۇرۇش مەيدانىدا ئارقىغا بۇرۇلۇپ قورالنى ئۆزلىرىگە تەڭلىشىدىن ئەنسىرىدى . شۇڭا شەرقلىق ئەسكەرلەرنى باتاليوننى بىرلىك قىلىپ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقاقلاشتۇردى . گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ قىسىم «شەرق باتاليونى» دەپ ئاتالدى . 1943-يىلىغا كەلگەندە، گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى 98 شەرق باتاليونىنىڭ 80 باتاليونى شەرقىي سەپ ۋە بالقان ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، كېيىنچە بۇنىڭ ئىچىدىن 12 باتاليون فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيىگە ئەۋەتىلىپ ، ئىتتىپاقداش ئائارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئېھتىمالىغا تەييارلىق كۆرۈلدى . بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 162-پىيادىلەر دېۋىزىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسىدە «تۈركىستان دېۋىزىيەسى» دەپ ئاتالدى، بۇ دېۋىزىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن «تۈركىستان كورپۇسى» دىن تاللانغان ئىدى . 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ «سىگنال» ژۇرنىلىدا بېسىلغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا، بۇ قىسىمدا سېرىق تەنلىكلەر ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن . ئەمما 162-پىيادىلەر دېۋىزىيەسى يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلغاچقا ، فىرانسىيەگە ئەۋەتىلمىگەن.
     ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1944-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن بۇرۇن ، دېڭىز قىرغىقىدا مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 243-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيەسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيىسىدە بىرقانچە «شەرق باتاليونى» سەپلەنگەن . 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيەسىدىكى 739-گراناتچىلار پولكىدا 2 «شەرق باتاليونى» بولغان ، باشقا 2 «شەرق باتاليونى» غا دىۋىزىيون ۋىللىئام ۋون شرىبون بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان. ئەينى چاغدا گېرمانىيە نورماندى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان قىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى «خىل» قوشۇن ئەمەس ئىدى ، غەربىي سەپتە بارماقتا سانىغىدەك ئۇرۇش بولمىغانلىقتىن ، 243-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيەسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيەسىنىڭ خىللانغان قىسمى دائىم شەرقىي سەپكە ئېلىپ كېتىلەتتى . ئىتتىپاقداش ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن سەل بۇرۇن 739-گراناتچىلار پولكىنىڭ 1-باتاليونى شەرقىي سەپكە يۆتكەپ كېتىلگەن ، نورماندىدا بولسا پەقەت ئىككىلا «شەرق باتاليونى» قالدۇرۇلغان . ۋاقتىنچە «شەرق باتاليونى » نىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش قىيىن، ئەمما روشەنكى، «شەرق باتاليونى» نىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بەكلا تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «شەرق باتاليونى» قىرغاق مۇداپىئەسىدە بىرنەچچە ئايدىن بېرى ئاكوپ-ئىستېھكام قۇرۇلۇشى بىلەن چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكتىن جىسمانىي كۈچى خوراپ بولغان ئىدى.
ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس سىتىۋېن ئامبروسنىڭ « د كۈن » دېگەن ئەسىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە ، تۇنجى بولۇپ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 2 ئەسكەر كورىئان (چاۋشيەن) مىللىتىدىن بولغان گېرمانىيە ئەسكىرى ئىكەن . ئارقىدىنلا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە كورىئان مىللىتىدىن بولغان ئەسكەر 20 دىن ئاشقان ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇلارنى سوراق قىلغان ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسكەرلەر ئەسلىدە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 1939-يىلى پارتلىغان نومىنخان ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغان ياپونىيە ئارمىيەسىدىكى كورىئان (چاۋشيەنلىكلەر) بولۇپ ، كېيىن ياپونىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپون ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ كورىئانلاردىن بولغان بۇ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قالغان ، چۈنكى سوۋېت ئارمىيەسى بۇ كورىئانلارنى «ئەسىر» دەپ قارىمىغان ، بەلكى ئۇلارنى ياپون جاھانگىرلىكى مۇستەملىكىسىدىكى ئېزىلگەن خەلق پەرزەنتى ، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى تەركىبىگە قوشۇۋالغان . 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر چوڭ قىسىم بىلەن بىللە ئالدىنقى سەپكە بارغان ، ئەمما دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى مەغلۇپ بولغانلىقتىن ، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ باشقا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن . كېيىن بۇ كورىئان ئەسكەرلەر گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ «شەرق باتاليونى» تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن .
    ئەبجەش قىسىم بولغان «شەرق باتاليونى» ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق ، ھاۋادىن قىلغان ستېرېئولۇق ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي تەسلىم بولغان . 709-قىرغاق مۇداپىئە دېۋىزىيەسىنىڭ جەڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، دەسلەپكى 10 كۈندە مەزكۇر دىۋىزىيەنىڭ ئۆلگەن ، يارىلانغان ئەسكىرى 4000 غا يەتكەن ، «شەرق باتاليونى» نىڭ قالدۇقلىرى چېكىنگەن . 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋىللىئام ۋون شرىبون «شەرق باتاليونى» نىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 9-پىيادىلەر دېۋىزىيەسىگە تەسلىم بولغان . تەركىبىدە «شەرق باتاليونى» بولغان 243-قىرغاق دېۋىزىيىسىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇپ ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا نورماندى رايونىنىڭ كرانتان يېرىم ئارىلىدىكى جەڭدە قىرىپ تاشلانغان .
    نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا «ئەجدىھاغا مىنگەن ئەسكەرلەر ھەرىكىتى» ناملىق ھۇجۇم قوزغىغان، بۇ قېتىم ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئالدىغا چىققىنى «ھىندىستان كورپۇسى» ئىدى ، «ھىندىستان كورپۇسى» گېرمانىيە ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئەنگىلىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ھىندىستانلىق ئوفىتسېر-جەڭچىلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1943-يىلى فىرانسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغاق مۇداپىئەسىگە مەسئۇل قىلىنغان . گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مارشالى ئېلۋىن روممېل بۇ قىسىمغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ، كۆپ قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆزدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ ھىندىستانلىقلارغا ئانچە ئىشەنمەي ، «شەرق باتاليونى»غا قىلغان مۇئامىلىنى قىلغان ھەمدە «ھىندىستان كورپۇسى»نىمۇ باتاليوننى بىرلىك قىلىپ تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن، مارشال روممېلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى»نىڭ ئاساسلىق كۈچى فىرانسىيەنىڭ بىسكاي قولتۇقىدىكى بوغدو رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان چاغدا، «ھىندىستان كورپۇسى» بوغدونىڭ لاكانو رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى.
    1944-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا كەلگەندە ، «ھىندىستان كورپۇسى» لاكانودىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا فىرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان، «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ قوماندانى ئەلىخان ئوق تېگىپ ئۆلگەن ، بۇ «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق چىقىم تارتىشى ئىدى ، ئىزچىل چېكىنىۋاتقان «ھىندىستان كورپۇسى» ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ برونېۋىك قىسىمىغا ئۇچراپ قېلىپ تېخىمۇ كۆپ چىقىم تارتقان ، بىر تەرەپتىن فىرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ زەربىسى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى» ھالىدىن كەتكەن . 1944-يىلى قىشتا ، «ھىندىستان كورپۇسى»  فىرانسىيەنىڭ ئالساس رايونى ئارقىلىق گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە چېكىنگەن . 1946-يىل 5-ئايدا ، گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا ، «ھىندىستان كورپۇسى» شۋېتسارىيەگە قېچىشقا ئۇرۇنغاندا ، ئامېرىكا-فىرانسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ ، قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان . مارشال روممېل چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى « 0  » بولغان ، ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «ھىندىستان كورپۇسى» نى مازاق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ئىستىھكامنى تاشلاپ قېچىشتىنلا ئىبارەت ، دېگەن، ھەتتا گىتلېرمۇ « ‹ھىندىستان كورپۇسى› بىر چاقچاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
    2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى بۇ ئەبجەش قىسىمنىڭ تەقدىرى خىلمۇ خىل بولغان ، «ھىندىستان كورپۇسى» ھىندىستانغا ئېلىپ كېتىلىپ سوتلانغان ، ئەمما «شەرق باتاليونى» نىڭ باشقا قىسىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، تۈرمىلەردە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلغان.

(تەرجىمان : ئەركمان)

نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 17:43:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرق كورپۇسى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىرەر فىلىم بارمىدۇ؟ ياپونلارنىڭ كورېيە كورپۇسى ھەققىدە ھىندونېزىيە، فىلىپپىنلار فىلىملەرنى ئىشلىگەن ئىكەن، مېنىڭچە ھوللىيۋودنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىگەن فىلىملىرى بولۇشى مۇمكىن!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
راخمان مامۇت
تىللا
147
تۆھپە
58
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:35:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرق باتالىيونىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان قىسىملارنىڭ تەقدىرى ئېچىنىشلىق بولغان ئىكەن.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:00:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىچىكىنە دۆلەت ئىككى قىتىم دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىدى دىسە ... ئۇلارنىڭ ئادەملىرى شۇنداق كۆپمىدۇ ...


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
111
تۆھپە
72
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 09:59:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتسىست گېرمانىيەسى ئارمىيەسى دېگەن نېمە گەپ بۇ؟ نېمانداق تېتقسىز ئېلىندى بۇ گەپ؟!  يا پەرۋەردىگار....‹.گېرمانىيە ئارمىيەسى›› دەپ ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،بەرىبىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گېپىنى بايان قىلىۋاتقانكىن، ھەي  گەپنى لوسولاشتۇرۇپ!!!!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
111
تۆھپە
72
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:05:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيەنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 80مىليون ئۆپچۆرىسىدە .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:41, Processed in 0.058386 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش