مىللەت ھەققىدە
تېيىپجان ئېلىيوف
سۆيىمەن دەيدۇ ھەر كىم مىللىتىنى،
مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى.
سۆيۈشنىڭ راست-يالغىنى شۇندىن ئايان:
يــــەمدۇ-يوق مىللىتىنىڭ قايغۇسىنى.
تىللىساڭ ھامان باشقا مىللەتنى سەن،
بولامسەن مىللىتىڭنىڭ قەھرىمانى !؟
مىللەتكە باشلاپ كېلەر يېتىمچىلىك ،
مىللەتنىڭ بۇنداق نادان مېھرىبانى .
ئۇ مىللەت پۈتۈنلەيلا داشقال بولۇپ،
بۇ مىللەت كەم-كۈتىسىز ئالتۇن ئەمەس.
ئۇ مىللەت پەگادىكى پالاس بولۇپ ،
بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.
مېغىزى-شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ،
ئەي ئەقىل، شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.
بېيىيدۇ مىلـــلەتنىڭمۇ پـــەزىلىــىــــتى،
چۈشــــەنســـە ئۆزىدىكى ئىـــلـــلەتنىمۇ .
1981-يىل، يانۋار
(مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «باھار ئىلھامى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلى بۇراۋىدىن (بۈركۈت) تەۋسىيەسى )