تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 8079|ئىنكاس: 45

7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى›› ھۇزۇرۇڭلاردا (فىلىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

41

تېما

14

ئەگەشكۈچى

980

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 11:11:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دا گېرمانىيە پەيلاسوپى فرېدرىخ نىچشىنىڭ ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ›› ناملىق مەشھۇر ئەسىرى مۇھاكىمە قىلىندى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق ئىلىمخۇمار دوستلار، ‹‹ئىلىم چېيى›› ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇن مەدەنىيىتى، شۇنداقلا نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە 2013-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يەتتە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا جەمئىيەتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار، كىتابخۇمار، ئىلىمخۇمار دوستلار، نەشرىياتچىلار، ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئاكتىپ ئىنكاسلىرىغا مۇيەسسەر بولدى. بىز تەڭرىتاغ مۇنبىرى ۋە ‹‹ئىلىم چېيى››غا ۋاكالىتەن بۇ يېڭى ھادىسىگە ئاكتىپ ئىنكاسلارنى بەرگەن، يېقىندىن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلار سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز .
    ‹‹ئىلىم چېيى›› داڭلىق ناتىق، جەمئىيەتشۇناس، ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ‹‹ئىلىم چېيى›› دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى، ئوقۇشسىز  قېلىۋاتقان تەتقىقات ئەسەرلىرىنى، پەلسەپەۋى ئەسەرلەنى مۇھاكىمە قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئەستايىدىل ئوقۇرمەننىڭ سانىنى كۆپەيتىش، يەنە ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش، ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئاكتىپ كەيپىيات يارىتىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.
     فرېدرىخ نىچشى گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ، كىلاسسىك شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹تىراگېدىيەنىڭ تۇغۇلۇشى››، ‹‹زامانغا ماس كەلمەيدىغان مۇلاھىزىلەر››، ‹‹ئادىمىيلىك، زىيادە ئادىمىيلىك ـــ ئەركىن روھقا ئاتالغان كىتاب››، ‹‹مالىماتاڭ پىكىر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر››، ‹‹سەيياھ ۋە ئۇنىڭ سايىسى››، ‹‹شادىمان ئىلىم››، ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ››، ‹‹ياخشىلىق ۋە رەزىللىكنىڭ ئارىلىقىدا››، ‹‹ئەخلاق شەجەرىسى››، ‹‹قاراڭلار، بۇ ئادەمگە››، ‹‹ھوقۇق ئىرادىسى ـــ بارلىق قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاشقا ئۇرۇنۇش›› قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار.
     7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دا، فرېدرىخ نىچشىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغا مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ›› ناملىق ئەسەر مۇھاكىمە قىلىندى. سۆھبەتداشلار ئەسەر توغرىسىدا ھەر خىل نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى، ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرى ياكى كۆزقاراشلىرى مەيلى بەلگىلىك چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغان بولسۇن، مەيلى ئاددىي ھالدىكى چۈشەنچىلەر بولسۇن، يەنىلا ئاشۇ ئەسەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ، كىتابقا، ئىلمىي ئەسەرلەرگە بولغان قىممەتلىك روھىنىڭ ناماياندىسى.
    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بۇ قېتىم ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ 7-سانىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى. سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئورۇننىڭ شارائىتى، شۇنداقلا سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بىرقەدەر جىددىي بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    ئۇنداقتا، 7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دىكى ‹‹زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ›› ناملىق كىتاب ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن!

     

    7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››غا قاتناشقان سۆھبەتداشلار ئىسىملىكى
    1. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ـــ داڭلىق ناتىق، جەمئىيەتشۇناس، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ يىگىت بېشى. ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى
    2. ئەركىن ئىبراھىم پەيدا ـــ شائىر، شىنجاڭ ‹‹ئۆگەن›› كىتاب تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى
    3. كۈرەش بارات ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹بىر كىتاب ـــ بىر ئالەم›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى
    4. كۈرەش ھاشىم ـــ مۇدىر ئادۋوكات، شىنجاڭ ‹‹راۋان›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى
    5. ئىلھام تاھىر ـــ يازغۇچى، شىنجاڭ سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى
    6. مەمەتجان ئابدۇكېرىم ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى
    7. ئابلىمىت ئابدۇللا ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مۇنبەت تۇپراق›› پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى
    8. قەيسەر ئابلەت ـــ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ مۇھەررىرى
    9. توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي ـــ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇھەررىرى، مۇخبىر، رىياسەتچى، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ رىياسەتچىسى
    10. ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ـــ ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى
    11. ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن ـــ ئۈرۈمچى ‹‹توغرۇلتېكىن›› كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
    12. نۇرمۇھەممەد رېشىت ـــ قاراماي ‹‹خۇاتو›› ئالتۇن كېنىنىڭ گېئولوگىيە ئىنژېنېرى (قارامايدىن ئالاھىدە كەلگەن)
    13. كامال ئابدۇرېشىت ـــ ئۈرۈمچى يۈكسىلىش كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى
    14. بەختىگۈل ئىمام ـــ  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
    15. ئەختەرقىز ـــ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى
    16. ياسىنجان ئابدۇۋەلى ـــ ياش يازغۇچى (كورلىدىن ئالاھىدە كەلگەن)
    17. ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر ـــ شائىر، يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى
    18. ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر ـــ شىۋېيتسىيە ئاتلاس كوپكو سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ تېخنىك ئىنژېنېرى
    19. ئابدۇغوپۇر ئابدۇراخمان ـــ ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ كاتىپى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىن
    20. مەمەتجان ئابدۇۋەلى ـــ شىنجاڭ ئىلىم-پەن، ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى

    7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دىكى بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلەر
     
سۆھبەت سورۇنى



داڭلىق ناتىق، جەمئىيەتشۇناس، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ يىگىت بېشى. ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش



مۇدىر ئادۋوكات، شىنجاڭ ‹‹راۋان›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى كۈرەش ھاشىم



يازغۇچى، شىنجاڭ سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىلھام تاھىر



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹بىر كىتاب ـــ بىر ئالەم›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇكېرىم



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مۇنبەت تۇپراق›› پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئابلىمىت ئابدۇللا



قاراماي ‹‹خۇاتو›› ئالتۇن كېنىنىڭ گېئولوگىيە ئىنژېنېرى (قارامايدىن ئالاھىدە كەلگەن) نۇرمۇھەممەد رېشىت



شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ مۇھەررىرى قەيسەر ئابلەت  



تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۇھەررىرى، مۇخبىر، رىياسەتچى، ‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل



‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر



ئۈرۈمچى ‹‹توغرۇلتېكىن›› كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن



ئۈرۈمچى يۈكسىلىش كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى كامال ئابدۇرېشىت



ياش يازغۇچى ياسىنجان ئابدۇۋەلى



شىنجاڭ ئىلىم-پەن، ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇۋەلى



‹‹ئىلىم چېيى››نىڭ كاتىپى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدىن ئابدۇغوپۇر ئابدۇراخمان



شائىر، يېتىلىۋاتقان رىياسەتچى ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر



شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرلىرىدىن ئەختەرقىز (سولدا)، بەختىگۈل ئىمام (ئوتتۇرىدا)، ئابدۇغېنى توختى توغرۇلتېكىن














                                                  

   


   

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

81

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
67
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 15:17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل ئىش بوپتۇ، نىدايى. بولسا بۇ تېما باشقا مۇنبەرلەردىمۇ ئۇلاپ تارقىتلسا.

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
407
مۇنبەر پۇلى
401
ئىشەنىچ
407
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:05:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇيۇندىم .ئىلىم چاينىڭ سۇھبىتىدىن بىلىملىك ،پىكىر ئىدىيەسى ئۇچۇق ،كۇرۇرمەنلەرنى مۇستەقىل پىكىر يۇلى باشلايدىغان ياخشى پىلىم بولۇپتۇ.بوسا بىرقىسىم دىنى ئالىملارنى ئىلم-پەن ،دىن -پەن قارىشى تۇخرىسىدا پىكىر ئۇرۇللاس تۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىدىكى دىننى كىتاپ ئوقۇپلا ،ئىلم-پەن كىتاپ ئوقۇمايدىغان خايىشقا تەڭقىت بەرگىدەك سوھبەر ئۇرۇللاشتۇرسا

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:37:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيىتىمىز مانا مۇشۇنداق ئىلمىي يىغىلىشلارغا مۇھتاج....ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر! ئىزلىرىڭلاردىن گۈل ئۈنگەي....

79

تېما

18

ئەگەشكۈچى

2606

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
696
مۇنبەر پۇلى
1364
ئىشەنىچ
696
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:59:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل،ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ مىنىڭمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى بۇ ئىلىم چىيىغا ئارلىق يىراق ھەم بەك ئالدىراش بوپ قىلىپ قاتنىشالمىدىم ، ئەسقەرجان ئەلسۆيەر قاتارتلىق دوستلارغا ئاپىرىن،ئاللاھ مەدەت بەرسۇن ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمىسۇن،يەنە بىر قىتىم خەۋەر تاپالىسام ئاللاھ خالىسا چوقۇم قاتنىشىپ دوستلار بىلەن دىدارلىشارمەن،سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

36

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
24
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 10:57:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم چېيىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ياش مۇتەپپەككۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرىۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىدىكى مەزمۇنلار سەۋەبچى بولدى. بۇ كىتابتا نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە - كۆز قاراشلار بار. تورداشلارنىڭ «ئۆزلۈك گىرىۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىم مۇھاكىمە قىلىنغان «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق كىتابمۇ بىر مەشھۇر ئەسەر، بۇ كىتاب ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى ۋە كىتابنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تورداش دوستلارنىڭ تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دوستلارغا «ئىلىم چېيى» مىزنىڭ ئىلىم ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، سورۇن مەدەنىيىتىمىزنى ئىلغارلاشتۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە ئاكىتىپ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

36

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
24
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 10:59:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم چېيىمىز ھەققىدە ئىشلەنگەن «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پىروگراممىسى پات ئارىدا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسدا كۆرسىتىلىدۇ. تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

36

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
24
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 11:07:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىملىق ئىلىم چېينى سۈرەتكە ئېلىشنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇھەررىرى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي، ئىلھامجان قاتارلىق دوستلار ئۈستىگە ئالدى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قۇربانجان يونۇس ئاكىمىز ئىلىم چېيىمىزنى ئالاھىدە قوللىدى. بىز ئۇلارغىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. يىراقنى كۆرەر، ئىلىمپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت - ساپاسى تېز سۈرئەتتە ئاشقۇسى. جەمئىيىتىمىزدىكى داستخان مائارىپى، سورۇن مائارىپى قاتارلىق مائارىپ شەكىللىرى مەكتەپ مائارىپىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغۇسى.
ياش مۇتەپپەككۇر، جەمئىيەتشۇناس زۇلپىقار ئۆز باش ئەپەندىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئاستىدائۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭىلىقلار تېخىمۇ كۆپەيگۈسى، خاسىيەتلىك ئىشلار ئارقا ئارقىدىن بارلىققا كەلگۈسى.
يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەيلاسوپ، مۇتەپپەككۇرلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشتەك ئەپسۇسلۇق رېئاللىق ئۆزگەرگۈسى، مىللىتىمىز تارىختىكى سەلتەنىتىنى قايتا جۇلالاندۇرغۇسى.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:12:26
كەڭ ئىلىم سۈيەر قېرىنداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىلىم چېيى يوقلۇقتىن بارلىققا  كىلىپ،بارغانسىرى تەرەققى قىلۋاتىدۇ،جەمىيەتتە تەسىرىمۇ ياخشى بۇلۋاتىدۇ،ئىلىم چېيىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا چىن يۈرىكىمدىن تىلەكداشمەن ۋە كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ھەمنەپەس بولىمەن،شۇنداقلا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقان دوستلارغا ياخشى تىلكلەرنى بىلدۈرىمەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

30

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
20
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 15:17:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قانداقلا نوقتىدىن ئويلىمايلى ئىلىمگە ئىنتىلمەيدىغان كىشى يوق، ئىلىم چىيىمۇ دەل شۇ «ئىلىم»نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى ۋە جىسمىنى تاپقان چاي بولدى. بۇ تەرەلەردىن قارىغاندا ئىلىمگە تەشنا قەلىبلەر قاندۇرۇلسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەققىقى ئىلىمنىڭ خەلىققە يەتكۈزۈلىشى ۋە سورۇن مەدەنىيىتىمىزدىكى ئىلغارلىقلارنىڭ تارقىلىپ ناچار تەرەپلەرنىڭ ئسلاھ قىلىنىشىدۇر. ئىلىم چىيى داۋاملاشسۇنكى، ساقتا ئىلىم ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ، ئىسراپچىلىقنىڭ، بىرلىككە كەلمەسلىكنىڭ،زىيادە خۇدۈكسىرەپ ھە دېسىلا قۇسۇر ئىزدىگۈچىلەرنىڭ جەڭگاھىغا، چىن مەنىدىكى ئىلىم ئىزدىگۈچىلەرنىڭ جەننىتىگە ئايلانسۇن.
   كۈچىمىزنىڭ يەتكۈنىچە قوللاش ، مۇمكىن بولسا قاتنىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ھەر تەرەپلەردىكى بىلىملىرىمىزنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، كەم تەرەپلەر بولسا تولۇقلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە سۆيۈنگۈدەك كەيپىيات ھاسىل قىلىش بەكمۇ شىرىن ئىشتۇر.  ھەرقانداق ئىلىم سورۇنى  ئىلىمگە ئىنتىلگۈچىلەرنى ھەرگىز چەتكە قاقمايدۇ. ئەمما ئۆز ئىلمىنىڭ «زاكىتى» نى ئايرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەشنى كەسىپ قىلغۇچىلاردىن ئەبەدىي  ھەزەر ئەيلەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-3 23:30, Processed in 0.119956 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش