تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: نىدائىي

7-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى›› ھۇزۇرۇڭلاردا (فىلىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

41

تېما

14

ئەگەشكۈچى

980

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:57:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ_F8CEB3 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 01:54
پەلىسەپە پىنىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار قاتناشم ...

پەلسەپە پېنىنى مۇخبىر، رىياسەتچىلەر، ئەدەبىياتچىلار مۇھاكىمە قىلسا بولمامدىكەن؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىش شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىمىكەن؟ قايسى قانۇن-مىزاندا پەلسەپە ئەسەرلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى مۇخبىر، رىياسەتچىلەر، ئەدەبىياتچىلار ئوقۇسا، مۇھاكىمە قىلسا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمە باركەن؟ شۇڭا سىز گەپ قىلغاندا ئاۋۋال ئويلىشىپ قىلغايسىز؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

41

تېما

14

ئەگەشكۈچى

980

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:58:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 20:15
ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ قاتناشقان بولسا بەك ياخشى بولا ...


شۇنداق ئۇ ئىككىسى ئاكا-ئۇكا.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

41

تېما

14

ئەگەشكۈچى

980

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 13:01:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 20:28
ئۇستاز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ پىكىر قۇۋۋىتىگە ۋە نا ...

رەھمەت سىزگە، بىز چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىمىز.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

6

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2478

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1208
مۇنبەر پۇلى
1052
ئىشەنىچ
1208
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:38:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  زامانىمىزدىكى ھەر خىل قاتار چايلارنىڭ ئورنىنى مۇشۇنداق ئىلىم چېيى ئالغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

43

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
29
مۇنبەر پۇلى
19
ئىشەنىچ
29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 19:19:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى پائالىيەت بوپتۇ .

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
407
مۇنبەر پۇلى
401
ئىشەنىچ
407
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 12:58:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم -مەرىپەن چېيىنى كۇرۇپ خىلى زۇر بىلىم ئالدىم خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پالىيەتنىڭ كۇپپرەك ئىلىپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز،بوسا 35-49-يىللاارغا ئاساسەن تارىخنى جەمىيەتنى تەھلىل قىلىپ كۇرسەك.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

59

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
45
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 19:32:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ

10

تېما

22

ئەگەشكۈچى

4940

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2732
مۇنبەر پۇلى
2352
ئىشەنىچ
2732
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 03:04:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم چېيى ھەممىلا جايدا قاينىغۇسى ، قويۇلغۇسى ... قېرىنداشلار ئىسراپ قىلماي مەنىۋىيىتىنى قۇۋۋەتلىگۈسى ...

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

434

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
54
مۇنبەر پۇلى
356
ئىشەنىچ
54
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 14:06:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىلمىي يىغىلىشتىن تولىمۇ سۆيۈندۈم شۇنداقلا زۇلپىقار بارات ئەپەندىنىڭ نۇرغۇن ماقالىلىرىنى ۋە كىتابىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىمدىن ، ئۇنى بۇ يىغىلىشتا كۆرۈپ  قاتتىق ھاياجانلاندىم . تەشەككۇر !   مەن « ئۆزۈمنى چاغلىمىغان » ھالدا بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىمەكچىمەن ، ئۇقۇشماستىن جۆيلۈپ سالسام كەچۈرىۋىتىشىڭلارنى سورايمەن .
ئالدى بىلەن باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ، « زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولمىش نىچشېنىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىگە بولغان بايانىغا قاراپ باقايلى . نىچشې ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىپ تاماملىغان كىتابى « قاراڭلار بۇ ئادەمگە » ( نىچشې بۇ ئەسىرىنى تاماملاپ بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالىدۇ )  دە ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ . ئۇ مۇشۇ « قاراڭلار بۇ ئادەمگە » دېگەن  كىتابىنىڭ « زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ » دېگەن بابىدا ، مەزكۇر ئەسىرىنى «بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ، ئەمما ھېچكىم ئوقۇيالمايدىغان كىتاب » دەپ ئاتايدۇ ، ئارقىدىنلا ئۇ بۇ كىتابنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولسا « مەڭگۈلۈك قايتىلىنىش ئىدىيىسى » دىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن ، ئاندىن «  قاتتىق بازغان ، يەنى راۋۇرۇس كەسكىنلىك بىلەن ھەممىنى كۇمپەي-كۇم قىلىشنىڭ ئوتتەك ئارزۇسى بولسا مەي ئىلاھى دېيونايسوسنىڭ بۇرچىنى ئورۇنداشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى . بۇيرۇق : مۇستەھكەم بول  ! بارلىق قىممەت ياراتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇستەھكەم بولىدۇ ، بۇ خىل ئەقەللىي ئەقىدىنىڭ ئۆزى دېيونايسوسنىڭ ئەسلى ماھىيىتى » دېگەن مۇنۇ بايانلار بىلەن بۇ بابنى ئاخىرلاشتۇرغان . دېمەك ، « زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ » دە ئىپادە قىلغان كۆڭۈلدىكىدەك مەۋجۇدلۇق بولسا دەل  مەي ئىلاھى دېيونايسوسنىڭ ئۆزى . مەي شاھى دېيونايسوس بولسا ئىسمى-جىسمىغا لايىق « مەي ئىلاھى » ، ئۇ مەي-شاراپ ئىچىپ، ئۆزىنىڭ ئىچىگە پاتماي قالغان غايەت زور كۈچ ۋە ھاياتلىق ئىرادىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن بازغاندەك كەسكىنلىك بىلەن ھەممىنى كۇمپەي-كۇم قىلىپ ، ھەممىنىڭ ۋەتىۋەرىكىنى ئۇچۇرىدۇ ، بۇ جەرياندا ئۇ ئەقىل-ئىدراكقا قارىمايدۇ ، ئۆرپ-ئادەتكە قارىمايدۇ ، ئەخلاق نىزاملارغا قارىمايدۇ ، بولۇپمۇ دىنغا قارىمايدۇ ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا ھەممىنى بۇزۇش ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقىدىن ھالقىش ، شۇنداق قىلىپ مەڭگۈلۈك قايتىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش . بۇ خىل ھالقىش بولۇپمۇ دىنىي ئەھكاملاردىن ھالقىشقا قارىتىلغان ، نىچشې « قاراڭلار بۇ ئادەمگە » ناملىق كىتابنىڭ ئاخىرىنى  « ــــــ سىلەر ئەمدى مېنى چۈشەندىڭلارمۇ ؟ ــــــــ مەي ئىلاھى دېيونايسوس بولسا كرېستقا مىخلانغان ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئەشەددى رەقىبى .... » دەپ چۈشۈرىدۇ ، بۇ ھەم نىچشېنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەڭ ئاخىرقى يازمىسى بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ، زۇلپىقار بارات ئەپەندىنىڭ بايانلىرىنى ھېچبولمىغاندا مەسلىھەتلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ : نىچشې زادى نېمىدىن ھالقىغان ؟ بۇرژۇئازىيەنىڭ ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىكىدىن ھالقىغانمۇ ؟ مېنىڭ جاۋابىم : ئۇنداق ئەمەس .  
ئۇنىڭدىن باشقا ، نىچشېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇنىڭ پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ ئۆزى دىيىشكە بولىدۇ . ئۇ قانداق پىكىر قىلغان بولسا ، شۇنداق ياشىغان ، كىتابتىكى قۇرمۇ-قۇر خەتلەر دەل ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزى شۇ : كىسەل ئازابى ئۇنى چىرمىغان ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ پروفېسورلۇق ھاياتىدىن يىرگەنگەن ، كىشىلىك ئالاقىدىن يىرگەنگەن ، مەنىسىز مەۋجۇتلۇقتىن يىرگەنگەن ، ئاخىرى بۇنداق يىرگىنىشتىن ھالقىش ئۈچۈن ، ئىنسان ئۆزىدىن ھالقىشى كېرەكلىنى كۆرۈپ يەتكەن ، بارا-بارا  يالغۇز تەپەككۇر قىلىش ئۇنىڭ ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر ئامىلغا ئايلانغان ، ئاندىن ئۇ ئەسەر يازغان ــــــ ئۆزىنىڭ گىپى بويىچە ئېيتقاندا ، ئۇ بىر پۇتىنى ئۇ ئالەمگە ساڭگىلىتىپ قويۇپ تۇرۇپ يازغان ؛ شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن .  ئۇنىڭ ئۈستىگە ، « زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ » دېگەن بۇ ئەسەر ئۇنىڭ بارلىق پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ جۇغلىنىپ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .  شۇنىڭ ئۈچۈن ، « زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ » دېگەن بۇ ئەسەرنىڭ مەشھۇرلىقىنى تولۇق ھېس قىلىش ئۈچۈن ، نىچشېنىڭ ئۆزىنى ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ، ئۇنىڭ پۈتكۈل پەلسەپە ئىددىيىسىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش بەلكىم زۆرۈر بولسا كېرەك . بۇنىڭدا نىچشېنىڭ « قاراڭلار بۇ ئادەمگە » دېگەن ئەسىرى ياخشى رول ئوينىيالىشى مۇمكىن .                     

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

81

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
67
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 21:00:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن  ئا ب س ئەپەندىنىڭ يۇقىردىكى ئىنكاسىدىكى «يېقىنمۇ كەلمەيدۇ» دېگەن گېپى بەكمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ. نچشې ھەققىدە برىنچى قول ئېنگلىزچە ماتېرىيال كۆرىدىغان، ئەڭ داڭلىق نىچشېشۇناس ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن پىششىق تونۇشىدىغان زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ مۇھاكىمىسىنىڭ  ئەسلى ئەسەرگە يېقىنمۇ كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.ئالدىدىكى ئېنگلىزچە شەرھى كىتابىغا قاراڭ.

بۇ ئەسەرنى مەنمۇ ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى يادرولۇق ئۇقۇم ھەرگىزمۇ مەڭڭۈگۈلۈك قايتىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئۈستۈن ئادەم، ئۆزىدىن ھالقىش، مەنىۋىي تاكامۇللۇق ئۇقۇملىرىدۇر. بۇ يادرولۇق ئۇقۇملارنى دوكتور زۇلىپقار بارات ياخشى تەھلىل قىلغان. يۇقىردىكى تورداشنىڭ سېستملىق پەلسەپە، جەميتشۇناسلىق ئۆگەنگەن، برىنچى قول، ئشىەنچلىك ماتېرىيالدىن پايلدىنىدىغان بىر ئالىمدىن ئاڭلىۋالغان گەپلىرى بويىچە قۇسۇر ئىزدىىشى بىر خىل نادانلىق.

ئاڭلشىمچە دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر بىلەن مۇتەپپەككۇر زۇلپىقار باراتتىن (يالقۇن روزى بەرگەن باھا) قۇسۇر ئىزدەش بىر نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يۇقىردىكى تورداش بۇ كىتابنى خاتا ھەزىم قىپتۇ دەپ قارىدىم. ئادەتتە مازارغا چالما ئېتىپ شەيخ بولماقچى بولغانلار كۆپىنچە  ئۆزىنى كۆرستىش ئۈچۈن مۇانزىرەگە قاتنشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزىنى ھەسەت توسۇپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-3 21:47, Processed in 0.115647 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش