قىرىق بىر يالغان!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دادامنىڭ ئېتى ناسىر، ئۆزۈمنىڭ ئېتى قادىر. بىر دادىدىن ئۈچ ئىدۇق، ئۆلدۇق، ئۆلدۇق، كۆمۈلدۇق، ئۈچىمىزلا ساق قالدۇق. دادىمىز بەك باي ئىدى،مىنىشلىرى تاي ئىدى، ئاسماندىكى ئاي ئىدى. ئېگىز تاغنىڭ باغرىدىن دومىلىدۇق يۇقىرىغا، چۈشۈپ كەتتۇق چوڭقۇرغا. بىر ئاكام ئۇيانغا كەتتى، بىر ئاكام بۇيانغا كەتتى. دادىمىزدىن مىراس قالغان، قالغىنىمۇ بىر يالغان، قازى كەلدى، بۆلۈپ قويدى، مېنى ئوبدان شىلىپ قويدى. ئاكاملارغا چوڭ-چوڭ تەگدى، ماڭىزە چىپار بايتال، كۈيە چۈشكەن تور تەگدى. تورنى ئالدىم، دەريا بويىغا باردىم. تېگى تاش ئىكەن، سۈيى يوق ئىكەن. دەرياغا سالدىم تورنى، ئىلىندى جىق بېلىقنىڭ بۇرنى، بېلىقنى سۈزۈۋەردىم، نوختىلاپ چىگىۋەردىم. بېلىقنى پىشۇراي دېسەم قازىنىم تېپىلمىدى، ئوچاققا ئېسىلمىدى. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، ناسۋال ئالسام چاقچام يوق، بىر قازان ئالاي دېسەم يانچۇق قۇرۇق ئاقچام يوق. قۇرۇق يانچۇققا قول تىقسام، قولۇمغا چىقتى ئۈچ تەڭگە، ئىككىسى سىدام ئىكەن، ئۈچىلىسى كەم ئىكەن. بازارغا ئالدىراپ باردىم، ئۈچ قازان ئالدىم، ئىككىسىنىڭ تېگى يوق، بىرىنىڭ تۈۋى يوق. قازاننى ئوچاققا ئاسسام ئوت شۇنداق كۆيۈپ كەتتى، تەمەچمۇ يوق، يۇلغۇنمۇ يوق، ئىسى ئاسمانغا يەتتى. ھېرىپتىمەن، ئېچىپتىمەن، كۆزۈم ئوچۇق ئۇخلاپتىمەن. بېلىقلارمۇ پىشىپ قاپتۇ، ئىسسىق ئۆتمەي خاملا قاپتۇ. يېدىم راسا، سەمرىدىم تازا، ئىشىكلەردىن پاتمىدىم، تۈڭلۈكتىن ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئۆگىزىگە چىقىپ قارىسام، چىپار بايتال ئوتلاپ يۈرۈپتۇ، شوتا قويۇپ دىككىدە، مىنىۋالدىم لىككىدە، بايتال ماڭغىلى ئۇنىماي يۈرۈپ كەتتى، توختىماي مېڭىپ بىر سارايغا يەتتى، يەر دەسسىمەي چۈشۈۋالدىم. ئۆزۈم چۈشۈپ بولغۇچە بېشىم يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، چىقمىغان شامالدا بېشىم يەردىن ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بېشىمنى ئىزدەپ شۇنداق قارىسام، بىر باش كېلىۋېتىپتۇ، كېلىشكەن باش ئىكەن، قاپقارا قاش ئىكەن. يېقىن بېرىپ قارىسام، تاش ئىكەن. مېڭىپ، مېڭىپ بىر شەھەرگە يەتتىم. شەھەردە خوتۇنۇمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنى راسا ئۇرۇپ سالدىم. بازاردىن تېرىق ئالدىم، ئىككى تاغارغا قاچىلىدىم، قانچە قىلسام تولمىدى، ئېغزىنى ئەتكىلى بولمىدى. تۆشۈك يانچۇقتىن تۆشۈك ئالدىم، كۆشۈكتىن كۆشۈك ئالدىم. تېرىقنى كۆشۈككە سالسام تۇرۇپ قالدى، ئېغزىنى ھىملەپ قويسام تېرىق كۆكلەپ ئۈنۈپ قالدى. تېرىقنى ئارتىپ بايتالغا، خوتۇننى ئەگەشتۈرۈپ ئارقامغا، يۈرۈپ كەتتىم تارىم دەريا بويىغا. بايتىلىمنى توختىتالمىدىم، بىر تاقلاپلا ئۆتۈپ كەتتىم. بايتىلىم قېچىپ كەتتى، يەتتىشەھەردىن ئېشىپ كەتتى. بايتىلىمنى دىرەكلەپ، ئۇ تاغقا چىقتىم كۆرۈنمىدى، بۇ تاغقا چىقتىم كۆرۈنمىدى. تامدىن ئېگىز باغقا چىقتىم، كۆرۈنمىدى. ھېرىپ كەتتىم، ئاتنى ئىزدەپ قېرىپ كەتتىم. چىقىۋېلىپ ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىغا، يەر ئاستىغا قاراپ كەتتىم، بايتىلىم كۆرۈنمىدى. شۇنداق قارىسام، مۈرەمدە تۇرۇپتۇ بىر يىڭنە سانجىلىپ، يېڭنىنى ئېلىپ ئۇچىغا قارىسام، بايتىلىم يېڭنىنىڭ ئۇچىدا ئوتلاپ يۈرۈپتۇ، يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدا، سەككىز تاغنىڭ بېرىسىدا. قولۇمنى ئۇزىتىپ تۇتۇۋالدىم، «چۇھ» دېسەم ماڭمىدى، قامچا ئۇرسام ماڭمىدى. چۈشۈۋېلىپ دىككىدە، ئاتنى كۆتۈرۈپ لىككىدە، تاغۇتاشتىن ھالقىدىم، دەريالاردىن ھالقىدىم. بىر قارا تاش ئۈستىدە تۇرۇپتىكەن بىر قوزۇق، بايتىلىمنى باغلىدىم. باغلىغىنىم قوزۇق ئەمەس، ياۋا غازنىڭ بوينىكەن، غازلار قانات يايماي «غاق-غاق» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. ئويناپ بېرىپ، يېقىن بېرىپ قارىسام، چىپار بايتال يېتىپ قاپتۇ، بولمىسۇن دەپ ئاتنى ھارام، يانپىشىمغا قاراپ باقسام، غىلىپىم بار، پىچىقىم يوق، قولۇمدىلا سويىۋەردىم تۇلۇمچىلاپ. گۆشنى گۆشچىگە بەردىم، تۆشنى تۆشچىگە بەردىم، تېرىسىنى «پۈف» دەپ پۈۋلىسەم، چىپار بايتال بىر كىشنەپلا تۇرۇپ كەتتى. ئېگەر توقۇماي مىنىۋالدىم، ئۈزەڭگىنى چىڭ دەسسەپ، قۇشقۇننى چىڭ تۇتۇپ ئىلدام ماڭدىم، ئاستا ماڭدىم، چاقىلىققا ساق-سالامەت يېتىۋالدىم. مانا بۈگۈن ئوتتۇز ئوغۇل جەم بوپتۇ، مەندەك بىر لاپچى يىگىت كەم بوپتۇ، ئويناڭلار، يايراڭلار، نەغمە-ناۋا ساز بوپتۇ. خۇداغا شۈكۈر، يوقىلىپ كەتكەن بېشىمنى مۇشۇ يەردىن تېپىۋالدىم. قاملاشتىمۇ گەپلىرىم، لاپلاشتىمۇ گەپلىرىم، بىلگىنىمنى ئېيتىۋالدىم، ئەي بالىلار، ئاڭلىغانغا، كۈلگەنگە بارىكاللا، ھەشقاللا!