تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 917|ئىنكاس: 9

تەكلىپ بېرىڭ: ئۈندىداردىكى يېڭىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

4

ئەگەشكۈچى

326

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
67
مۇنبەر پۇلى
194
ئىشەنىچ
67
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 16:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن، ھەممىمىزگە مەلۇم، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىلىپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىقى ۋە پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئارىلىقتا خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن ئۈندىدار سۇپىسىنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە دېگەندەك ياخشى ماڭدۇرۇپ بولالمىدۇق، بۇ قېتىم مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن يېڭى يىل (2014-يىلى)دىن باشلاپ ئۈندىدار سۇپىسىنى تېخىمۇ ياخشى، سىجىل ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۆزگەرتىشلەرگە قارىتا تېخىمۇ ياخشى پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز قاراپ چىقىپ، تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپىنى ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە قوبۇل قىلىپ، ئۈندىدار سۇپىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئۆزگەرتىش پىلانى تۆۋەندىكىچە:
ئۈندىدار سۇپىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلق تىلىغا ئەڭ يېقىن قىلىش مەقسىتىدە سەھىپە ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى:
1. تۈنۈگۈنكى گەپلەر
بۇ سەھىپىدە مەخسۇس شۇ ئاينىڭ شۇ كۈنى تارىختا بولۇپ ئۆتكەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنىڭ مەزمۇنى يوللىنىپ، تورداشلارنى تارىختىن خەۋەردار قىلىش نىشان قىلىنىدۇ.
2. بىلەمسىز؟
بۇ سەھىپىدە ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى، ئەڭ يېڭى كەشپىياتلار قاتارلىقلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر يوللىنىپ، تورداشلارنى ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ يېڭى شەيئىلەردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش نىشان قىلىنىدۇ.
3. ئالامەت ئىشلار
بۇ سەھىپىدە ئەتراپىمىزدىكى، دۆلىتىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ قىزىقارلىق، ھەيران قالارلىق ئىشلار ۋە شەيئىلەر ھەققىدە ئۇچۇر يوللىنىپ، تورداشلارنى مۇشۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلاردىن ئەڭ تېز، ئەڭ ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش نىشان قىلىنىدۇ.
4. گۇدۇڭ-مۇدۇڭ
بۇ سەھىپىدە مەخسۇس كوچا پاراڭلىرى، چايخانا پاراڭلىرى ھەققىدە ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار يوللىنىپ، تورداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش نىشان قىلىنىدۇ.
5. ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن
بۇ سەھىپىدە تۇرمۇش ساۋاتلىرى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي تەدبىرلەر، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلار يوللىنىش ئارقىلىق، تورداشلارغا تۇرمۇش بىلىملىرىدىن ئەتراپلىق ئۇچۇر تەمىنلەش نىشان قىلىنىدۇ.
6. پىچىر-پىچىر
بۇ سەھىپىدە مەخسۇس ساغلاملىق بىلىملىرى، يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار يوللىنىپ، تورداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ.

ئۈندىدار سۇپىمىزنىڭ ئىزدەش نامى: uyxjts
ئىككى ئىلىك كودى:

13

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1562

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
743
مۇنبەر پۇلى
828
ئىشەنىچ
743
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھىپىلەر ناھايىتى ياخشى تەسىس قىلىنىپتۇ .تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىكى خىزمەتچىلەرگە رەخمەت.

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6110

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3068
مۇنبەر پۇلى
2464
ئىشەنىچ
3068
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 18:58:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى............

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5838

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2180
مۇنبەر پۇلى
3103
ئىشەنىچ
2180
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 23:49:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بوپتۇ. ئۆتكەندە «كۈلكە خۇرۇچلىرى» ناملىق بىر سەھىپە
بار ئىدى، بۇنىڭدا ھەرخىل يۇمۇر، چاقچاق، لەتىپىلەر بىرىلەتتى. بۇ قېتىم بۇ
سەھىپە يوق تۇرامدۇ-نىمە؟ بۇ سەھىپە ئايرىلىپ قالمىسا بۇلاتتى.


3

تېما

7

ئەگەشكۈچى

683

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
نازدىل
تۆھپە
420
مۇنبەر پۇلى
273
ئىشەنىچ
420
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 14:18:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوشىۋالاي ئەمىسە..........

6

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1025

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەلىكە مەتتوختى
تۆھپە
331
مۇنبەر پۇلى
559
ئىشەنىچ
331
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 22:05:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق يۇمۇر  پۇمۇر  ئاڭلىمىساق بولماس
سۈرەتتىكى دۇنيا ئەڭ گۈزەل دۇنيا...

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

78

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
13
مۇنبەر پۇلى
66
ئىشەنىچ
13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 20:19:28يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازدىل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 14:18
مەنمۇ قوشىۋالاي ئەمىسە..........

مەن قانداق قىلسام كىرەلەيمەن تورداشلارنڭ ماڭاچۇشەندۈرۈپ قۇيشى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 09:04, Processed in 0.116041 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش