كۆرۈش: 13600|ئىنكاس: 9

«غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
84
تۆھپە
41
UID
14948
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 20:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا

W020110722436746019230.jpg


سۇلتان مامۇت ئىبراھىم


      غۇلجا — شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بىر شەھەرنىڭ نامى. شۇنداقلا يەنە بۇرۇنقى جېلىليۈزىمۇ ھازىر غۇلجا ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.
      ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن تارتىپ، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001 - يىلى 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ئاپتورلۇقىدىكى «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى» (1) دېگەن كىتابنىڭ 121 -، 122 - بەتلىرىدە ئاپتورلار «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «ئەسلىي 12 غول (ئېقىن) نىڭ نامى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشتىن «غۇلجا» دېگەن يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى «غۇلجا» ئەمەس، بەلكى «غولجا» دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاراشلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: بىرىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى موڭغۇللارنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم «ئالتۇن سۈمە» (ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا) نىڭ موڭغۇلچە ئاتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن قاراش. ئىككىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «تاغ قوشقىرى» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قاراش. ئۈچىنچى، غۇلجا ئەتراپىدا بۆلۈكەي، جىرغىلاڭ، پىلىچى قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن «غولجاي» دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام «غۇلجا» غا ئۆزگەرگەن، دېگەن قاراش. تۆتىنچى، «جىرغىلاڭ غول» ئىلگىرى «غۇلجا»، «پىلىچى» بولسا «بولجا» دەپ ئاتالغان. بۇ ناملار دەريا - غول ئىسىملىرىدىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش.
      مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   |تەھرىر: پولات ئاماننۇرى|   يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-22 14:56

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
82
تۆھپە
23
UID
15320
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 15:39:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئالتۇن سۈمەنىڭ مۇڭغۇلچە ئاتىلىشى توغرا.
  ھەر خىل يوللاردا پەرەز قىلىپ بېقىپتۇ بۇلار ......!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
458
تۆھپە
240
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 16:42:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىي   يۇرتۇمنىڭ  ئىسىم  مەنىسى  بۇنداقكەندە ...رەخمەت سىزگە  ...ياخشى  تىمىكە..


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 17:12:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا «غولجا» سى توغرا!
فارسچە «جا» («جاي») سۆزىمىزدىكى «يەر، يۇرت» قا دەل كېلىدۇ، «غولجا» سۆزى ئېقىنلىق يۇرت، دېگەن مەنادا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-18 17:12  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1208
تۆھپە
806
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 00:41:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بەك ياخشى تېما ئىكەن.ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقات يىتەرلىك بولمىدىمۇ_قانداق؟مېنىڭچە تارىخ ئىزنالار،پاكىتلار،...قاتارلىقلار تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىشى كېرەك.مەن بەزى يازغۇچىلارنىڭ بايانلىدىن غۇلقا ،يېقىنقى زامان تارىخىدا شىنجاڭنىڭ ،بولۇپمۇ ئويغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تەرققىياتىغا ئەڭ كۈچلۈك،ئەڭ گەۋدىلىك تەسىر كورسەتكەن جاي دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 00:44  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
600
تۆھپە
185
UID
2458
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 23:27:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2592
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 20:45:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئالتۇن سۈمەنىڭ مۇڭغۇلچە ئاتىلىشى توغرا.
  ھەر خىل يوللاردا پەرەز قىلىپ بېقىپتۇ بۇلار ......!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
574
تۆھپە
300
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 16:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا ئىلىخو دىگەن ئاتىلىشىنى ياقتۇرمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 14:08, Processed in 0.081147 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991