كۆرۈش: 121|ئىنكاس: 1

يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 17:03:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھېۋىزۇللا ( دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى )


     ئالىي مەكتەپ — ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، بىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار، ياشلار تەلپۈنىدىغان، كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي، ئۇلار تەربىيە ئېلىپ، بىلىم ئۆگىنىپ، كېلەچەكتە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان سورۇن. ئالىي مەكتەپ بىر كىشىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن گەرچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھەم بىر كىشىنىڭ ياشلىق تۇرمۇشىدا ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەرنى، چوڭقۇر ئىز ۋە تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.
    ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ تۇرمۇشى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. گەرچە ھەر ئىككىسىدە ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا ئۆگىنىش ۋە بىرقىسىم پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپتە نىسبەتەن ئەركىن، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاڭلىق ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇللىرى مەكتەپتە خېلى كۆپ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەكتەپتىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ ؛ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىدا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە بولسا، سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇرىدىغان ۋاقتى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدە بولىدۇ. دېمەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئاتا–ئانىسىدىن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كۆچ ئۈرۈشكە، ئاڭلىق ئۆگىنىشكە يۈزلىنىدۇ. مۇنداق شارائىتتا، كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئاتا–ئانىسىنىڭ مىڭ تەسلىكتە ئۆزىنى ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭمۇ تىرىشىپ–تىرمىشىپ يۈرۈپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، بۇ پۇرسەتكە ئىگە بولغانلىقىنى، تىرىشىپ ئۆگىنىپ كېلەچەكتە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئاساس يارىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپ، مەكتەپكە كىرگەن ھامان جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتنى بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەي، نەتىجىگە ئېرىشكەنسېرى روھلىنىپ، قانائەتلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
    يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرىش بىلەنلا ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆزىنى خۇددى ئەركىن دۇنياغا چىقىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر كوچىسىنى بىر مەھەل چىڭداپ، ھەممە باغچىلىرىنى، مەنزىرىلىك جايلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ پۇخادىن چىقماقچى بولىدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىكى يۇرتداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتلىشىپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ... بارا–بارا تارىسى ئۈزۈلگەن دۇتاردەك بوشاپ يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك قاڭقىپ، كۆڭلى خالىغان جايلارغا بارىدۇ، كۆپ ۋاقىت دەرستىن قالىدۇ ... بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆپ دەرسلەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ. قارىسا باشقىلار بىلىم يولىدا كۈچەپ يۈگۈرۈپ، قارىسى كۆرۈنمەيدىغان دەرىجىدە يىراقلاپ كەتكەن، ئۆزى بولسا بەك ئارقىدا قالغان...
    مەن تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئاساسەن، يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمەن:
    مەسئۇلىيەتنى تونۇش ۋە تېز ئىلگىرىلەۋاتقان، ئاپتونوم رايونىمىز ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇغۇچىلاردا يۈكسەك غايە بولۇش، پارتىيە، ۋەتەن، خەلق، دەۋر، ئاتا–ئانىلغا نىسبەتەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇشى، ئەخلاق، بىلىم، ساغلاملىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك پىشىپ يېتىلگەن، ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
    ئىككىنچىدىن، تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پۈتمەس–تۈگىمەس بىلىم خەزىنىسى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كەم تېپىلىدىغان ياخشى بىلىم ئېلىش پۇرسىتى. ئوقۇغۇچىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشنالىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەش، پەن–تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش، كەلگۈسىدە دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىق ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇش ئۈھكۈن تىرىشىشى كېرەك. بىلىمگە، كەسپكە ئىشتىياق باغلاپ، كەسپىگە پۇختا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن بېرىلىپ ئۆگىنىشى كېرەك. بىلىمگە قانچە چۆككەنسېرى ئۆزىدە قىزىقىش، ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى ھاسىل بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگۈسى كېلىدۇ. ، ئەگەر ئۇنداق بولماي، پەقەت ئەپلەپ–سەپلەپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش، دىپلومغا ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا مەجبۇرىي ھالدا ئۆگەنسە، خۇددى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ماغدۇرسىز ھالدا سۆرۈلۈپ ماڭغاندەك تۇيۇلۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، تۈزۈك بىلىم ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كىرگەندە، بولۇپمۇ تەييارلىق سىنىپىدا دەرس نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن خەنزۇچە ئۆگىنىدۇ، ئاساسى پۇختا بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن دەرس يېنىك تۇيۇلۇپ، بوشاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن ھامان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگىنىشى كېرەك، ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دەرس بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، سۆزلەش، ئاڭلاش يېزىش، تەرجىمە قىلىش... قاتارلىق جەھەتلەرگە پۇختا ئاساس سېلىپ، خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كەپكە چىققاندىن كېيىنكى دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىشكە، كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىلەشكە، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ياخشى ماسلىشىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    ئەگەر ۋاقىت ئىمكانىيىتى بولسا، تەدرىجىي ھالدا ئىلگىرىلەپ، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىلى دېگەندەك كۇرسلارغا قاتنىشىپ، بىلىم ئىگىلەش ۋاسىتىسىگە ئىگە بولۇش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەتراپلىق بىلىمگە، كۆپ خىل ماھاراتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
    تۆتىنچىدىن، تۇرمۇشتا ئاددىي ساددا بولۇپ، ئىختىسادچان، تېجەشلىك بولۇپ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئەجدادلىرىمىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. يەنى تۇرمۇشتا مودا قوغلاشماي، بىلىم، ئەخلاق، ماھارەت ۋە ساپادا دەۋرنى قوغلىشىشىمىز كېرەك.
    مۇھەررىردىن: ھېۋىزۇللا مۇئەللىم مەكتىپىمىز فىزىكا كەسپىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، شائىر، ژۇرنالىست پولات ۋە ھازىر ئەنگلىيەدە تۇرۇۋاتقان كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، دوكتور دىلشاتنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا بۇ ئۇستازنىڭ ئىسمى چېتپ ئوقۇسىڭىز بۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيسىز. ئۇستازىمىزنىڭ بۇ ئىككىلا پەرزەنتى مەكتىپىمىزدە ئوقۇغان بولغاچقا، مەكتەپ ئامىلىنى مۇھىم سەۋەب دەپ قارىغۇچى بىر قىسىم ساۋاقداشلارغا نىسبتەن ئېيتقاندىمۇ مەكتىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارغا بۇ جەھەتتە مەسلىھەت–تەربىيە بېرىشكە ھېۋىزۇللا مۇئەللىم ئەڭ ياخشى نامزاتلارنىڭ بىرى بولالايدۇ دەپ قارايمىز.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

ئىسمى
چىرايلىق
تىللا
99
تۆھپە
22
UID
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 01:49:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. ئەگەر ۋاقىت ئىمكانىيىتى بولسا، تەدرىجىي ھالدا ئىلگىرىلەپ، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىلى دېگەندەك كۇرسلارغا قاتنىشىپ، بىلىم ئىگىلەش ۋاسىتىسىگە ئىگە بولۇش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەتراپلىق بىلىمگە، كۆپ خىل ماھاراتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك., ^
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىش مۇھىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:20, Processed in 0.054505 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش