كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 25

قەشقەر كىشىلىرىنىڭ «خاس» گەپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 02:11:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قەشقەر كىشىلىرىنىڭ «خاس» گەپلىرى


كۈلكە كۆڭۇلگە ئوزۇق ،دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ  


    بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-'خاتالاشتىڭلار ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي'- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى....

    *تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن"-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.


    ***

بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :'ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلە'-دېگىدەك.

***


    ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە 'جام' دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ ،' بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ'-دىگىدەك.


***


    بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:' ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئوتۇرىۋالاملىيا'-دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، 'باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن'-دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :"ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ چىكەدىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ '- دىگىدەك.   


***


    قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟   


***


    باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
-600 كوي.
- 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
-ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.   


***


    قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگراپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماششىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى.

   
***


    بىر سورندا مۇشۇنداق "قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گىپى" توغۇرلۇق گەپ بولۇندى. ئارىمىزدىكى قەشقەرلىك بىرسى دىدى." شەھەر ئىچىنىڭ ئادەملىرى شۇنداق يامان. ئۇنداق سېسىق گەپلەرنى ياقا- يۇرۇتۇقلارلا ئەمەس بىز قەشقەرلىكلەرمۇ ئاڭلايمىز". دەپ بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
"بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم."

   
***


    بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟"

   
***


    ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.

   
***


    قەشقەرنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ. < ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس > دەپتىكەن. مەنمۇ بىرنى دەپ قوياي:
ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو.
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟

***


    قەشقەردىكى تىجارەتچىلەر تىجارەت تىلىغا ناھايىتى باي. كۆپچىلىكى ئەتىگەندىكى بىرىنچى قېتىملىق تىجارەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ. ئەگەر يۇقارقىدەك سوراپ قويۇپلا ئالماي كىتىپ قالسىڭىز، ئىھتىمال ئۇنىڭدىن < سىسىق > سۆزلەرنى ئاڭلىۋىلىشىڭىز مۇمكىن.   

    بولدىلا مەنمۇ ئاددىي قەشقەر يىگىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بېرەي ....
تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ، بىز بىر قانچە بۇرادەرلەر داۋاملىق بالىلار باغچىسىنىڭ يېىنىغىراق توغرا كېلىدىغان << دولان تېز تاماقخانىسى >> دا تاماق يەيتۇق، بۇ ئاشخانىنىڭ تائاملىرى ياخشى بولغىنى سەۋەبلىك ، بۇ يەرگە كېلىپ غىزلىنىدىغانلار كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ چىڭقى چۈشتە ئورۇن ساقلاش دائىمىي ئىشلار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر قانچەيلەن بۇ تاماقخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ، بوش ئورۇن يوق ئىدى . بىز ئامالسىز ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرۇپ قالدۇق. قارىسام يېقىنلا جايدىكى 4 مېھمان ( چىرايىدىن ھاكۇۋۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ستۇدېنت خېنىملا ) تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ ، ھوزۇر بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ ... قارىسام بىر - ئىككى پىيالىنى بىكارلاپمۇ ھېچ ئورنىلىرىدىن تۇرىشىدىغاندەك ئەمەس ... شۇنىڭ بىلەن تاقەت قىلالمىدىم :

-- ئۇستوووووووووم ! ما مېھمانلارغا دا قىلپ بەرسەك بوپتىكەن ، تاماق يەپ بولغان ئوخشايدۇ .....

***   


بىر ئاغىنەم بولىدىغان قىززىقچى، بالىسى سەل ياۋاشراق بالا ئىدى. بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، بالىسى سىرتتىن يىغلاپ كىرىپ كەلدى:
- نىمە بولدۇڭ؟
- تۇراخۇنكامنىڭ بالىسى تىللاۋاتىدۇ.
- ھەي بالام، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن؟ سىنىڭ ئاغزىڭنى ئىشىك قىسىۋالمىغاندىكىن سەنمۇ تىللىساڭ بولمامدۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلۈپ كەتتىم.   
خالمۇرات ئۆمەرنىڭ قەشقەرگە بارغان كۈنلىرى تاماق يەي دەپ مۇقام تاماقخانىسغا كىرىپ تاماق بۇيرىتاي دەپ تۇرسا تاڭجاڭ كىلىپ نىمە تاماق يەيلا ئەيساجووووون دېسە قارا ماۋۇ گۇينىڭ يامانلقىنى مېنى تونىۋاپسەندە دەپتىكەن - تاڭجاڭ ھېلغۇ سېلى كەنلا بىر يىل بۇرۇن كىرگەن چىۋىننىمۇ تونىۋالمەن ، دىگۈدەك

***   


    بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دە قاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەن ئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ.
    ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپ قاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگە باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇ دىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇ تويۇلا>>دەپتۇ......

***   


    بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقا خىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پول تۇلگەچ ئۇستامغا -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشى نىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپ چىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك .

***   


    بۇنداق سىسىق گەپنى مەنمۇ بىر قىتىم ئاڭلىۋالغانىدىم .
ئۇ چاغدا بىز 4بالا قوغۇن ئالماقچى بولۇپ <ئۆستەڭبويى> بازىرىغا چۈشۈپ ، بىر دىھقان ئادەمدىن 3چىلگە قوغۇن سىتىۋالدۇق . بىز بەكلا تۆۋەن باھا قويۇپ تۇرىۋالغاچ ، ئۇ ئادەم رەت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىز چىلگىلەرنى قويۇپ مىڭىشىمىڭزغا ، ئۇ بىزنى چاقىرىپ < ماڭ قايلاڭلا ئۇكىلۇرۇم ، ئىلىڭلا بولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!! .....دىگەنىدى

***   


    بىر قەشقەرلىك دىسە سەل بىئەپ ئاڭلىنىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەنمۇ قەشقەرلىك بولساممۇ دەۋېرەي...
    بىر كۈنى بىر قەشقەرلىك غۇلجىغا بېرىپ خەنزۇ بازىرىدا قوغۇن يەي دەپ قوغۇن پىچىپ سېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوغۇندىن بىر تىلىم دەپتىكەن ھېلىقى قوغۇنچى قەغەزدەك قىلىپ بىر تىلىپ كېسىپ بېرىپتۇ.قەشقەرلىك كىشى قوغۇننى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ بېقىپلا شاپاق تاشلايدىغان سىۋەتكە تاشلاپتۇ،قوغۇنچى يەنە بىرنى يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە شۇنداق نېپىز قىلىپ بىر تىلىم كېسىپ بېرىپتىكەن ئۇنىمۇ ئېلىپلا ئۇدۇل سىۋەتكە تاشلاپتۇ.قوغۇنچى 3-تىلىمنى كىسەي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشى سوراپتۇ-دە:ئۇستووووووووووم نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟
- سىلىگە قوغۇن تىلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ .
-ھە..............مەن تېخى قوغۇننى قىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 12:43:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ تەپەككۇر بىلەن گەپ قىلىدۇ جۇمۇ ئىشقىلىپ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
350
تۆھپە
252
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 13:33:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىقكەن!ھا ھا ھا ...قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىنكاسى بەك تېز ئوخشايدۇ!..


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 14:02:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرلىكلەرنىڭ يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق گەپلىرى ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:17:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمەلىيەتتە بۇنى قەشقەر كىشىلىرىنىڭ گەپكە ماھىر، چاقچاقچى، تىز ئىنكاس دىگىىنىمىز توغرا، لىكىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى «قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گېپى» دەۋەلدىكەنغۇ تاڭ
  
    مەنمۇ بىرنى سۆزلەپ بىرەي: ئالدىنقى كۈنى گۆش ئەكرەي دەپ بازارغا چىقىپ، قاسساپتىن بىر كىلو گۆش ئالدىم، قارىسام ساپ سۆڭەك. شۇنىڭ بىلەن: ئۇستام...، بىر كىلو گۆش ئالسام سۆڭەكلا بىرىپلىغۇ، دىسەم، ئا قاسساپ دىگەن ئوغرى قۇلۇقۇمغا كىلىپ: سەل ئالدىراپ قاللا، بولمىسا پەشلەپ بىرىتىم دەۋاتمامدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 20:57:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرلىك بالىلارغا ئۆتۇپ كەتمسۇن جۇما بۇ گەپلەر~!


ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 21:44:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         چاقىرغۇ ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلار ئىكەن. قەشقەر شەھرىدە بىرسى چاقىرغۇ ئىشتانسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ. قارشى تەرەپ نومۇرىنى دەپ بىرىپتۇ،ھەمدە - '' ماڭقايسىلا خاپا بولماي مەمتاخۇننى قىچىرىپ قويسىلا!'' چاقىرغۇ ئىستانسىدىكى قىزچاق ''مەمتاخۇننىڭ پۇلى تۈگەپتا، خاپا بولماي ئۆيىگىلام بىرىپ باقاملا!''  دېگۈدەك.



Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 21:58:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ھەقىقىي بولغان بىر ئىشنى دەپ بىرەي.
بىر كۈنى ئاغىنە بالىلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق. ئاشخانا خوجايىنى كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان چىغى، بىزنى كۆرۈپلا ئالدىن تەييارلاپ قويغان پىيالە ۋە چاينى ئىلىپ كەلدى. چەينەكمۇ ئادەتتىكى چەينەك ئىكەن.تاماقنى سوراپ بولغاندىن كېيىن بىز چاي ئىچكەچ ئولتۇردۇق. دەملەنگەن چاينىڭ تۈزۈكرەك رەڭگىمۇ يوق. ھەم خىلىلا يىلىمان ئىكەن. بىر ئاغىنىمىز چەينەكنى قولىغا ئىلىپ تۇرۇپ ئاشخانا خوجايىنىنى چاقىرىپ "ئۇستوم م م م م....، بىز تەرەتكە سۇ دېمىگەنتۇق." دېمەسما.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 22:08:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرنى دەپ بىرەي. بۇمۇ بىشىمدىن ئۆتكەن ئىش.
         يەنە بىر قىتىم ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئاشخانىغا كىردۇق. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى. تاماقنى يەپ بولدۇق. سىرىتقا چىقساق پۇل ئالىدىغان ئادەم باردەك ئەمەس. ساقلاپ خىلى تۇردۇق. بىر ئاغىنەم چىداپ بولالماي ئاخىرى ۋاقىراپ تۇرۇپ. "ما قىزىل قەغەزنى چىم ئالىدا....؟"  دەپ تۇرشىغا، بىر ئايال كىلىپ، قەشقەرلىكنى دورىغاندەك قىلىپ "ئەككەلسىلە..... مەن ئالىمەن!...." دەپ بىشىمىزدىن ئايغىمىزغىچە قاراپ قويدى. ئاغىنەم جاۋابەن " تېخى مەن بانكىغا بىرىپ تۆلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن".


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 22:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاسنى قايتۇرۇۋالاي

   ئىنكاسنى قايتۇرۇپ كەتتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   haltakoqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-13 00:55  



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 19:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشغەرلىك بۇ قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئالامەت بىر خەلق-دە!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
858
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 22:12:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئوھۇي! ئەرجاڭمەن  ئاداش قەشقەرلىك سىنى نىمە قىلغانتى ئالامەت خەلق دەپ كىتىپسەن ،قەشقەرلىك ساڭا ئالامەت ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويغانمىتى يا


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 22:23:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
naser يوللىغان ۋاقتى  2011-10-11 22:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئوھۇي! ئەرجاڭمەن  ئاداش قەشقەرلىك س ...


مەنمۇ ئىنكاسىمنى ياندۇرۇۋالدىم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-13 01:18  



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 01:08:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمە بولۇشتۇڭلار. بۇ ئىشىڭلار تاز بولماپتۇ.

         مۇنبەر باشلىقلىرى مۇشۇنداقمۇ ئىنكاسلارنى تەستىق قىلغىنىڭلار تېخىمۇ بولماپتۇ. تۈزۈمنى بىكىتىپ، ئۆزۈڭلار تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرامسىلەر؟ بۇنىڭ تەسىرى بەك يامان، دىققەت قىلغايسىلەر. مۇكاپات تۈزۈمىنى يولغا قويغانكەنسىلەر، ئەلۋەتتە جازانىمۇ تەڭ قوللىنىش كېرەك. بۇنداق تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرساڭلار نىمە گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى. ياخشى سۆز، ياخشى ئەزا، ياخشى باشقۇرغۇچى، ياخشى .... لارنى بەرپا قىلىشتا سىلەر يىتەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەرسىلەر. بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، سىلەر مۇنبەرنىڭ چاكارلىرى ۋە ساھىبخانلىرى. بۇ يەرنى قانداق باشقۇرۇش، قانداق كەيپىياتنى راۋاجلاندۇرۇش سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار. مېنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقۇم بولغان بولسا ئاشۇ ئىنكاسلارنى تەسىقلىغان باشلىقنى ئۇلار بىلەن بىللە قوشۇپ جازالىغان بولاتتىم.


Rank: 2

تىللا
70
تۆھپە
45
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 01:09:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپمۇ پۇرايدىكەن ھە  @!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 01:44:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چاق چاقتىن جاق - جاق چىقىدۇ.»  بولۇپ قالمىسۇن....  

مۇنبەر باشلىقلىرىغا تەكلىپ:
تۆۋەندىكى ئەزلارنىڭ يازمىلىرى ئۆچۈرۋىتىلسە ۋە جازالانسا:
خالتا كوچا، Erkman ، naser لار.

           خالتا كوچا  بۇ كىشىنىڭ ئىنكاسىدىكى «غۇلجىدىن بىر ئەر-ئايال قەشقەرگە ساياھەتكە كەپتىكەن....» بۇ ئىشلاردىكى ۋەقەلىك سۆزلىرى ھەقىقىي قەشقەرلىقلەرنىڭ گەپ ئوينىتىپ دەيدىغان گىپى ئەمەس، بۇ بىر قىسىم تىتىقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بەزلەش ئۈچۈن،كىشىلەرگە قىزىق تۇيۇلىدىغان ۋە بىر قىسىم تىتىقسىز كىشىلەرنىڭ دىتىغا ياقىدىغان ۋەقەلىكلەرنى قەشقەرلىكلەر نامىدا ئويدۇرغان گەپ ئويۇنى توقۇپ چىققان يازما ئىكەن. بەلكىم خالتا كوچا باشقا بىر يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇشى مومكىن، ياكى ئۆزىمۇ تۇيمىغان، قىزىقچىلىق قىلىپ، نىرى - بىرى ئويلاشمايلا يوللاپ قويغان ئىنكاس يازمىدۇر. بۇنداق ئىنكاسنى تەستىقلاشتىن مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭمۇ بىر ئاز مەسئۇليەتسىزلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئارقىدىن Erkman نىڭ «كاشغەرلىك بۇ قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئالامەت بىر خەلق-دە!» دېگەن گىپىگە سەۋەب بولغان. ھەم ئۇنىمۇ ئويلاشمايلا تەستىقلىغان. نىمە گەپ ئۇ « كاشغەرلىك بۇ قارلۇق ئۇيغۇرلىرى.... » قارغاندا شۇ سۆزنى قىلغۇچىنىڭمۇ مەسئۇليەتسىزلىكىدىن ئاغزىغا كەلگەننى ئويلىمايلا يېزىپ چىقىرۋەتكەن. شۇ گەپنىمۇ ، نىمىگە؟، قانداق مەنىدە؟.... دەۋاتقىنىغىمۇ دىققەت قىلمىغان بۇ باشقۇرغۇچىلارنى نىمە دەيمىز ئەمدى. دىققەت قىلايلى. گەپنى قىلغانكەنمىز شۇ گەپنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇ كىشىگە كىلىدۇ. مۇنبەردە تەستىق سېىلىش ئارقىلىق كۆرۈندىغان بولغاچقا، بۇ مەسئۇلىيەت باشقۇرغۇچىغىمۇ تەڭ كىلىدۇ. گەپنى چۈشەنسەك ۋە ئىگە بولالىساق تەستىقلايلى. چۈشەنمىسەك تەستىقلىمايلى. ئارقىدىن Erkman مۇ «سەن بىلەن تالاشقۇم يوق ناسارا ئاداش! 4-دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىپ مۇنبەرداشلىق قىل!»    ئەستاغپۇرلا....  ....  نىمە دېسەك بولار؟.... دوستلۇرۇم «ناسارا»  دېگەن نىمە گەپ؟  بىلىپ دەۋاتامسىلەر؟ .... بىلىپ تەستىقلاۋاتامسىلەر؟....  ناسارا بولسا ئەشۇنداق گەپنى قىلامدۇ؟.... 4- دوختۇرخانىغا بىرىپ كەلگەندىن كېيىن شۇ گەپنى قىلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق ئوخشىمامدۇ؟.... قانداق تىتىقسىز بىمەنە گەپ بۇ.

          ئەزا naser نىڭ گىپى ھەددىدىن ئېشىپ كىتىپتۇ. بىمەنىلىكتە چەككە يىتىپتۇ. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئوھۇي! ئەرجاڭمەن  ئاداش قەشقەرلىك سىنى نىمە قىلغانتى ئالامەت خەلق دەپ كىتىپسەن ،قەشقەرلىك ساڭا ئالامەت ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويغانمىتى يا»  .  ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەمدىغاندۇ؟.... كەينىدىكى گەپنى بولدىلا دېمەي....   ئاچچىقتىن ئۆتۈم ئۆرتەۋاتىدۇ.

          نىمە دېگەن مەسئۇليەتسىزلىك بۇ.  كىم تەستىقلىدى؟.... ئۇيغۇرنى مۇشۇنداق تالاشتۇرۇپ. ئېتتەك سوقۇشتۇرۇپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرماقچىمۇ؟ ئۆزىڭىزچە مەسئۇليەتتىنى ياخشى ئادا قىلغان ئوخشىمامسىز؟ ئەسلىي شۇنداق زوق ئالىدىغان تېما ۋە مەزمۇن ئىدى. مانا پوق يىگەندەك قىلىپ قويدى. شۇڭا يۇقارقى ئەزالارنى ۋە شۇلارنى تەستىقلىغان باشقۇغۇچىنى قوشۇپ جازالاش كېرەك. جازالاشنى ئوچۇق ئېلان قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن. سىلەر بولدى قىلساڭلار مەن بولدى قىلالماۋاتىمەن. ۋاقتىدا ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنسا.

         تەكلىپ: شۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆچۈرۋىتىپ(ئىنكاسنى ئۆچۈرمەي، مەزمۇننى ئۆچۈرۈش)، جازالاش توغرىسىدىكى مەزمۇننى چىقىرىپ قويساڭلار. ھەممەيلەنگە ئىبرەت بولغاي. ھەم قانچىلىك دەرىجىدە جازالانغىنىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويساڭلار. ساق بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن بىراقلا ئۆچۈرۋىتىلسە. بۇ مېنىڭ ئىنكاسىمنىمۇ شۇنداق. ئەسلىي تېما ۋە بىر قىسىم غەيرى بولمىغان ئىنكاسلارلا قالسا بولىدۇ. بۇ گەپلەر تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ماڭا باشقىچە پىكىرى بولسا، ماڭا سۆز قالدۇرسا بولىدۇ. تەنقىد
بەرسە قوبۇل قىلىمەن.
           تەستىقلاش تۈزۈمىدىكى مەسئۇليەتسىزلىك ئىشىنى ئۆزۈڭلار ئىچكى قىسىمدا مۇزاكىرە قىلىپ، بىۋاستە مەسئۇلىيەت كىلىدغان باشقۇرغۇچى ئۆزىنى تەكشۈرشى، مۇۋاپىق ئېرىشكەن مېدال، ئۇتۇق ۋە باشقا بەھىرلەردىن مۇۋاپىق جازالىنىشى كېرەك. بۇندىن كېيىن يەنە بۇنداق تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردىغان ئىش بولسا. ئەڭ ياخشىسى ھۆكمەت باشقۇرشىدىكى مۇنبەر دەيدىغان گەپنى قىلماي، شۇ كىشىنىڭ نامىدىكى مۇنبەر دەپ ئاتىغىنىڭلار ياخشى. دېمەكچى بولغىنىم، «كېچىككىنە قىڭغىرلىق، كەينىدىكى يولدىن چىقىپ كىتىشنى كەلتۈردۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن خالاس. چوڭ نىشانغا يەتمەك ئۈچۈن، تەلەپنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە رەشەنلەشتۈرۈش كېرەك. گۇڭگا بولسا، نەتىجىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. »


         بۇ يەردىكى گەپلەر پەقەت مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلار ۋە شۇ ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مۇشۇ تېمىدىكى ئەھۋالىغا قارتا دېيىلگەن. باشقا تېمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرى بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كاللا قىزىپ قالغاندا شۇنداق بولۇپ قالغان چىغى دەپ ئويلاپ تۇرايلى، مېنىڭمۇ ئۇ ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلار بىلەن ھىچقانداق شەخسىي ئاداۋىتىم يوق. گەپمۇ دەل مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارغىلا قارتىلغان.

مېنىڭ بۇ يەردە شۇلار بىلەن ياكى يەنە بىرسى بىلەن ئارتۇق گەپ تالىشىپ يۈرگۈم يوق. ياكى بولمىسا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويۇشنىمۇ ئەسلا ئويلىغىنىم يوق، قارىساملا كۆڭلۈم غەش بولۇپ، ئىككى قىرىندىشىم گەپ تالىشىپ ئولتۇرسا، ئالا چوقا سۆزلەپ يۈرسە، تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ۋە باشقۇرغۇچىلارغا قورسۇقۇم كۆپۈپ قالدى.  كۆپچىلىك كەچۈسىلەر. سەل قايناپ قالدىم.مەندىن ئۆتكەن يەرلەر بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلەر، مەن تۈزىتەي.

ياخشى سۆز، ياخشى مۇھىت، ياخشى ئەزا، ياخشى باشقۇرغۇچى مۇنبىرىمىزدە بارلىققا كەلسۇن.   


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى  2011-10-12 01:44
«چاق چاقتىن جاق - جاق چىقىدۇ.»  بولۇپ قالمىسۇن....  

مۇنب ...


    مۇنبەردىكى ئەزالارغا بىر تەكلىپ ، مۇنبەرنى بىز ئۆز ئارا ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان . ھەرگىزمۇ بىر بىرىڭلارنى سۆكۈش ، چىشلەپ تارتىشىش ، غاجىلاش ئۈچۈن قۇرمىغان . شۇڭا ئامال بار مۇنبەردە قالايمىقان گەپ - سۆزلەر بولۇنمىسا . بولۇپمۇ يۇرتنى ، ئاتا - ئانىنى ، كىشىلىك غورۇرنى دەپسەندە قىلىدىغان ، مازاق قىلىدىغان ئىش - ھەرىكەتلەر كۆرۈنمىسە . شۇڭا بىزمۇ دەسلەپتە بۇ تېمىنى ‹‹ قەشقەر كىشىلىرىنىڭ خاس گەپلىرى ›› دەپ ئالغان . قەشقەرلىكلەرنىڭ بۇنداق سۆزلىشى ئۇ دېگەن بىر خاسلىق . ئۇلار شۇ ماكاندا ياشاپ شۇنداق سۆزلەپ ئۆگىنىپ قالغان ، ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك سېسىق گەپ قىلمايدۇ . بىز بۇ تېمىنى يوللاشتىمۇ ئاساسلىقى مۇنبەر ئەزالىرىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلغان . شۇڭا ئەزالارنىڭ تېمىنى ئوقۇپ بەدىئىي زوق ئېلىشىنى ھەرگىزمۇ بۇنى مىللەت ، يۇرت مەسلىسىگە كۆتۈرۈۋەتمەسلىكىنى ، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىپ ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز .
    بىلىگئەرنىڭ تەكلىپى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولدى ، بۇنى مەنمۇ قوللايمەن ، مۇنبەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ، ياخشى تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:32:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشغەرلىك ئۇيغۇرلانىڭ ئاساسى قارلۇق قەبىلىسىگە تەۋە، قارلۇق قەبىلىسى ئىلىمخۇمار خەلق، كاشغەر خەلقىنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرى شۇ قارلۇقلاردىن قالغان، دەپ ماختىماقچىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-12 12:17  



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 12:22:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقىر ئۆزۈمنىڭ گەپنى «كاشغەرلىك بۇ قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئالامەت بىر خەلق-دە» دېگەن كاشغەر ئۇيغۇرلىرىنى ماختىغان جۈملەم ئۈچۈن جازالىنىشقا لايىقمەن ھەم بىلگئەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە قازى-قۇززاتلارنىڭ ئەڭ مۇدھىش جازا بېرىشىنى قوبۇل قىلىمەن!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
414
تۆھپە
316
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 00:35:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىگئەرنىڭ پىكىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ.مەنمۇ مۇنازىرىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:40, Processed in 0.072542 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش