كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 13

ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 01:28:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى


قۇياش ئۇ ئۇپۇقنى سۆيمىگەن تېخى،
شۇ قەدەر لەززەتلىك، شەربەتلىك يېغى،
«مىڭ يەردىن تامىدۇ گۈزەللىك يېغى»،
يۈرەككە سانجىلار كىرپىكلىك تىغى،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ نۆۋەر چېغى!!!



بۇلبۇلنى مەست قىلغان باغدا گۈل-لالە،
كۆڭۈلنى شاد قىلغان ئالتۇن پىيالە،
ھەتتاكى قۇياشمۇ بولۇپ مىڭ پارە،
گۈزەللىك ھۆسنىگە ياپالماس سايە،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ زەر-گۆھەر چېغى.


ئوتتۇزغا بارغاندا ئايالنىڭ يېشى،
چۆرگىلەر بېشىدا تۈگمەننىڭ تېشى،
كۆزىدىن ئاقسىمۇ بۇلدۇقلاپ يېشى،
ۋە لېكىن ئۇزلۇقتا يوقتۇر تەڭدىشى،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.



ئائىلە، پەرزەنت، خىزمەت ئىشقىدا،
يۈرۈيدۇ پايپېتەك...جانلىرى پىدا،
ياسايدۇ بەختلىك، ئىللىق بىر ئۇۋا،
بىلەمسەن، پاك قەلبى نېمىگە شەيدا؟!
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.


تاشلىدى يىراققا بەڭباش خىيالنى،
ئويلىماس بۇرۇنقى شېرىن ۋىسالنى،
جېنىدىن ئەزىزلەر ئۆيدىكى يارنى،
قەدىرلەر ئىناقلىق تولغان گۈلزارنى،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.


يېتىلگەن دىت، ئەقىل، ئىزگۈ پاراسەت،
خۇلقىدىن نامايەن ئوتلۇق نازاكەت.
تاشقىمۇ بېغىشلار ئىللىق ھارارەت،
ئالەمگە تارقىتار سۆيگۈ-ساداقەت،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.


تاڭ سەھەر قۇياشمۇ قىلغۇسى تازىم،
كېچىسى ئاي، يۇلتۇز بولۇر مۇلازىم،
يولۋاسمۇ ئالدىدا بولۇپ مۇلايىم،
باش ئېگىپ دەر تېخى «ھە نېمە لازىم؟»
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.



سورىسا يېشىڭنى، «ئوتتۇزدا مەن» دە،
ئوتتۇز رەت سايرىسۇن، بۇلبۇل چىمەندە،
ھەر كۆڭۈل شادلىقتىن ئەيلىسۇن خەندە،
ئۆمۈرلۈك بەختكە بولغاچ پەيۋەندە،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.


كەپ تۇرسا ئۈزۈلمەي بايرام قاتمۇقات،
بوپ تۇرسا ھەر كۈنى «8-مارت»،
قىزلارنىڭ دۇنياسى بوپ تۇرسا ئاۋات،
نۇر بىلەن بېزەلسە بىزنىڭ بۇ ھايات،
ئوتتۇز ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى.


ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 12:40:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،يەنىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى يىزىپ چىققايسىز


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قەمبەرنىسا
تىللا
194
تۆھپە
59
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 13:01:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ! نېمىدىگەن گۈزەل مىسرالار !
بۇ شېئىرىڭىزنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقىپتىمەن!
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن !


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 15:07:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىركەن . تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
173
تۆھپە
54
UID
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانداق پېچەت.....بىراق مېنىڭ 30غا كىرگۈم يوق !


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:02:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پاساھەتلىك لىرىكا، ئورتاق بەھىر ئالايلى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 22:20:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇز شىئىركەن. چوققا گۈزەل تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ھارمىغايسىز.


Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
57
UID
764
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 03:37:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكانىتلار قېتىرقىنىپ ياخشى بىر مىلودىيەگە سالسا ، ھازىرقىدەك ~~~~~~~~~~~~~~مىسرالىق ناخشىلارنىڭ ئورنىغا ~~~ قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن !


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 10:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇغا قارىسىلا «ئوتتۇز نەپەر ياش ئايالنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى» دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن! ئېنىقلىق دەرىجىسى سەل تۇتۇق! خۇددى «ئاچچىق-چۈچۈك مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى» دېگەندەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-10 17:08  



Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
3
UID
827
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 16:24:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ.پىكىرلەرمۇ ناھايىتى چوڭقۇر.
ھەقىيقەتەنمۇ 30 ياش بىز ئاياللارنىڭ تۇلىمۇ قىران چاغلىرىمىز.
گەرچە سىز ئايال بولمىسىڭىزمۇ ئاياللارنى ناھايىتى چۇشۇنىدىكەنسىز.
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزە ئۇتۇقلار يار بوسۇن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
414
تۆھپە
316
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 16:44:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل چىقىپتۇ. ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!


Rank: 2

ئىسمى
ئوغۇزخان
تىللا
84
تۆھپە
25
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 17:14:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى 30 ياشتىن ئۆتكەندە ئاندىن ھەقىقى پىشىپ يېتىلىدۇ. مەيلى كۈيۈنۈش، مىھرىبالىق، مەسئولىيەت، تەمكىنلىك ۋە باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ھەقىقى ئاياللارغا خاس ماھىيەتنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە تۇنۇپ يېتىدۇ. شۇڭا 30 ياشلىق ئاياللار ئەڭ ئالتۇن ئاياللار ھېساپلىنىدۇ. ئۇلاردا ياش قىزلارغا خاس تەنتەكلىك، بىپەرۋا قاراش كەيپىياتلىرى بولمايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
490
تۆھپە
303
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 19:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئوتتۇز ياش ئايال كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى ھىسابلىنىدۇ!


Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
15
UID
851
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 20:26:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. بارىكاللا!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:35, Processed in 0.065162 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش