抓自己身体,知他人痛痒。
پىچاقنى ئۆزەڭگە سال،
ئاغرىمىسا ئۆزگىگە.
砖头漂不出水面。
سۇ ئۈستىدىن خىش لەيلىمەس.
庄稼不负勤劳人。
ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي.
庄稼人看天,打鱼人看湖。
ساتراش باشقا قارايدۇ،
ياماقچى ئاياغقا.
庄稼要好,水肥要饱。
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،
يامغۇر بىلەن يەر.
捉鸡也要两把米。
توخۇنى توتۇش ئۈچۈنمۇ ئىككى چاڭگال دان كېتىدۇ.
捉贼凭赃,打人凭伤。
ئوغرىنىڭ ئوغرىلىغان مېلىغا قارا،
«تاياق يېدىم» دېگەننىڭ يارىسىغا (قارا).
捉贼捉赃,捉奸捉双。
ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت،
زىناخورنى تۇتساڭ جۈپتى بىلەن .
自屎不觉臭。
ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەپتۇ.
自己不喝酒,疾妒人脸红。
بارنى كۆرسە كۆرەلمەيدۇ،
يوقنى كۆرسە بېرەلمەيدۇ.
自夸没人爱,残花没人戴。
نەزىرى ئۈستۈن، نەرخى پەس.
做事没计划,盲人骑瞎马。
پىلانسىز ئىش- قېلىپسىز خىش.
做事要做到头,杀鸡要杀断喉。
قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
做一辈子狐狸,让鸡啄了眼睛。
تولا توخۇ ئوغرىلىغان تۈلكىنىڭ كۆزىنى بىر كۈنى توخۇ چوقۇلار
做贼人心惊,偷食人嘴腥。
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
做贼只为头针起。
ئوغرىلىق بىر تال يىڭنىدىن باشلىنۇر.
做做力出,缩缩病出。
ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،
ھۇرۇندىن «ئۇھ».
嘴巧不如手巧。
گەپتان بولغۇچە ئىشچان بول.
嘴上无毛,办事不牢。
بالا، قىلغان ئىشى چالا.
最好的眼力也看不到自己的耳朵。
كۆزۈڭ ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ قۇلىقىڭنى كۆرەلمەيسەن.
最坏的车轮声最响。
ئەسكى ھارۋىنىڭ ئاۋازى قاتتىق چىقار.
坐吃山空海也干。
يېتىپ يېسە تاغمۇ توشۇماپتۇ.
坐得穿透稳,不怕浪来颠。
قېيىقتا ئولتۇرۇشۇڭ مەھكەم بولسا، دولقۇن ئۇرۇشتىن قورقما.
坐轿不知抬轿苦。
رىكشىدا ئولتۇرغان غوجام رىكشىچىنىڭ دەردىنى بىلمەپتۇ.
做到老,学到老,还有三分没学好。
بىلىم چەكسىز، ئۆمۈر چەكلىك.
做活没技巧,吃力不讨好。
ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
做事不依众,累死也无功。
ئاممىنىڭ رايىغا بېقىپ قىلمىغان ئىش،
يامغۇردا قويغان خام خىش.
肉割不深。
ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى كېسىشكە كۆڭلى ئۇنىماپتۇ.
纵虎归山,必有后患。
يولۋاسنى تاغقا قۇيۋەتسەڭ ئۆزەڭگە بالا تاپىسەن.
走遍天下爱勤人。
ئىشچان ئادەم خار بولماس.
走不尽的路,知不尽的理。
يولنىڭ ئاخىرى بولماس،
بىلىمنىڭ چېكى ( بولماس).
走江湖的卖假药。
ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
走走看看,不如亲手干。
كۆرۈپ باققۇچە قىلىپ باق.
卒子过河大似车。
كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
卒子过河,意在吃师。
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.
攥紧的拳头有力量。
بارماق ئۇيۇشسا مۇشت بولۇر.
嘴紧的不会长庄稼。
قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
鱼怕塘干,人怕闲荡。
بېلىققا سۇسىزلىق خەتەر،
ئادەمگە ئىشسىزلىق.
鱼网遮不住太阳,谎言善不真理。
قۇياشنى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس.
鱼为诱饵而吞钩,鸟为谷秕而落网。
بېلىق يەمگە قىزىقىپ قارماققا ئىلىنار،
قۇشقان دانغا قىزىقىپ قىسماققا چۈشەر.
与人方便,自己方便。
قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
雨天蛇出洞。
ئوغرى قاراڭغۇغا ئامراق.
欲知前边路,须问过来人。
ئالدىڭدىكى يولنى بىلمەكچى بولساڭ،
ئۇدۇلدىن كەلگەن يولۇچىدىن سورا.
遇早知泉甘患难见真友。
دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
冤家路窄。
رەقىبلەر ئۈچۈن يول تار.
远来和尚好念经。
يىراقتىكى موللام دا موللام،
يېقىندىكى موللام جا موللام.
远亲不如近邻,近邻不如对门。
يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى.
远水不解近渴。
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
远贼必有近脚。
يىراقتىكى ئوغۇرنىڭ شېرىكى مەلەڭدە.
月无常圆,花无常开。
ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار،
يامان كۈننىڭ ياخشىسى.
越怕越见鬼。
قورققانغا قوش كۆرۈنەر.
越碰钉子,越有心眼。
ئوڭۇشسىزلىققا قانچە كۆپ ئۇچرىغان، شۇنچە ئەقىللىق بولۇر.