كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 5

بىزگە قانداق ئانىلار كىرەك؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 14:05:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن


«ئانا» - ئۇيغۇرلارغانىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. «ئانا» - ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كېلىپچىقىشنىڭ سىمۋولى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكىتەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا - ئالەم، ئانا - بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار «ئانا»نى مەركەز قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «ئانا»نىسۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئانا - ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭمەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا - ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇچۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىزبىئولوگىيىلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىقبىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقىياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر»دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىقتۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىنئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا» ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ: ئۇلار ئانىلارنىڭمېھىرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىرىنى، پەرزەنتئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى، ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمىنى ناخشا-قوشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى، VCD قىلىپ ئىشلەپ، بازارلارغا سېلىشتى. لېكىن، ئانىلىقنىڭ تېگى-تەكتى ۋە پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى. بۈگۈنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتەئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بولۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلادلارنىڭ قەلب ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر- شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقىئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزۇتۇۋېتىپ، ئىپتىخار قىلىشاتتى، ئۇلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغىنىدا كۆزلىرىنى «مىت» قىلمايتتى، بەلكى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى كۆپىنچەئانىلار بولسا بالىلىرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارىغۇلارچە مېھىر-شەپقەت - بولۇمسىز ئەۋلادلارنىيېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق، بۇخەلقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقياستا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ئانا» ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راساپىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىرقەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ:

«ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستاپا رازى»

دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىنخۇدا رازى. مەشرەپنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما، بۇ پرىنسىپشېئىرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغاچقا، قويۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە. پرىنسىپلارنى ھېسسىياتلاشتۇرۇش شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېئىرىي قايناق. كۆيۈم - ئانىلاردىكى ئىنسانىي سۈپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار «ئانا»لىقنىڭ ئۆلچىمىنى «كۆيۈم» بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭئۈچىنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭ تاكاممۇل ئىپادىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق، پەرزەنتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلىگەندىلا، پېداگوگىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقادنىچۈشەندۈرەلىگەندە ۋە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۆيۈنگەندە، ئېتىقادنى پرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتىقادنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانائۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئەتنى مۇقەدەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانائۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىنئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ.
ھېكايەت: بىر ئايالنىڭبىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنىياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ، ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا، ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۈرگىنى مەلۇم بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچبىرئىككىلەنمەي ئوغلىنى قەتلى قىپتۇ. كېيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا سودا قىلغانىكەن، بۇنىڭدىن ئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭبۇرچىنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بولۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتلى قىلغان بىر ئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەربىر مىللەتنىڭئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئانا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.
تۇمارس - ئانىلىقپەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي ئانىلارنىڭ بىرى. كەيخسىراۋ ماساگىتلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندە، تۇمارس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ، ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپكەيخسىراۋنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنىئالىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۈگۈنكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز. ئانىلاردا باتۇرلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، زامانغا لايىق پاراسەت، ئەخلاقىي چىركىنلىككە قارشىتەقۋالىق بولۇشى كېرەك بولماقتا.
ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنىئايىساڭ بالاغا قالىسەن» دېگەن گەپ بار. ۋاپاسىز بالىلار - ئانىلىقنى نوقۇل كۆيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ئاددىي ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا. ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بولىدۇ. ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ، لېكىن، بارلىقسۈت ئەمگۈكچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد ۋە دۇنياقاراش بىلەن تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان-شەرىپى. شۇنداق بولغاچقىلا، ئانىلىق - سۈت بېرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى، پەرزەنتلەرنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش.بالىلىرىمىزمەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.
ئانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ قەرزدار.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 17:24:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ھەربىر ئەسەرلىرىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىمەن...


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 18:21:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قۇلىنى بىر تۇتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mungdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-7 18:23  



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 18:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mungdax يوللىغان ۋاقتى  2011-10-7 18:21
ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قۇلىنى بىر تۇتىۋا ...


ئۇنداقتا، ئۈرۈمچىگە بارغاندا بىر كۆرۈشۈشنى ئۇنتۇماڭ ئەمىسە!


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
18
UID
727
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 23:00:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى قىزلار نىمە بوپ كەتتى تاڭ ، كىيىن ئۇلار قانداقمۇ ئانا بولار . تۇغالامۇ دەيمەن مەن ئۇلارنى


Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
11
UID
841
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 13:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بەزىدە ئويلانسا يۈرىكى ئېچىشىدۇ . ئۆزەم ئۆزەمگە پاتمىغاندەك بولۇپ كېتىمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:30, Processed in 0.059738 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش