كۆرۈش: 437|ئىنكاس: 18

قۇتيار تورىدىن تەڭرىتاغ تورىغا چوڭقۇر سالام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
85
تۆھپە
38
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 00:42:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا چوڭقۇر سالام
(يەنە قوشۇمچە سوۋغات)




ئەسسالام قېرىنداشلار:
      تەڭرىتاغ تورى ئېچىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ كەڭ-كۇشادە مۇنازىرە قىلىشىغا داغدام يول ئېچىلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. بۇ بىر بىلىم سورۇنى، ئىلىم ئىگىلەش سورۇنى، بىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى يارتىپ بەرگىنىگە تولىمۇ خۇرسەنمىز. كۆپ رەھمەت.
       ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك، تۆت يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە(بۇ ئىشنى تۇنجى بولۇپ ئالىمجان دېگەن يىگىت باشلىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ)تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ كىنو ھەۋەسكارلىرى ھەم كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەر(بولۇپمۇ ئانا تىلغا ھۆرمىتى چوڭقۇر كىشىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان تەشنالىقىنى مەلۇم جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ، يەنە شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرمۇ تىل-يېزىق ئىشلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور پايدىسى بار.قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىلا تىلنى پىششىق ئىگىلىشىگىمۇ پايدىلىق دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.)نىڭ مەنىۋى تەشنالىقى دەسلەپكى قەدەمدە قاندۇرۇلدى.بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىنو ھەۋەسكارلىرى جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلەپ داڭلىق فىلىملەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندى. بۇ چوڭ ئىشلارنىڭ سەركىسى بولغان قۇتيارئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى(ئۆتمۈشتىكى بىلىك-ئىنتىل ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى) دەل مۇشۇ جاپاكەش فىلىم ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاۋانگارت كىنوچى قوشۇن. يېقىندا بۇ گۇرۇپپا ئۆزىنىڭ مۇلازىمېتىرىنى ئىشقا سېلىپ كۈلكە ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزىگە خاس مۇكەممەل بىر تور پونكىتى(http://www.qutyar.net)نى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان 100دىن ئارتۇق خەتلىك فىلىملەرنى تورغا يوللاپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالدى. قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى روك(ئالىمجان) كۈلكە(يۈسۈپجان)ۋە مۇڭلان( ئەكبەرجان)ئەپەندى بۇ جەرياندا ئاز جاپا تارتمىدى.ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئاسان ئىش ئەمەس ئۇ تورداشلاردىن يۇقىرى تەلەپلەرنى كۈتىدۇ.ئانا تىلغا پىششىق بولۇشتىن باشقا يەنە پولاتتەك كاسسا بولۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.ئىلگىرى ئوتتەك قىزىپ پوقتەك سوۋۇپ كەتكەن تورداشلارمۇ بولغانىدى(چۈنكى بۇ بەك قىيىن خىزمەت،بىرسى سىزگە پۇلمۇ بەرمەيدۇ-دە....شۇڭا).دېمەك،بۇ چوڭ خىزمەت،ئاددىي ئەمەس،بۇنىڭ ئۈچۈن قۇتيار تورى يەنە نۇرغۇن خالسمەن كىشىلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج.



بۇ كارتوننى چۈشۈرۈپ ھۇزۇرلىنىڭ



        گەپنى يىغاي ئەمدى. قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھەقىقىي ئىلغار گۇرۇپپا بولۇپ چىقىشى ھەم باشقا گۇرۇپپىلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك سۈپەتلىك ، ياخشى گۇرۇپپا بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكى بارلىق كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەم تېخنىكلارنىڭ قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىغا يىغىلىپ مۇشۇ تور بېكەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى،كىنو ئىشلىرىنى مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
        ئۇشبۇ سەۋەبتىن، قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىغان قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ نادىر كارتونلىرىدىن بىرى بولغان<<ئويناق قوزىچاق>>نى ھەقسىز بەھرە ئېلىشقا سۇندى(دىققەت:گەرچە بۇ فىلىمنىڭ نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى بولمىسىمۇ يەنىلا فىلىمنى سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن نەشر ھوقۇقىغا چېتىلىپ قالسىڭىز پۇشايماندا قالىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرمەيسىز!)،قېنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ شۇنداقلا تەرجىمە فىلىمگە ياكى كىنو ساھەسىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق ئىشلىرىغا ۋەياكى قۇتيارنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى بېرىڭ.سىزنىڭ مەدىتىڭىز قۇتيار تورىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى كەمكۈتسىز ئەمەس بىراق% 100بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى كىنولارغا قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز دەرھال قۇتيار تور بېكىتىگە كىرىڭ، ئاجايىپ ئېسىل ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنولار سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.قۇتيار ئۇيغۇرچە
خەتلىك فىلىم تورى تەڭرىتاغ مۇنبىرى بىلەن بىرلىكتە تور دۇنياسىدىكى بۇ ساھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئىشەنچى بار.مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا دائىم سۇنۇپ تۇرىدۇ.



ھۆرمەت بىلەن قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

2011-يىلى6-ئۆكتەبىر



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:07:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ، يىڭىلىقكەن .ئاۋال بىر چۈشۈرۈپ ئۇكامغا بىر قويۇپ بىرەي .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

ئىسمى
تەدبىركار
تىللا
27
تۆھپە
11
UID
133
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنىڭ قانچىلىكلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن ، ھەقىقەتەن تەشەككۈر سىلەرگە .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭلارغا مەرھابا . تەڭرىتاغ تورى سىزنى ۋە تەرجىمە فىلىم قوشۇنىڭىزدىكى بارلىق دوسلارنى قارشى ئالىدۇ . مۇمكىن بولسا كىيىنكى تېىمىلىرىڭىزدا ماقالە تېمىسىىغا مۇھىم سۆزلەرنى تېما قىلىپ يازىسىڭىز ، مەسىلەن سىز تونۇشتۇرغان ياكى بىزگە تەمىنىلىگەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ ئىسمى دىگەندەك . كىيىنچە ئىزدەشكە قولايلىق بولىدۇ .
مەسىلە مۇنداق تېما قويۇڭ : قۇتيار ( كىنو ئىسى ) ( قايسى دۆلەتنىڭ )
ئىشىنىمىزكى تور بىتىڭىزدە يىڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلگۈسى . ئۇندىن باشقا چۈشۈرۈشنىلا تەمنىلىمەي بىۋاستە قويىدىغان ئىقتىدارنىمۇ سەپلسىڭىز تىخىمڭ ياخشى بولىدۇ . نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز تورخانىدا تورغا چىقىدۇ ياكى چۈشۈرۈشنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ ، تەڭرىتاغ تورى يىقىندا بىر فىلىم قانىلى ئاچماقچى ، شۇ چاغدا مۇمكىن بولسا سىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 4

تىللا
290
تۆھپە
172
UID
677
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:21:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى خەۋەركەن مەن ئەمدى ئاڭلىدىم !


Rank: 4

ئىسمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
332
تۆھپە
201
UID
123
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:27:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ياخشى ئىش بار دەڭ ، ھەمنىم بولسا ئىنگىلىسچىنى ئۇقمايدىغان ئۇكىلىرىم يېڭى كارتون فىلىملەرنى كۆرەلەيدىغان بوپتۇ . تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بەرسەڭلار بولغۇدەك .
بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي ، بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىسىڭىز بۇ تېما ئۆزلىكىدىن ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:28:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...
مەن سىلەر تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن


Rank: 4

تىللا
249
تۆھپە
95
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:46:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنونى كۆرۈپ بولدۇم ،ياخشىكەن


Rank: 4

تىللا
249
تۆھپە
95
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:48:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار تورىغا رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 02:30:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنىڭ قانچىلىكلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن ، ھەقىقەتەن تەشەككۈر سىلەرگە .


Rank: 1

ئىسمى
تەدبىركار
تىللا
27
تۆھپە
11
UID
133
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 04:05:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يىقىندا ھەقلىق ئەزا بولاي دەپ ئولتۇرغان .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
804
تۆھپە
492
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 10:53:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورىنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە تەشەككۈر. ياخشى ئىشلەپسىلەر. تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى خەلقىمىزگە سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھارمىغايسىلەر.


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
707
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 13:18:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-7 01:17
قەدىمىڭلارغا مەرھابا . تەڭرىتاغ تورى سىزنى ۋە تەرجىمە  ...

بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، بىزنىڭ بېكەتتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش توخـتاپ كەتكەن، ھازىر پەقەت توردا تۇرۇپلا كۆرگىلى بولىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 17:44:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار تورىغا تەشەككۈر! شان- شەرەپ تىرىشچانلارغا مەنسۇپ.


Rank: 2

ئىسمى
بۆرەيار
تىللا
43
تۆھپە
23
UID
718
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 23:27:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 12:01:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەىسىمنى بىۋاستە يوللىساڭلار بوپتىكەن ، باشقا تور دىن ئۇلىنىش قىلغاچقىمۇ بەك ئۇزۇندا ئىچىلىدىكەن .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 2

تىللا
85
تۆھپە
38
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 12:22:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى كارتوننى كۆرگەنلەر يوقمۇ نېمە؟ يارىدىمۇ يا؟ بۇندىن كېيىن رەسىمنى بولىدۇ، مۇشۇ مۇنبەرگە بىۋاسىتە يوللاي...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
338
تۆھپە
157
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 15:31:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز! بولسا مودا بولۇۋاتقان نادىر ناخشىلارنىمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرسىڭىز، بەھر ئالساق.


قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!

Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
6
UID
708
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 19:02:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىدە يوللىغان ۋاقتى  2011-10-9 15:31
ياخشىمۇسىز! بولسا مودا بولۇۋاتقان نادىر ناخشىلارنىمۇ  ...

ئۇنداق ناخشىلارمۇ بار ،ئاشۇ مۇنبەرگە ئانچە-مۇنچە چىقىپ تۇرسىڭىز ناخشىلار ئۇچراپ قالىدۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:15, Processed in 0.070569 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش