كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 10

2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك ئادىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
راخمان مامۇت
تىللا
147
تۆھپە
58
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 16:28:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى

قانچىلىك ئادىمى قازا قىلغان؟


5- ئاينىڭ 9- كۈنى روسىيەنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا زادى قانچىلىك ئادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھازىرغىچە سىر بۇلۇپ تۇرماقتا.
ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى كەلسە نۇرغۇن نوپۇزلۇق مۇتىخەسىسلەر بۇ ھەقتە تۈرلۈك سانلارنى ئېلان قىلىدۇ. روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، سىتالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئادىمى 10 مىليۇن دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما گورباچىۋ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ سان 27 مىليۇنغا ئۆزگەرگەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم تارىخشۇناسلار بۇ ساننى 42 مىليۇنغا يىتىشى مۈمكىن دەپ قارىماقتا. ئۇنداق بۇلىشى سابىق سوۋېت ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ ئارخىپلىرى ھازىرغىچە تولۇق ئاشكارلانمىدى. تارىخشۇناسلار ئاشكارلانغان ئارخىپلارنىڭمۇ زادى قىممىتى بار ياكى يوقلۇقىدىن گۇمانلانماقتا. بەزىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئارخىپلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشىغا ھېلىھەم خېلى ۋاقىت كىتىدۇ ....... دىيىشمەكتە.
5- ئاينىڭ 5- كۈنى روسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىر قۇربانلار خىزمىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىكساندىر كىرىلىن موسكۋادا مۇخبىرلارغا 1941- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىي 26 مىليۇن 600 مىڭ ئادىمى چىقىم بولغان، ھەربىيلەردىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 8 مىليۇن 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ ئاشكارلىدى.
كىرىلىن مۇنداق دېدى: يىراق شەرق رايۇنىدىكى ئۇرۇشلارنىمۇ قوشۇپ ھىساپلىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار (ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار، ئېغىر يارلىنىپ قۇربان بولغانلار ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قايتىپ كەلمىگەنلەر) جەمئىي 8 مىليۇن 668 مىڭ 400 گە يەتكەن.
ئۇ يەنە ماۋۇلارنى ئاشكارلىدى: ئۇرۇش مەزگىلىدە جەمئىي 29 مىليۇن 500 مىڭ ئادەم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان. 1845- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ سانى 11 مىليۇن 390 مىڭ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار بىر مىليۇن 46 مىڭ ئىدى. سوۋېت ئارمىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش نىسبىتى 1.3:1 بۇلۇپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىدىن تەخمىنەن 6 مىليۇن ئادەم، ئىتتىپاقداش قوشۇنلاردىن 806 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان.

مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=1163


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
14
UID
605
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 18:47:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روس لارنىڭ گىپىگە ساراڭ مۇ ئىشەنمەيدۇ ،،،  بۇ خەق تارىختا ھەممە قەۋىمنى ئالداپ قويۇپ لەنەتكە قالدى. تىما ئىگسىگە تەشەككۈر.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
967
تۆھپە
288
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 18:52:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازا قىلغان ئادىمى ھەقىقەتەن كۆپكەن. ئۇلار ئەنە شۇ ئادەملەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە گېتلىر ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتىنىنى قوغداپ قالغان بولسا كېرەك.
يەنە بىر جەھەتتىن، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان دۆلەتلەر نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەتكىمۇ ئېرىشكەن. بولۇپمۇ، ستالىن دۆلىتىمىزدىن يالتا يىغىنىدا پۈتۈشكەندىنمۇ كۆپرەك پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغان، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ دۆلىتىمىز تىرىتورىيە خەرىتىسىدىن ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن.




ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 2

ئىسمى
ئەخمەتجان
تىللا
98
تۆھپە
48
UID
205
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 18:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 19:20:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    پۈتۈن ياۋروپانى بېسىۋالغان ناتسىس گېرمانىيەسىنى روس ئارمىيەسى موسكىۋا شەھىرىگە بىر نەچچە كىلومىتىر قالغاندا ئارقىغا چىكىندۈرۈپ، تاكى بىرلىن شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، گېرمانيەنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ تارىختىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن زور ھەم ئۇلۇق. ناۋادا ئۇنداق بولمىغان بولسا گېتلىر پۈتۈن ياۋروپانى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قىلىپ قۇرۇو چىققاندىن كىيىن، ئاندىن ئاسىياغا، جۈملىدىن بىزنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلمايتى دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟، بىز يەنىلا روس ئارمىيەسىنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 20:02:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالتا يىغىنىدىكى ئاشكارلانمىغان سىرلار ئىچىدە بەلكىم قانچىلىك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىق سانلىق مەلۇماتى باردۇ...


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 21:47:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئارقىلىق 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى

قانچىلىك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. سىزگە ئاپىرىن.


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
راخمان مامۇت
تىللا
147
تۆھپە
58
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 21:49:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haltakoqa يوللىغان ۋاقتى  2011-10-6 19:20
پۈتۈن ياۋروپانى بېسىۋالغان ناتسىس گېرمانىيەسىنى رو ...

راس دەيسىز، بىزنىڭ شىنجاڭمۇ مىستەملىكىچىلىك خەرىتىسىنىڭ سىرتىدا قالمىغان. گېرمانىيە بىلەن ياپونيە مۇستەملىكە خەرىتىسىنى سىزىشقاندا، ياپونىيە شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تېنچ ئوكيان رايۇنلىرىنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا شىنجاڭدىن ھالقىماسلىقنى بىكىتكەن. گېرمانىيە پۈتكۈل ياۋروپا رايۇنى، شەرقىي ئافرىقا رايۇنى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان. ئۇمۇ شىنجاڭدىن ھالقىماسلىقنى، قايسىسى بۇرۇن يۈرۈش قىلسا شىنجاڭدا تۇرۇپ قېلىشنى بىكىتكەن. ئەمما ئىش ئۇلارنىڭ ئويلۇغۇنىدەك بولماي قالغان.


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
6
UID
598
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 00:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشنىڭ خېلى ئۇزاق ۋاقتى سوۋىت ئىتىپاقى تۇپرىقىدا بۇلىشى، ئەسكەرلەرنىڭ ساپاسى ۋە قورال_ جابدۇق سۈپىتى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن سوۋىت تەرەپنىڭ چىقىمى كۆپ بولغان.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 17:52:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيي ئۆلگەن ئادەم سانىنى ئۈچكە كۆپەيتىۋەتسەكلا ئۆلگگن ئادەم سانى ئېنىق چىقىدۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھايات قالغان بالىلىرى، ئەرلىرى ۋە ئاتا ئانىلىرىمۇ ئۆلگەندىن نېمە پەرقى قالىدۇ؟ ۋاڭڭىدە بىر پاي ئوقتا ئۆلگەندىن سېغىنچ ئازابىنىڭ جاراھىتى  بەك يامان!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
راخمان مامۇت
تىللا
147
تۆھپە
58
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 18:55:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ باش سۈرىتىمنىڭ ئاستىدا قىسمەن ئۇچۇرلار كۆرۈنگەندىن باشقا، قالدى ئۇچۇرلار كۆرۈنمەيدىكەن. يەنى: يوقلاش، دوست، سالام، ئۇچۇر دېگەندەكلەر. بۇنىڭدا قانداق سەۋەپلەر بار؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:45, Processed in 0.109898 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش