بىر پارچە خەت
ھېكايە
كىشىلىك تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپ جۇمۇ ، بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن باشلاپ تاكى ئۆلگۈچە نۇرغۇنلىغان ئەگرى - توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، يىغا بىلەن كۈلكە ، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ، تەسەۋۋۇر ۋە رېئاللىق ، ئەسلەش ئىچىدە ئۆز ھاياتىنى داۋام ئېتىدىكەن . مانا بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىمىزدىكى بىر توپ بالىلار بىلەن خۇشال ئوينايدىغان ، ئەتىگەندىن كەچكىچە چېپىپ ھارمايدىغان ، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي ، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي قىشلىقى چانا تېيىلساق ، يازلىقى ئۆستەڭلەردە سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايدىغان غەمسىز بالا ئىدۇق . يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپكە كىردۇق ، بىلىم ئالدۇق ، ئۆز يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ يۇقىرىلاپ ئوقۇدۇق ، ئەڭ ئاخىرىدا خىزمەتكە چىقتۇق ... ئويلاپ كەلسەك تەرەققىياتىمىز خېلى تېز بوپتۇ . ئەينى چاغلاردا ناھايىتى يوغان ، تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكىدەك تېلېفونلارنى تۇتۇش مودا بولغان بولسا ، ھازىر كومپىيۇتېرنىڭ ھەجمى ئاشۇ تېلېفونلارغا ئوخشاپ قالدى . بىر چاغلاردا ئوقۇشقا كەتكەن ئاكا - ھەدىلىرىمىزگە خەت يېزىپ ئالاقىلىشاتتۇق . تېلېفون ناھايىتى كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى . مانا ھازىر تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يۈرۈيدىغان ئەمدى تېخى بىر نەچچە ياشقا كىرگەن كىچىك بالىنىڭ قولىدا تېلېفۇن تۇرسا بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ئەمدى ؟؟ تور تەرەققىياتىنى دېمەيلا قوياي ، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە بولغان ئىشلارنى بۇ ياقتىكىلەر ۋەقە يۈز بېرىپ ھايال ئۆتمەيلا ئاڭلاپ بولسا ، مانا تېخنىكا ، تەرەققىيات دېگەن ئۆزى شۇ . خىزمەت پۈتتۈرۈپ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە تور بېكەتتە خىزمەت قىلدىم . كۈندە تورغا چىقىمەن ، توردا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرىمەن ، ئاڭلايمەن . ئاجايىپ دۇنيادە بۇ . بىر مەزگىللىك تورنى كۈزىتىش نەتىجىسىدە مەندە << مۇنبەر >> گە نىسبەتەن قىزىقىش شەكىللەندى . مۇنبەر دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن . بۇنىڭدا تورداشلار ئەركىن بەس - مۇنازىرە قىلغاچقا نۇرغۇن ئادەم مۇنبەرگە كىرىۋاپتۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا ئىككىلەنمەستىنلا باشلىققا مۇنبەر قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم . مانا مۇنبەرمۇ ئېچىلدى ، قارىسام ئەزالارنىڭ كەيپىياتى ۋە باشقا جەھەتلەردىن خېلى ياخشى . بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن دەپ قالدىم ئىچىمدە . بىر كۈنى ئىشخانىدا مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى . ئىشىكنى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاچتىم . قارىسام ئالدىمدا 45-50 ياشلار چامىسىدا رەتلىك كېيىنگەن ، قولىغا خىزمەت سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئادەم تۇراتتى . مەن ھۆرمەت بىلەن بۇ ئادەمگە سالام بەردىم . بۇ ئادەممۇ سالىمىمنى ئىلىك ئالغاندىن كېيىن تورىمىزنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدىكى كىشىلەرنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتتى . مەن بۇ ئادەمنىڭ نەق توغرا تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ئىشخانىغا باشلىدىم . بۇ ئادەم ئىشخانىغا كىرگۈچە ئىشخانىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى . دەرھال ئالدىغا چاي قۇيدۇم . چاينى ئىچىپ بولۇپ ماڭا قاراپ ئولتۇرىدۇ ، يا گەپ قىلمايدۇ . ئارىدا بىر ھازا جىمجىتلىق شەكىللەندى . ئاخىرى ئىچىم سىقىلىپ ئۆزۈم گەپ تەشتىم . - ئاكا ، بىزنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلدىڭىزمۇ قانداق ؟ - شۇ ئەرزىمەس ئىشتىن بىرى بار ئىدى ، شۇ ھاجىتىمدىن چىقىپ بېرەلەمدىكىن دەپ ئىزدەپ كەلگەن ، - دېدى ھېلىقى ئادەم . - نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟ - دېدىم مەن ياندۇرۇپلا . ھېلىقى ئادەم چايدىن بىرنى ئوتلىۋالغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى . ئۇكام ، ھازىر تور تەرەققىياتى ئالامەت بولىۋېتىپتۇ ، ئاڭلىسام تېخى << مۇنبەر >> دەيدىغان بىر نەرسە بارمىش . بەك ياخشى دەيدۇ . ھازىر نۇرغۇنلىغان يازغۇچى - شائىرلار گېزىت - ژۇرناللاردا ئۆز ئەسىرىنى ئېلان قىلغاندىن توردا يەنى شۇ مۇنبەردە ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنىۋېتىپتۇ . مەنمۇ بىر ھەۋەسكار دەڭە . ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۆتۈپتۇ . يېشىم بىر يەرگە باردى ، دەم ئالىدىغان ۋاقتىممۇ بولدى . بىراق بىزدەك مىدىراپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆيدە جىم يېتىش خۇشياقمايدىكەن . شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ھايات مۇساپەمدىكى بەزى يولۇققان ئىشلارنى ، كۆرگەنلىرىمنى ئاز تولا ئەسەر قىلىپ يېزىپ باققان ، - بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزلىرىدە خىجىللىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى . بىراق كومپىيۇتېرنى تازا ئۇقمايمەن ، ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇشنىمۇ بەك بىلمەيمەن . شۇڭا قولۇمدا يازغان تۇنجى ئەسىرىمنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم ، مۇمكىن بولسا مۇنبەردە بىر ئېلان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ، - دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى . ئەلۋەتتە ياخشى ئىشتە ، ماقالەمنى ئېلان قىلىپ بەر دەپ كەلسە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى يازغان ، تېخى ھېچقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان ئەسەر بولسا بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىدە . مەن دەرھال بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇردۇم . - ئەلۋەتتە بولىدۇ ، مەن چوقۇم ئەسىرىڭىزنىڭ چىقشىغا ياردەم قىلىمەن . ھېلىقى ئادەم خىزمەت سومكىسىنى بىر ھازا ئاختۇرۇپ ، پۇرلىشىپ كەتكەن ئىش قەغىزىنى ماڭا ئۇزاتتى . مەن قەغەزنى قولۇمغا ئېلىشىمغىلا ھېلىقى ئادەم : - ئۇكام ، ئەمىسە مەن ماڭاي ، ئۆيدە نەۋرىلەر يالغۇز قالغان ، كېيىن يەنە كېلىمەن دېدى . مەنمۇ ئۇ ئادەم بىلەن خوشلىشىپ ، ئۇ ئادەمنى ئۇزىتىپ سىرتقا چىقىۋاتقاچ ئەسەرگە كۆز يۈگۈرتتۈم . ئەسەردە بۇ ئادەمنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، ئادرىسى ، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى يوق ئىدى . كەينىدىن چاقىردىم : - ئاكا ، يا ئىسمىڭىزنى قالدۇرماپسىز ، يا ماڭا دەپ بەرمىدىڭىز ، بۇ ئەسىرىڭىزنى قانداق ئېلان قىلىمەن دەپ ۋارقىرىدىم . ھېلىقى ئادەم كەينىگە بۇرۇلۇپلا ماڭا دېدى : - ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋېرىڭ ، كېيىنكى ئەسەرلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئېلان قىلارمەن دەپلا ئاپتوبۇسقا چىقىپ كېتىپ قالدى . ئىشخانىغا قايتىپ كىردىم ۋە ھېلىقى ئادەم قالدۇرۇپ كەتكەن ماقالىنى ئوقۇشقا باشلىدىم . بۇ ئادەمنىڭ خېتى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ ، ھازىرقى جەمئىيەتتە خەتنى بۇنداق چىرايلىق يازىدىغان كىشىلەر كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى ، تىنىش بەلگىلىرىگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلغان بولۇپ ، چىرايلىق خەت شەكلى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى . ماقالە مۇنداق باشلانغانىدى .
بىر پارچە خەت
ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىلمىدىم ، سائەت 10 لار بىلەن ئاران ئورنۇمدىن تۇردۇم . بېشىم ناھايىتى قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى . ئايالىممۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكىلى خېلى بولغاچقا ئۆينىڭ ئىچى ئۆيگە ئوخشىماي قالغانتى . يېزىپ بولالمىغان خىزمەت دوكلاتىمنى يېزىۋېتىش ئۈچۈن كۈتۈپخانا ئۆيگە كىردىم . كۈتۈپخانىنىڭ ئىچىمۇ شۇنچىلىك قالايمىغان بولۇپ ، ئالدى بىلەن بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدىم . كېرەكسىز خەت ، فاكس يوللانمىسى ، كېرەكسىز ھۆججەت قاتارلىقلارنى پىقىرىتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاشقا باشلىدىم . بۇ ھۆججەت ، خەت - چەكلەرنىڭ بەزىلىرىنى كۆرگەندەك قىلاتتىم ، بەزىلىرىنى پەقەت ئەسلىيەلمىدىم ، ئادرىسى ، كىمدىن كەلگەنلىكىگە قاراپ ، ئىككى تەرەپكە ئايرىشقا باشلىدىم . دەل شۇ چاغدا قولۇمغا ئۈستىگە مۇھەممەت يۈسۈپكە تېگىدۇ ، ئىنىسى ئىبىراھىم يۈسۈپتىن دېگەن كونۋېرت چىقىپ قالدى . بۇ خەتنىڭ قاچانلاردا مېنىڭ كۈتۈپخانا ئۆيۈمگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم . قارىغاندا مەن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندە ئايالىم ئەكىرىپ تاشلاپ قويغان بولسا كېرەك . مەن تېڭىرقاش ۋە ھەيرانلىق ھېسىياتىم بىلەن كونۋېرتنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم . خەت مۇنداق باشلانغانىدى :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۈچۈن قەدىرلىك ۋە ھۆرمەتلىك ئاكا ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟ سېنىڭ بۇ خەتنى ئوقۇش - ئوقۇماسلىقڭنى مەن پەقەتلا بىلمەيمەن ، شۇنداق بولسىمۇ يېزىش قارارىغا كەلدىم . بىلىمەن ، ئوتتۇرىمىزدا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار بولدى ، لېكىن بەزى ئىشلارنى ئالدىڭدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەتنى ساڭا يېزىۋاتىمەن .
سەن ئۆزۈڭ بىلەتتىڭ . كىچىك ۋاقتىمىزدا ئىككىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ، خۇشال - خۇرام ئۆتەتتۇق . گەرچە ئائىلىمىز نامرات بولسىمۇ ، بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنۈپ ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدۇق . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى ئەمەت بىلەن ئويناۋېتىپ قىزىرىشىپ قالسام ، سەن ماڭا بولۇشۇپ ئەمەتنىڭ بېشىنى تاش بىلەن يېرىۋەتكەنتىڭ . باغلارغا ئوغرىلىققا كىرسەك ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭىنى ماڭا بېرەتتىڭ . ئەنە شۇ چاغلاردا مەن سېنىڭدەك بىر ئاكام بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم .
ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى . سەن ھەم مەن چوڭ بولدۇق ، سەن تىرىشىپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ، ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتۈڭ . دادام بىلەن ئاپام دەل شۇ چاغدا مەسلىھەتلىشىپ سېنى ئوقۇتۇش قارارىغا كەلدى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى قامداۋاتقان سۈتلۈك ئالا ئىنەكنى سېتىۋەتتى . سەن ئالىي مەكتەپكە خاتىرجەم ئوقۇشقا ماڭدىڭ . بىراق ئۆيدىكىلەرنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . ئىككى يىلدىن كېيىن ماڭا ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى . بىراق مەن ئوقۇمايمەن ، ئوقۇشتىن زېرىكتىم دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ ئوقۇماسلىقىمغا قوشۇلدى . چۈنكى مەن ئائىلىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى شارائىتىنى بىلەتتىم ، ئەگەردە مەن ئاشۇ چاغدا ئوقۇيمەن دەپ تۇرۇۋالغان بولسام بىچارە دادام ۋە ئاپامنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەھن بولاتتى . سەنمۇ شۇ يىلى تەتىلدە قايتىپ كەلگەندە مېنى ئوقۇشقا زورلىدىڭ . بىراق مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم . كۆڭلۈمدە پەقەت پۇل تېپىپ سېنى ئوقۇتىمەن دەيدىغانلا خىيال بار ئىدى . شۇنىڭ بىلەن سەنمۇ مېنى گىپىڭگە كۆندۈرەلمەي ئوقۇشۇڭغا كەتتىڭ ، مەن مەھەللىمىزدىن 20 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆمۈر كانغا ئىشقا چۈشتۈم . ئىش ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى ، مۇھىتىمۇ بەك ناچار بولۇپ ، كەچكىچە يۈزلىرىمىز قاپقارا بولۇپ ، بۇرنىلىرىمىز ئىسقا توشۇپ پۈتۈپ كېتەتتى . بىراق ھەر قېتىم سېنىڭ ئالىي مەكتەپتە خۇشال - خۇرام ، تىرىشىپ ئوقۇۋاتقىنىڭنى ئەسلىسەم ، ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولاتتى ، چۈنكى سەن كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا مېھر - مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەتكەن ئىدىڭ . شۇنداق قىلىپ مەن كاندا داۋاملىق ئىشلىدىم .
ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە ، ھەش - پەش دېگۈچە سەن ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇڭنى تاماملاپ ، قايتىپ كەلدىڭ . ئوقۇش نەتىجەڭ ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا سېنى شەھەردىلا ئېلىپ قالدى . بۇنىڭغا ھەممىمىز پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر خۇشال ئىدى . مەنمۇ كاندىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم . بىراق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سەن ئۆزگىرەشكە باشلىدىڭ . ئالدى بىلەن ئىش ئورنۇمغا يىراق بولۇپ قالىدىكەن دەپ ئىدارەڭنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ بېرىۋالدىڭ . خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا ، مەيلى شۇ يەردە تۇرسىمۇ تۇرسۇن دەپ ئويلىدۇق . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، سەن ئۆيگە ناھايىتى ئاز كېلىدىغان بولۇۋالدىڭ ، ھەپتە - ھەپتىلەپ سېنىڭ قاراڭنى كۆرگىلى بولمايتتى ، سەن ھەر قېتىم كەلگىنىڭدە ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭنىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەيتتىڭ ، شۇڭا بۇنىمۇ توغرا چۈشەندۇق . لېكىن بىر قېتىم قىلغان ئىشىڭنى ئويلىسام بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ . سېنىڭ شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭنى بىلمىگەن رەھمەتلىك ئاپام سۇيۇقئاش ئېتىپتىكەن ، سەن ئاغزىڭغا ئىككى قوشۇق ئېلىپلا تۈكۈرۈپ چىقىرىۋەتتىڭ ۋە مۇشۇمۇ تاماق بولدىمۇ !! دەپ ۋارقىراپ غودۇرغىنىڭچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭ ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقماي بىر - بىرىمىزگە قارىشىپلا قالدۇق . لېكىن ئاشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى . ئويلاپ باق ئاكا ، سەن ۋە مەن مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە ئاپامنىڭ تامىقىنى يەپ كەلدۇق ، ئەجىبا ھەممىمىزگە يارىغان تاماق ساڭا يارىماي قالدىغۇ ؟ بىچارە رەھمەتلىك ئاپامنىڭ روھى چۈشۈپلا كەتتى ، نەچچە كۈنگىچە روھى سۇلغۇن ھالدا تۈزۈك تاماقمۇ يېمىدى . مەن بەك ئازاپلىنىپ كەتتىم . نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ بىزنىڭ ئاپىمىز ئەمەسمۇ ؟ ھەر قانچە ئوخشىمىغان تاماق بولسىمۇ گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ ، ئاپا تامىقىڭىز ئوخشاپتۇ ، قولىڭىز بەك تاتلىق جۇمۇ دەپ قويساڭ رەھمەتلىك ئاپام قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى ، ھە ! ئەمەلىيەتتە سەن بۇنى قىلالمىغان ئىدىڭ .
تۇيۇقسىز سېنىڭ توي قىلىدىغانلىق خەۋىرىڭ يىتىپ كەلدى . بىراق سەن توينى ئاددىيلا قىلىمەن ، تويغا بارمىساڭلارمۇ بولىدۇ ، خىزمەتداشلىرىمنىلا چاقىردىم دېدىڭ . بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دېگەن بولدۇق . كېيىن ئاڭلىسام ، ئايالىڭنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئاپام قاتتىق كېسەل بولۇپ قالغاچقا دادام ، ئاپامغا قاراۋاتىدۇ ، ئىنىم كېلىمەن دېگەن ، ھازىرغىچە كېلىپ قالامىكىن دەپ ئىشنى تۈگىتىپسەن . سېنىڭ شەھەردە توي قىلغانلىقىڭ بىزنى تويۇڭغا قاتناشتۇرماسلىققا سەۋەب بولدىغۇ دەيمەن . بەلكىم شەھەرلىكلەر ئالدىدا ئۆزەڭنىڭ بىزدەك تۇغقانلىرىڭ بارلىقىدىن خىجىل بولغانسەن . لېكىن كىمنىڭ ئاتا - ئانىسى يېزىلىق ئەمەس ؟ دېھقان ئەمەس؟
مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغان يېرى شۇ بولدىكى ، سەن توي قىلىپ ، بىز سېنىڭ ئايالىڭنىڭ دىدارىنىمۇ كۆرمىدۇق . كېلىن دېگەن ئەرنىڭ ۋە ئەرنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىپ خىزمىتىنى قىلىدىغان . بىراق سېنىڭ ئايالىڭ ئەمەس ئۆزۈڭنىمۇ ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق .
كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ناھايىتى تېز ئۆتۈشكە باشلىدى . تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى بىزنىڭ ئائىلدىكىلەرنى ئالدىرىتىپلا قويدى . ئاپام تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ، كېسىلى ياخشى بولالمىدى . بۇ جەرياندا سېنى بەك كۆپ چاقىرتتۇق . ئاپام دوختۇرخانىدا ۋاقىتتا سەن پەقەت بىر قېتىملا كەلدىڭ ۋە بەش مېنۇت ئولتۇرا - ئولتۇرمايلا يىغىنغا قاتنىشاتتىم دەپ كېتىپ قالدىڭ . سەن كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاپام بىز بىلەن خوشلاشتى . مېيىت نامىزىدا قارىسام كۆزۈڭدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمىدى ، ئايالىڭنىمۇ ئېلىپ كەلمىدىڭ ، شۇنداق قىلىپ رەھمەتلىك ئاپام ئۆز كېلىنىنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرەلمەي كېتىپ قالدى .
ئاپامنىڭ كېتىپ قالغىنى ئېغىر كەلگەندەك دادامنىڭ ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ناچارلاپ كەتتى . گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى . مەن دورا ئەكىلىپ دادامغا يىگۈزدۈم ، دادامنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ ، ئۆزۈم ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قىلدىم . بىراق مېنىڭ تىرىشچانلىقىم يەنىلا كارغا كەلمىدى ، داداممۇ ئاپامنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى . بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ؟ بۇ كېلىشمەسلىكلەر بىزگىلا كېلەرمۇ ؟؟
دادامنىڭ مېيىت نامىزىغا سەن كەلمىدىڭ ، ساڭا خەۋەر بەردۇق ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە يىغىندا ئىكەنلىكىنى ، مېيىت نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ بارالمايغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ . بىراق نەچچە كۈندىن كېيىن سېنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خەينەنداۋغا ساياھەتكە بېرىپ كەلگەنلىكىڭدىن خەۋەر كەلدى . شۇ چاغدا بەك غەزەپلىنىپ كەتتىم ، سېنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى . يەتتە نەزىر كۈنى سەن كەلدىڭ ۋە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىڭ ، راست يىغلىدىڭمۇ ياكى يالغانمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . دەل شۇ چاغدا ياقاڭدىن تۇتۇپ سېنى راسا ئۇرغۇم ، دۇمبالىغىم كەلدى . لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم ، ئەجىبا بىزنى تۇغۇپ ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ئاتا - ئانىمىز ئاشۇ ئامراق خوتۇنۇڭچىلىك بولالمىدىما ؟ سېنىڭ ۋىجدانىڭ زادى قېنى ؟ ئوغۇللۇق ، ئەركەكلىك غورۇرۇڭ زادى قېنى ؟ شۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىزدەشمەسلا بولدۇق . سەنمۇ ئۆز يولۇڭغا ، مەنمۇ ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم .
بەلكىم ماڭا خەت يېزىپ قاپتۇغۇ دەپ ئەجەبلىنىۋاتقانسەن ، مېنىڭ بۇ يەردە بۇلارنى دېيىشىمدىكى مەقسىتىم ، سېنى ئەيىبلەش ياكى ئۆزەمنىڭ قىلغانلىرىغا مىننەت قىلىش ئەمەس . مۇمكىن بولسا دوختۇرخانىغا بىر كېلىپ مېنى كۆرۈپ كەتسەڭ ، ئەينى چاغدا سېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۆمۈر كاندا ئىشلىگەن چېغىمدا كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپتىكەنمەن ، دوختۇرلار مېنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىمنى ، ۋاقتىمنىڭمۇ ئاز قالغانلىقىنى ئېيتتى . ئادەم مۇشۇنداق چاغدا ئۆز تۇغقانلىرىنى بەكرەك ئەسلەيدىكەن ، گەرچە سەن نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئىشلارنى قىلغان بولساڭمۇ ئويلاپ باقسام سەن يەنىلا مېنىڭ بىر قورساق ئاكامكەنسەن ، قېرىنداشلىق مېھر - مۇھەببىتى يەنىلا چوڭقۇر بولىدىكەن ، ھە راست ، يەرلەرنى سېتىپ ئۆزۈمنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىغا ئىشلەتتىم ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۆي خېتىنى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدۇم ، ئەمدى ئۇ ئۆي سېنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭغا ئۆتتى . سېتىۋېتەمسەن ، ساقلاپ قالامسەن ئۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭ . ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، مەن تۇغۇلغاندا سەن مېنىڭ يېنىمدا ھەمراھ بولۇپتىكەنسەن ، ئەمدى مەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىمۇ ھەم مېنىڭ يېنىمدا بولۇشۇڭنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
سېنىڭ ئۇكاڭ : ئىبىراھىم يۈسۈپ
خەت مۇشۇنداق ئاياغلاشقانىدى . ئۆزۈمنىڭ نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان قىلغان - ئەتكەنلىرىم خەتتە ئەينەن ئەكس ئەتكەن بولۇپ ، مەن ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى قەتئىي ئادا قىلالمىغانىدىم ، كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئىككى مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى . كۆز ئالدىمدا بىچارە ئانام ، جاپاكەش دادام ، قەدىرلىك ئۇكامنىڭ سىماسى غۇۋا پەيدا بولدى . دەرھال ئايىقىمنى كەيدىمدە سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ئىچىمدە << دادا ، ئاپا ، ئۇكام مېنى كەچۈرۈڭلار !!! >> دەپ نىدا قىلاتتىم .

ماقالە ناھايىتى تەسىرلىك ئاخىرلاشقانىدى . ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ ھېلىقى ئادەمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى . بولۇپمۇ :
- ئۆز نامىڭىزدا ئېلان قىلىۋېرىڭ ، كېيىنكى قېتىم ئۆز نامىمدا ئېلان قىلىمەن دېگەن گېپى بولدى . قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدىم ، بىراق ئەسەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىسام تېخى بولمايتتى . ئاخىرىدا ئېلان قىلىشنى قارار تاپتىم ، نېمە بولسا بولمامدۇ ؟ ئەسىرىمنى ئۆز نامىڭدا ئېلان قىلىۋاپسەن دەپ كەلسە ، ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ قويامەن ؟ قېنى باشقا كەلگەننى كۆرمەمدىم ...