admin ئەپەندىم ، مۇشۇ تېمىغا 3 پارچە ئىنكاس يوللاپسىز. « يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار» دا يەنىلا يوققۇ؟.... مەن خاتا كۆرمىگەندىمەن.
قاراپ باقايلى، بىر سائەت ئالدىدا سىز «ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Steve Jobs ئالەمدىن ئۆتتى» تېمىڭىزنى يوللاپسىز. ئىنكاسمۇ 4 پارچە ئىكەن، ئەجىبا ئۇنى كۆردۇمغۇ.... مېنىڭ كۆزۈم چاتاقمۇ ؟
يۇقاردا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ تەكشۈرۈپ بىقىپ، ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز. مېنىڭ بۇ تېمىنى يوللىشىم، سىزلەرگە ئاۋارچىلىق تېپىش ئەمەس، ۋە ياكى سىزلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارنى مەسخىرە قىلىش ئەمەس. پەقەت ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قويدۇم. بۇ پەقەت بىر تەكلىپ، كۆپچىلىككە ياخشى مۇھىيتنى ھازىرلاپ بەرسىكەن دەيمەن. يېڭىدىن رەسمىي ئېلان قىلىدىغان مۇنبەر سىستېمىسى بەلكىم سىز دېگەندەك تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىدا گەپ يوق. بىز سىزگە ئىشىنىمىز. چوقۇم ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە «چۆمۈچ قولىڭىزدا» قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا سىزگە باغلىق. شۇڭا بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرى باردۇ؟ قارغاندا يۇقارقى بەزى ئىنكاسلىرىڭىزدىن مەندىن شۇنداق رەنجىگەندەك بەك تەپسىلىي يېزىپ كىتىپسىز. بىھاجەت.....ھا.... ھا....

ئەگەر مېنىڭ يازمىلىرىم ۋە ئىنكاسلىرىمدىن كوڭلىڭىز رەنجىگەن بولسا، مېنى ئەپۇ قىلىۋىتىڭ.
بولسا ئاۋۇ يۇنىكود توغرىسىدىكى ، ساندان توغرىسىدىكى چۈشەندۈرشىڭىزنى توغىرلاپ قويسىڭىز.چەتئەللىكلەرنىڭ مۇنداق بىر گىپى بار « مەن تۇخۇم تۇغالمىساممۇ، بىراق تۇخۇمنىڭ تەمىنى تېتىيالايمەن.» شۇڭا ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى ياخشى قىلىش. گەپلىرىم قاتتىق كەتكەن بولسا كەچۈرڭ.
بولسا يۇقارقى ئىنكاسلارنى رەتلەپ مۇنبەر قوللانمىسى قىلىپ ئايرىم يېزىپ يوللاپ قويسىڭىز. ھەم پىكىرلىرىمنى دەلىللەپ ئويلىشىپ باقسىڭىز. تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مېنىڭچە سىز ياخشى ھەل قىلالايسىز. يەنىلا دەيدىغىنىم، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ھەممىمىزنىڭكىدىن ئىغىر....