دىھقان بولماق تەس
رۇزى سايىت
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مە س ،
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندن دائىم ،
دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،
قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
گاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،
دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە - دامبا قېشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە - دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،
يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھۆسۇلنى بۇداش،
ئايەم شۇ قازناققا كرسە كۆپراق ئاش ،
مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،
يوق مائاش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،
ئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،
ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
مەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى ،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،
نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،
قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،
يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،
ئۆزىلا ئاق دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،
رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،
ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،
سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،
"قاتلىنىپ ئاشتى" دەپ دوكلات يوللىشىپ
مۇكاپات ئېلىشتىق تۆرنى گوللىشىپ ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،
يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،
رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،
ئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،
ھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق - يىمىگى ،
بارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،
بىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،
مۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار - يۈلەككە ،
دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ساق تۇرۇپ ئىككى قول - ئىككى پۇتىمىز ،
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،
قاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،
ئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،
پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،چاپان-كەش،
[ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،
بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،
قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،
قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،
يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،
بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،
كەتسەڭلار " چاقتىڭ " دەپ قەھرىنى چاچار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،
پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،
ھەددىدىن ئاشماقتا " ئۈچ قالايمىقان "،
بەس! ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان !!!!!،
چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،
كىم دىدى "دىھقاننىڭ قېنىنى شورا " ؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ! ھال سورا !!!!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
دىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن !!!،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن !،
قازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،
ئۇ....ھ ! دىسۇن ،ھېيت - بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟
دىھقاندەك ئەل - يۇرتنى باققان نەدە بار ؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !
شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
سۇلايمان گۇۋاھ
تاھىر تالىپ
مېھمان كەلدى دىدى بالىلار،
خوش كېلىپسىز دىدىم مەنمۇ ھەم.
دەستخاننى كەڭ سالدىم ئاڭا,
ئەھۋال سوراپ يەنە، دەممۇ - دەم
چۈشۈرمىدىم تۆرىدىن ھىچقاچان.
ھەم يىگۇزدۇم تويۇپ يانغۇچە،
باغ-ۋاراندا ئويناتتىم كۇتتۇم،
ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە.
قورساق سېلپ،سەمىرىپمۇ كەتتى،
پولو-گۆش يەپ بىزنىڭ لىگەندىن.
لېكىن مېھمان تەۋرىمەس يەنە،
ئېغىز ئاچماس قايتىش دىگەندىن.
ئويلاپ قالدىم قانداق مېھمان بۇ،
كۆرمىگەنمەن كەتمەس مېھماننى.
بۇ مېھماننىڭ خۇلق مىجەزى،
ھەيران قىلدى تامامى جاننى .
كېيىن ئۇقسام ئاكام ئىكەن ئۇ،
دادام تاپقان ھەجگە چىققاندا.
قۇچاقلاشتۇق قايتىدىن ئۇزاق،
ئېچىلمىغان سىرنى ئۇققاندا.
ئۆگەي ئانام-يوللاپتۇ ئۇنى،
ئاتاڭ قايتقان يولدا چاپقىن دەپ.
ئابى زەمزەم ئېلىپ كوزىغا،
ئىنىلەرنىڭ ئۆيىنى تاپقىن دەپ.
ئۇمۇ تۆردىن چۇشمىدى كىيىن،
مەن يەتكۇزدۇم تۇققانچىلىقنى،
تاپا قىلسا، غىڭ-پىڭ قىلمىدىم،
سىر تۇتمۇدۇم بىر تال تېرىقنى .
مانا ھازىر مەن ئاڭا مىھمان،
قورۇنىمەن ئۆز ئۆيۇمدىنمۇ.
ئۇنىڭ ئەجرى كۆپتەك بىلىنەر،
ھەتتا ئىچكەن چاي-سۈيىمدىنمۇ.
گاھى فارس،گاھى ئەرەبى،
سۆزلەيدۇ ئۇ كۇندە ماڭا ھەم.
ئەقىل ئۇندىن،پۇت-قول مېنىڭدىن،
خوش-خوش دەيمەن ئاڭا دەممۇ-دەم.
مەن مۇشۇنداق ئەۋلاد ئىكەنمەن،
كۆڭلۇممۇ ئاق باغرىممۇ يۇمشاق.
ئىشەنمىسەڭ سۇلايمان گۇۋاھ ،
قۇشلارغىمۇ بولىمەن قونداق .