كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 31

ماۋۇ كۇپلىتنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈڭلار... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 23:48:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماۋۇ كۇپلىتنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈڭلار...


    قارىسام مۇنبەردە شائىر ۋە ھەۋەسكارلار خېلى جىقتەك قىلىدۇ ، شۇڭا بىر نەچچە كۇپلىت شېئېر يازسام دوستلارنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن . قانچە قىزىق بولسا شۇنچە ياخشى .


تۈگىمەس شېئېر


ئالدى بىلەن دوستلارغا ئېھتىرام ،

ئاندىن بىردەم ئېلىۋالاي ئارام .

چۈنكى كۈندە تېما تەستىقلاپ ،

ئۆكتەبىرمۇ بولمىدى بايرام .


بۈگۈن تۇيۇقسىز بىر تېما كۆردۈم ،

تېما ئەمەس << تېما >> نى كۆردۈم  .

مەزمۇنى ئالامەت ، تىلى ئۆزگىچە ،

بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىق پەيزىنى سۈردۈم .


ئەمدىكى مەزمۇنىنى قىلىمەن بايان ،

ئۆزى بەك ئۇزۇندۇر چەكسىز بىپايان .

تۇرمۇشنىڭ ئەينەن بىر كارتىنىسىدۇر ،

سۆزلەنگەچ ئۇنىڭدا ياخشى ۋە يامان .


بۇرۇندا ئۆتكەنكەن مەمەت ۋە ئەمەت ،

ئەمەتكە قوشنىكەن سەمەت ۋە نەمەت .

...


قېنى ئەمىسە تەسەۋۋۇرىڭلارنى قانات يايدۇرۇپ شېئېرنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈڭلار ، تەلەپ: چوقۇم باش ئايىقى ماسلاشقان بولۇشى ، شېئېر ئاياغلىشىپ قالماسلىقى كېرەك . قانچە كومىدىيەلىك بولسا شۇنچە ياخشى ... قۇربىتىڭىز يەتكۈچە چۈشۈرۈڭ ، قالغىنىنى باشقىلار چۈشۈرىدۇ ، شېئېرنى بالدۇر تۈگىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ . كىم بالدۇر تۈگىتىپ قويۇشقا ئاساس سالسا مۇنبەر ئىچىدە جازالىنىدۇ .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 23:52:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەينىنى بىر چۈشۈرەي دىگەن ، لىكىن شائىرلىقتىن تازا خەۋىرىم يوقكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپىينى تازا ئوينىيالمايدىكەنمەن


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 10:50:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مىنىڭغۇ شائىرلىقتىن تازا خەۋىرىم يوق، شۇنداقتىمۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويغۇم كەلمەي ئاتىكاچىلىق قىلىدىغان بولدۇم، كەچۈرۈڭلار.

بۇرۇندا ئۆتكەنكەن مەمەت ۋە ئەمەت ،
ئەمەتكە قوشنىكەن سەمەت ۋە نەمەت،
مەمەت ئۇ شەھەردە سېتىپ كۆپ پەشمەت،
بىر ئۆمۈر تارتماپتۇ جاپا-مۇشاققەت.

«ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن» دىگەنكەن مەمەت،
ھورۇنلار دۇنيادا كۆرمەيدۇ راھەت.
          ..................



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 12:12:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن» دىگەنكەن مەمەت،
ھورۇنلار دۇنيادا كۆرمەيدۇ راھەت.
لېكىن ئەمەتنىڭ ھالى خاراپتۇر ،
كەچكىچە يېتىپلا ئىشلىمەس پەقەت .

كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئەمەت بېشىغا ،
چۈشۈپتۇ ئېغىر كۈن توشماي يېشىغا .
ئاخىرى ئامالسىز نائىلاجلىقتىن ،
سەھەردە يول ئاپتۇ مەمەت قېشىغا .


...



مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 12:36:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقا كۈن چۈشتىغۇ ئادىشىم مەمەت،
ئەمدى سەن ماڭىمۇ بىر ھۈنەر ئۈگەت،
ھورۇنلق كىشىگە ياخشى كۈن بەرمەس،
ئۈگۈنەي، تىرىشاي، كۆرەي مەن دۆلەت.


مەمەتمۇ ئەمەتكە خۇش چىراي ئېچىپ،
«مەرھابا» دىدى قوغۇن-تاۋۇز پىچىپ،
باغلىساڭ بېلىڭنى ئىش-ئوقەت كۆپقۇ،
چىقمامسەن تەۋەككۇل دۇلدۇلنى مىنىپ.


ئەمەتنىڭ تىنىگە قايتا جان كىردى،
كۆڭلىگە پۈكتى كۆپ ئارزۇ ئارماننى،
.........



Rank: 1

ئىسمى
ئۇيغۇر ئوغلى
تىللا
35
تۆھپە
11
UID
459
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 14:17:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۈستىدىكى تورداش، شېئىرىڭىزغا جۈر بولاي دىسەم باش - ئاخىرىنى بىلەلمەيلا قالدىم .
مۇنبەرگە شېئىر يوللىغاندا بوشلۇق ، كۇبلىت ئايرىش مەشغۇلاتىنى توغرا قىلسىڭىز .
   باشقۇرغۇچىلارمۇ تورداشلار يازغان ئىنكاستىكى خاتالىق بولسا ۋاقتىدا تەھرىرلەش ئېلىپ بارسا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 15:38:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    بۇ ئەسلى مۇنداق ئىدى:

         باشقا كۈن چۈشتىغۇ ئادىشىم مەمەت،
         ئەمدى سەن ماڭىمۇ بىر ھۈنەر ئۈگەت،
         ھورۇنلق كىشىگە ياخشى كۈن بەرمەس،
         ئۈگۈنەي، تىرىشاي، كۆرەي مەن دۆلەت.

         مەمەتمۇ ئەمەتكە خۇش چىراي ئېچىپ،
         «مەرھابا» دىدى قوغۇن-تاۋۇز پىچىپ،
          باغلىساڭ بېلىڭنى ئىش-ئوقەت كۆپقۇ،
          چىقمامسەن تەۋەككۇل دۇلدۇلنى مىنىپ.

           ئەمەتنىڭ تىنىگە قايتا جان كىردى،
           كۆڭلىگە پۈكتى كۆپ ئارزۇ ئارماننى،
                             .........

ئايىغىنى كىم ئۇلايدۇ؟؟



Rank: 2

تىللا
52
تۆھپە
36
UID
255
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 00:01:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمەتنىڭ تېنىگە قايتا جان كىردى،
كۆڭلىگە پۈكتى كۆپ ئارزۇ ئارماننى،
مەمەتنىڭ راھىتى بولدى بىر ئەينەك،
توقۇدى بىر دەمدە شۇنداق يالغاننى،
ئېيتتى ئۇ:  جان دوستۇم مەندە پىلان كۆپ،
ئىگىسى بەرمىدى لېكىن دەرماننى..
ئاخىرى؟



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 00:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2011-10-4 14:17
ئۈستىدىكى تورداش، شېئىرىڭىزغا جۈر بولاي دىسەم باش -  ...

باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىخەستەنلىكى تۈپەيلى سىزگە كەلتۈرگەن قولايسىزلىقلار بولسا كەچۈرگەيسىز .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قەمبەرنىسا
تىللا
194
تۆھپە
59
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 23:19:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېيىتتى ئۇ: جان دوستۇم مەندە پىلان كۆپ،
ئېگىسى بەرمىدى لېكىن دەرماننى .
ئۆتۇپتىمەن قانچە -قانچە يىل ،
ئايىرىيالماي بۇغداي -ساماننى .

چوڭ ئىشلارمۇ قولۇمدىن كېلەر ،
كىچىك ئىشنى قىلمىغىن سايە .
مەمەت ئاداش! ياخشى ئويلاپ باق ،
چېچەك ئاچسۇن مەندىكى غايە .

ئەتراپىمدا دوسىت -دۇشمەن تولا،
باققالچىلىق قىلسام سەت بولا.




Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 01:11:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەتراپىمدا دوسىت -دۇشمەن تولا،
باققالچىلىق قىلسام سەت بولا،
ساتىراشلىق ئەسلا خوپ كەلمەس،
يا دۇكاندا ساتايمۇ كولا؟

دۇكاننىڭمۇ پايدىسى ئازدۇر،
ئاشخانىنىڭ خېرىدارى كۆپ،
ئەپلە-سەپلەپ ئەتسەڭ لەغمەننى،
دىخقان خەقلەر قالىدۇ كۆنۈپ.

ئاشخانىنىڭ مەينىتى تولا،
پاكىزغىنە ساتايمىكىن رەخ،
            .....

  قېنى، ئايىغىنى چاققان ئۇلاڭ!



Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
281
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 03:06:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەينىنى بىر چۈشۈرەي دىگەن ، لىكىن شائىرلىقتىن تازا خەۋىرىم يوقكەن ،


Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
253
تۆھپە
96
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 15:37:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشخانىنىڭ مەينىتى تولا،
پاكىزغىنە ساتايمىكىن رەخ؟!
يا ھەيدەيمۇ كوچا ئاپتوبۇس،
خەق بېرەركەن پۇلىسىنى نەق!


ياق،ياق خەقكە تەلمۈرۈپ ئۇندا،
سەت تۇرمامدۇ يىغسام پارچە پۇل؟!

            داۋامى.....



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 21:00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياق،ياق خەقكە تەلمۈرۈپ ئۇندا،
سەت تۇرمامدۇ يىغسام پارچە پۇل؟!
مەن دىگەن كىم باينىڭ ئەۋلادى،
ھەرگىز بولماي باشقىلارغا قۇل.

دادام تۇرغان ئايۋان-سارايلار،
ئانام كېيگەن كىمخاپ دۇردۇنلار،
لىكىن مەندە ھېچنىمە يوقتۇر،
يا ھويلىدا باردۇر ئالتۇنلار.

مەمەت كۈلدى ئەمەت سۆزىگە،
ئۇچۇپ كۆكتە  قىلما خام خىيال،
          داۋامى.....



Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قەمبەرنىسا
تىللا
194
تۆھپە
59
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 22:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەمەت كۈلدى ئەمەت سۆزىگە،
ئۇچۇپ كۆكتە قىلما خام خىيال.
تىجارەتنى باشلىساڭ نۆلدىن،
كۆپەيمەمدۇ بايلىقىڭ تال-تال.

ئاتا -ئاناڭ قالدۇرغان بايلىق ،
يېتىپ يېسەڭ تۇگىدى بىراق.
ھورۇنلۇقنى تاشلىساڭ دوستۇم،
يوللىرىڭغا يېقىلار چىراق.

مەنمۇ خۇشال توغرا يول تاپساڭ ،
پاسسىپلىقنى تاشلىغىن تىزراق.
داۋامى......



Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
253
تۆھپە
96
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 12:47:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ خۇشال توغرا يول تاپساڭ ،
پاسسىپلىقنى تاشلىغىن تېزراق.
خام خىيالدىن كاللاڭ قاراڭغۇ،
ئەقىل بىلەن ياقمامسەن چىراق.

-ياق!ياق!-دەپتۇ ئەمەت ئاچچىقتا،
-مەن ئەمەسمۇ باينىڭ بالىسى!
مۆرىشىمۇ بولار باشقىچە،
ھەتتا باينىڭ موزاي-كالىسى!

قۇراي دەيمەن مۇشۇ سايغىلا،
ۋوگزال ياكى بىر ئايرۇدرۇم!
كېلىپ قالسا ئامىتىم،ئاي-ھاي!
كۆپەيمەمدۇ مىليونلاپ پۇلۇم!







Rank: 6Rank: 6

تىللا
350
تۆھپە
252
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 13:07:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ خوشال توغرا يول تاپساڭ،
پاسسسىپلىقنى تاشلىغىن تېزراق.
يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىماس،
بۇ ھەقىقەت ئەزەلدىن شۇنداق.

چوڭ-كىچىك دەپ ئىلغىما زىنھار،
كىچىك پۇلۇڭ چوڭغا ئايلىنار.
ھالال تاپقىن، سىڭىدۇ تەنگە،
ئەمگەك بىلەن ئادەم تاۋلىنار.

يېتىپ يېسەڭ تۈگەيدۇ تاغمۇ،
‹ئۈزۈم پىش،چۈش ئاغزىمغا›دېمە،
ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دوستۇم،
غاز شورپىسى، نان چىلاپ يېمە.

مەمەت سۆزى ياقماي ئەمەتكە،
سەكسەن گەزگە ئۆرلەپتۇ ئاچچىق.
‹ئاداش تۇرۇپ چوڭ يول بەرمىدىڭ›،
دەپ ،مۇشلاپتۇ مەمەتنى قاتتىق.

غەۋغا ئاڭلاپ چىقىپتۇ نەمەت،
ئەگىشىپتۇ ئۇنىڭغا سەمەت.
‹نېمە ئەھۋال ئېيتىڭلار› دەپتۇ،
قېقىشتۇرۇپ چاپاندىن مەينەت.

بايان قىلىپ ئەمەت ئەھۋالنى،
ئاغرىنىپتۇ مەمەتتىن شۇ دەم.
دەپتۇ بىراق، سەمەت، نەمەتلەر،
مەمەت كەبى بولساڭچۇ ئادەم.

ئەمەت قايىل بولماپتۇ يەنە،
ئاز كىرىملىك سودا قىلىشقا.
شۇندا دەپتۇ: قاراپ تۇرۇش ھە!
بەل باغلىدىم چولپان بۇلۇشقا.

خوجايىن دەپ ئاتىسا مېنى،
قول ئاستىمدا ئىككى يۈز مالاي.
.....................داۋامى سىلەرگە قالدى



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 18:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوجايىن دەپ ئاتىسا مېنى ،
قول ئاستىمدا ئىككى يۈز مالاي .
قايسى باي مېنى كۈيئوغۇل قىلسا ،
ئۆيلىرىگە ئامەت ياغدۇراي .


ھەر قايسىڭلار ئىيتىڭلارچۇ ھەي ؟
پېقىر ئەمەت كىمنىڭ ئەۋلادى  .
خانلىق دەۋر بولغان بولسا بۇ ،
مېنىڭ دادام ۋەزىر بولادى .


گەپ قىلمىسام ئاغىنە بىلىپ ،
قانداق گەپ بۇ قانداق سەت قىلىق .
مەن ئەشۇنداق ئىشنى قىلامتىم ،
پاراخوت بىلەن ئوخشامدۇ قېيىق .


ياخشى پىكىر بولسا بېرىڭلار ،
يا بولمىسا توختاپ قېلىڭلار .

...




مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 19:03:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇزرۇگۋارلار ئالدىدا بىزلەر بۇ دۇنيادىن ئىككى قۇرلۇق ئىنكاسچى، دېگەن نامدا ئۆتۈپ كەتكىدەكمىز، ئۆلسەك تارىختا مانا مۇشۇنداق بىر ئىنكاسچى ئۆتكەن ئىدى، دېگىچىلىك نامىمىزمۇ قالمىغىدەك، قارىغاندا ئېتىكابخانىغا بېكىنىۋېلىپ، كوكولىمىزنى تورۇسقا چىگىپ ئېسىپ قويۇپ ئىستىقامەت قىلمىساق بولمىغىدەك


Rank: 6Rank: 6

تىللا
350
تۆھپە
252
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 19:27:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بولسا بېرىڭلار،
يا بولمىسا توختاپ قېلىڭلار.
مەن بايلارنىڭ ئەۋلادى ئەسلى،
بۇنى ئوبدان بىلىۋېلىڭلار.

ئەمەت شۇنداق غەزەپ ئىچىدە،
ئاتلىنىپتۇ بايلىق يولىغا.
بىلمەپتۇ ھېچ تەييارغا ھەييار،
بولالمايدۇ، ئەمگەك قىلمىسا.

ئاتا تۇققان ئەۋلادى ئىزدەپ،
شۇنچە يولنى مېڭىپتۇ ئاخىر.
تۇققانلىرى ئەمەت ھورۇنغا،
پەقەت ئۈچ كۈن قىلىپتۇ تەخىر.

قوپ ئورنۇڭدىن دەپتۇ بىر كۈنى،
ئۇزۇن ساقال تاغىسى سۆزلەپ.
تاغقا چىققىن قويلىرىمنى باق،
بېكارياتما،بايلىقنى كۆزلەپ.

قارىمايمەن تەييار تاپلارغا،
ياكى چىقىپ تاغدا ئوتۇن تەر.
ياكى يوقال كۆزۈمدىن تېزراق،
‹ھورۇن ئوغۇل› سېنى يۈتسۈن يەر.

دەپتۇ ئەمەت: تۇققاندىن يەنە،
ياخشى ئىكەن ياندىكى خوشنام.
..............داۋامى قالدى سىلەرگە!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:35, Processed in 0.072969 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش