باشلىق، قولىڭىز ئالدىغا ئىگىلمەمدۇ؟
ئاپتورى: خالتا كوچا
بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئورگاندا بىللە ئىشلەۋاتقان بىر بۇرادىرىمىز تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە، يېقىندا مەلۇم بىر يېزىغا يېزا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، ئەل ئاغىنىلەر ئۇنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنى ئۇ ئىشلەۋاتقان يېزىغا باردۇق. بۇ كۈنى يېزىدا كۈزلۈك يېزائېگىلىك ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدىغان بولغاچقا، ئاغىنىمىز يىغىن ئاچىدىغان كەنتكە كەتكەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇدۇللا ئېتىز بېشىغا باردۇق. يېزا باشلىغى بۇرادىرىمىز يېزا كادىرلىرى ۋە دىھقانلارغا يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق كۈچلۈك، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، ئىككى قولىنى بىلىگە تۇتۇۋېلىپ، ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي مېڭىپ سۆزلەۋاتاتتى. بىز بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ روھى قىياپىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق. بۇرادىرىمىز ئورگاندىكى چېغىدا شۇنداق مۇلايىم، ھەممە كىشىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، رەھبەرلەرنى كۆرسە قول قوشتۇرۇپ، ئېگىلىك تازىم قىلىپ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان بىر ئادەم ئىدى، لىكىن بۈگۈن يىغىن تۈگىگىچە ئۇنىڭ قولى بىلىدىن زادىلا ئاجرىمىدى، ئۇنىڭغا زادى نىمە بولدىكىنە؟.
- ئاداش، باشلىقلىق سالاپىتىڭ خېلى يارىشىپتۇ جۇما، - دىدىم مەن چاخچاق قىلىپ.
- بىزنىڭ كادىر-دىھقانلارنىڭ ئالدىدا «ئاداش» دەپ چاقىرماي «شاڭجاڭ» دەپ چاقىرىڭلار، بولمىسا ئۇلار ئاڭلاپ قالسا ياخشى بولمايدۇ، - ئۇ بىز بىلەن سوغۇقلا سالاملاشتى، - سەھرالىق دىگەن «تومۇچى» كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا گەپ قىلغاندا قاپاقنى تۈرۈپ، قاتتىقراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈر ھەيۋە كۆرسىتىپ قويغان تۈزۈك، بولمىسا ئىككى كۈندىلا ئادەمنى كۆزگە ئىلماي، ئادەمنىڭ بۇرنىدىن يىتىلەيمەن دەيدۇ.
ئەسلىدە بىز ئۇنىڭ بىلەن ئورگاندا بىللە ئىشلىگەن ۋاقتىمىزدىكىدەك قىزغىن چاقچاقلىشىپ، كۈلۈپ يايراپ، تازا بىر كۆڭۈللۈك ئويناپ كىلىمىز دەپ كەلگەندۇق. لىكىن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بۇرادىرىمىزنىڭ چىڭ تۇتقىنىغا ئۇنىماي، ئېلىپ بارغان «كۆڭلىمىز»نى قويۇپ قويۇپلا قايتتۇق. يولدا كەلگۈچى ھېلىقى گەپ-سۆزلەر قۇلاق تۈۋېمدىن كەتمىدى.
بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز، تىلۋىزوردىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مەركەز، ئاپتونۇم رايۇن، ۋىلايەت-شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئاساسى قاتلامغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە چۈشسە، زاۋۇت، كان-كارخانىلاردىكى ئىشچىلارنى، يېزا-كەنتلەردىكى دىھقانلارنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىدەك كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بىرگە تاماق يەپ، ئۇلار بىلەن ئوچۇق-يورۇق پاراڭلىشىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى نامايەن قىلماقتا. لىكىن ئاساسى قاتلامدىكى ئايرىم ساندىكى رەھبىرى كادىرلار پارتىيە، ئامما بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلەتماي، ئۆز خەلقىگە كېبىر كۆرسىتىپ، ئاساسى قاتلامغا چۈشسە ھەمىشە قولىنى كەينىگە تۇتۇپ غادىيىۋالىدۇ. تۆۋەندىكىلەرگە سىلىق، قىزغىن مۇئامىلە قىلماي، خەلقنىڭ دەرت ھالىغا يەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىگىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، تۆۋەن بىلەن يۇقىرى ئوتتۇرسىدا ھاڭ پەيدا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدە پارتىيە تەشكىلىگە، پارتىيىنىڭ كادىرلىرىغا توغرا بولمىغان كۆز قاراشنى پەيدا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.
رەھبىرى كادىرلار خەلقنىڭ «چاكىرى»دۇر، شۇنداق بولغانكەن خەلق ئالدىدا قولىنى بىلىگە تۇتۇپ «غادىيىپ» ئەمەس، ھەققى چاكارلاردەك خەلققە سىلق مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ دەرت ھالىغا يىتىشى، پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتىرسىدىكى كۈۋرۈكلۈك رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرىشى كىرەك. ئەگەر بىز ئاممىغا قاپىغىمىزنى ئاچماي، ھەمىشە ئاچچىغلىنىپلا يۈرسەك، خەلق بىزگە يېقىنلىشالمايدۇ، بۇنداق بولغاندا بىز خەلقتىن ئايرىلىپ قالىمىز. خەلقتىن ئايرىلغان رەھبەر خۇددى سۈيى يوق دەرياغا، مىۋىسى يوق باغلاردا ئوخشاپ قالىدۇ. ھوقۇق ھەر بىر كىشىگە مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس، باھارنىڭمۇ جۇدۇنى بولغىنىدەك، سىزنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ھوقۇقتىن ئايرىلدىغان ۋاقتىڭىز بولىدۇ. شۇڭا چەكلىك ھاياتىڭىزدا ئەل-ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن چەكسىز تۆھپە قوشسىڭىز، شۇندىلا خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالالايسىز.